كۆپچىلىككە زۈرۈر ئائىلە رېتسىپلىرى

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-13 18:51:00

1.چىش ئاغرىقىنى ئاددىي داۋالاشنىڭ تۆت رىتسپى 1) بىر چىمدىم كۇچۇلا تالقىنى بىلەن بىر چىمدىم سامساق پوستىنى ئىزىپ تاماكىغا ئوخشاش يۆگەپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ تۈتۈنىنى شوراپ ئېغىز بوشلىقى...


               1.چىش ئاغرىقىنى ئاددىي داۋالاشنىڭ تۆت رىتسپى

           1) بىر چىمدىم كۇچۇلا تالقىنى بىلەن بىر چىمدىم سامساق پوستىنى ئىزىپ تاماكىغا ئوخشاش يۆگەپ، ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ تۈتۈنىنى شوراپ ئېغىز بوشلىقىدا ئايلاندۇرغاندا، چىش ئاغرىقى بىر سائەت ئىچىدە پەسىيدۇ ھەمدە ئاغرىش قايتا قوزغالمايدۇ. دىققەت: تۈتۈننى ئېغىز ئىچىدىلا ئايلاندۇرۇش، ئىچىگە تارتماسلىق لازىم.

          2 ) بىر دانە توخۇ ئۆتى بىر ئاز ئاق ھاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پەلكۈچ بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈلسە ئۈنۈم بېرىدۇ.

          3) تېتىتقۇنى چوكىنىڭ ئۇچىغا يۇقتۇرۇپ، ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزگەندە، چىش ئاغرىقى توختايدۇ.

          4) قېرى قاپاق تېركنىڭ قوۋزىقىنى بىر سائەت قاينىتىپ، ئەلگەكتە سۈزىۋەتكەندىن كېيىن ئىلىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدا ئېغىز چايقاپ بېرىلسە بولىدۇ. دىققەت يۇتۇشقا بولمايدۇ.


              2. باشتىكى كىپەكنى يوقىتىشنىڭ ئىككى رىتسىپى

          1) پىۋىنى بوتۇلكىسى بىلەن ئىلمان سۇغا سېلىپ ئىسسىتىپ، باشنى ئىسسىتىلغان بۇ پىۋا بىلەن يۇغاندىن كېيىن ئادەتتىكى چاچ سوپۇنىدا يۇيۇپ چايقىۋىتىش كېرەك. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قانچە كۈنگىچە قوللىنىلسا، باشتىكى كېپەك يوقىلىدۇ، باش تېرىسى ياكى چاچقا ئەكس تەسىر بەرمەيدۇ.

           2) ساپ ئاچچىقسۇدىن 3-5 قوشۇق تېمىتىلغان ئىلىمان سۇ بىلەن باشنى يۇيۇپ بېرىش لازىم.


                    3 .جاھىل خاراكتىرلىك يۆتەلنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى

           1) پوستى سويۇۋىتىلگەن بىر جىڭ سامساقنى ئېزىپ، سامساقنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق شىكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىپ بەرگەندە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.

           2 ) ئىلى سۆرۈنجان تالقىنىدىن 25گرام، ھەسەلدىن 500گرام، زەنجىۋىلدىن 150گرام تەييارلاپ، بۇ دورىلارنى كۇرۇشكىغا تۆكۈپ، كۇرۇشكىنى سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، قازاننى قازاندىكى سۇ ئاز قالغۇچە قاينىتىش كېرەك. بۇ دورا كۈنىگە 1-2 قېتىم، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىلسە يۆتەل توختايدۇ.

           3) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتى بىلەن بەش دانە چىلان سۇدا قاينىتىلىپ، كۆك يۆتەل بولۇپ قالغان بالىلارغا كۈنىگە بىر قىتىمدىن ئۇدا بەش كۈن ئىچۈرۈلسە بولىدۇ.

           4) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتىنى مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن قوشۇپ، بالىغا بىر قانچە كۈنگە بۆلۈپ ئىچۈرگەندە، كۆك يۆتەل توختايدۇ.

           5) ئىككى كىلوگرام قارا كۈنجۈتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، 200گرام ئاق ھەسەل، 200گرام سوقۇلغان ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۈيى بىلەن تىرىپى چىقىرۋىتىلگەن 200گرام ھۆل زەنجىۋىل قاينىتىلغان سۇغا قوشۇپ قوچۇش كېرەك. بۇ دورا ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بېرىلسە، ياشانغانلاردىكى يۆتەل توختايدۇ، دەم سىقىلىش ياخشىلىنىدۇ.


                 4.زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى

           1) 250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ.

           2) 15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ دورا ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ.

          3) توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ.

          4) 30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك.

          5) 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.


                   5.كۆيۈكنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسىپى

          1) ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆيۈكنى داۋالاش ئۈچۈن، ئوبدان پىشقان، پاكىز يۇيۇلۇپ ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن تاۋۇزنى شاپىقى بىلەن قوشۇپ توغراپ شېشىگە قاچىلاپ قويغاندا، بىر خىل پۇراقلىق سۇيۇقلۇق ھاسىل بولىدۇ. كۆيۈكنى پاكىز سۇدا تازىلاپ، پاكىز داكىنى بۇ سۇيۇقلۇققا چىلاپ، كۆيۈكنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويۇش كېرەك.

          2) رەۋەن تالقىنىنى كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، كۆيۈككە چاپلاش لازىم.

          3) بىر سىقىم توشقان يۇڭىنى پاكىز قاچا ئىچىدە كۆيدۈرۈپ، چۈچۈتۈلگەن كۈنجۈت مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيۈككە سۈركەپ بېرىش كېرەك.


                  6.قاداقنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسپى

            1) ئىككى گرام زەمچە بىلەن ئۈچ گرام كۆكتاشنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازاندا ئاق مونەكچە بولغۇچە قورۇپ تالقان قىلىپ، پوستى ئېلىنغان بىر يېرىم گرام يادەنزىگە قوشۇپ ئېزىپ، ئاندىن ئازراق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن دورا تەييار بولىدۇ. قاداقنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېرتىۋىدا ئويۇپ، ئويۇلغان جايغا تەييارلانغان دورىنى سېلىپ تېڭىپ قويۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

           2) ئازراق ھەسەل ھەرىسى يېلىمى (ھەرە بېقىش ئورنىدا سېتىلىدۇ)نى قاداققا چاپلاپ پلاستېردا تېڭىپ قويغاندا، قاداق بىر ھەپتىدە چۈشۈپ كىتىدۇ.

          3) ئادەتتىكىدىن ھوڭراق ئاياغ سېتىۋىلىپ، ئاياغقا 0.5-0.7سانتىمېتر قېلىنلىقتىكى پېتەكنى سېلىپ، پۇتتىكى قاداققا (پېتەككە ئىز چىقىرىش ئۈچۈن) يود سۈركەپ، ئاندىن ئاياغنى كىيىپ پېتەككە ئىز چىقىرىپ، پېتەكنىڭ ئىز چۈشكەن يېرىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىپ، پېتەكنى ئاياغقا سېلىپ، ئاياغنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن قاداق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

     

     

     ئەسلى مەنبە ئۇيغۇر تىببى تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق