داھىلار ئىچىدىكى ئەڭ

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 08:29:22

داھىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە دۆلەت ۋە سىنىپ پەيدا بولغاندىن بۇيان دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان داھىيلار بارلىققا كەلدى. سانسىزلىغان داھىيلار ئىچىدە، بەزىلەر ئەلەمگە، بەزىلەر...

    داھىلار ئىچىدىكى ئەڭ

     

         ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە دۆلەت ۋە سىنىپ پەيدا بولغاندىن بۇيان دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان داھىيلار بارلىققا كەلدى. سانسىزلىغان داھىيلار ئىچىدە، بەزىلەر ئەلەمگە، بەزىلەر قەلەمگە ماھىر بولۇپ، ئۆز دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىگە ئاجايىب زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىقتىدارسىزلىقتا داڭ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا پۇتلىكاشاڭ بولدى.

    قوشۇمچە ۋەزىپىسى ئەڭ كۆپ پادىشاھ _ ئېلزابېت II . ئەنگلىيە ئايال پادشاھى ئېلزابېت  II دۇنيادىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسى ئەڭ كۆپ پادشاھ. ئۇ ئەنگلىيىنىڭ پادشاھى بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى. تەرەققىي تاپقان كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيەدىن تارتىپ ، گۇانا ۋە گرېناداغىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەنگلىيە ئايال پادشاھى ئالىيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقى، دەپ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسى ئەڭ كۆپ پادشاھتۇر.

    دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز پادشاھ _ تۇپۇ IV. جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى تونگا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پادشاھى تۇپۇII ئالىيلىرى بۇ رايوندىكى ئەڭ قېرى پادشاھ بولۇپلا قالماي بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز پادشاھتۇر. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئەسلىدە 200 كلوگرام ئىدى، ئەمما يېنىك يۈرەك كېسىلىگە گرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئورۇقلاپ 172.5 كلوگرامغا چۈشۈپمۇ يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز پادشاھلىق ئورنىنى ھېچكىمگە بەرمىدى.

    دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاددىي-ساددا پادشاھ _ شۋېتسىيە پادشاھى كارل خۋى گۇستاف ئالىيلىرى. 1980-يىلى كارل خۋى گۇستاف ئالىيلىرى خانىشى بىلەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، مەخسۇس ئايروپلاندا ئولتۇرماي ئادەتتىكى ئاۋىئاتسىيە ئايروپلانى بىلەن ياپونىيەگە بارغان ھەم ئايروپلاندىن چۈشىدىغان چاغدا ئۆزى يامغۇرلۇقنى تۇتۇپ خانىشىنى قولتۇقلاپ چۈشكەن. كارل خۋى گۇستاف ئالىيلىرى دائىم ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا تېرىقچىلىق قىلىدۇ. خانىشمۇ ناھايىتى چىقىشقاق بولۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدۇ، شاھزادە-مەلىكىلەر ئادەتتىكى پۇقرالار يەسلىسىدە بولۇپ، خانىش ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئائىلىدىن ھېچبىر خان جەمەتى كەيپىياتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

    ھېچكىم بىلمەيدىغان پادشاھ _ لېسوتتو پادشاھى موشۇشۇ II ئالىيلىرى. لېسوتتو پادشاھى موشۇشۇ II ئالىيلىرى تەختكە ئولتۇرۇپ يېرىم يىل بولمايلا ۋەزىرى جوناسېن تەرىپىدىن ئىككى قېتىم نەزەربەنت قىلىنغان ھەم 1970- يىلى گوللاندىيەگە بېرىپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمى ياكى پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈش ناھايىتى تەس، شۇڭا ئۇنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.

    ئوردىسى ئەڭ كۆپ پرېزىدېنت _ ساددام ھۈسەيىن. دۇنيادا ساددام ھۈسەيىننىڭ ئىراق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. 1979-يىلىدىن تاكى 2003-يىل 2- ئايغىچە، ئۇنىڭ سەككىز ئاساسلىق ئوردىسى بولغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىراقنىڭ جاي-جايلىرىدا ئۇنىڭ 1058 ئوردىسى بارلىقى مەلۇم، ھەتتا پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان ئوردىسىنىڭمۇ بارلىقى جاھانغا پۇر كەتكەن.

    ئەڭ باي پادشاھ _ئېلزابېت II . ئەنگلىيە ئايال پادشاھى ئېلزابېت  II ئالىيلىرىنىڭ تەختكە ئولتۇرغان چاغدىكى مۈلكى 123 مىليون دوللار ئىدى، خان جەمەتىنىڭ سەككىز ئوردىسى بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە يەر 300 مىڭ ئىنگلىز موسى ئىدى. ئۇنىڭ خۇسۇسىي ھېساباتىغا ھەر يىلى 18 مىليون دوللارلىق ساپ ئىجارە ھەققى كىرىدۇ، دېمەك ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي پادشاھتۇر.

    باش مىنىستىر ئەڭ كۆپ چىققان جەمەت _ نېھرو گەندى جەمەتى. 1947-يىلىدىن بۇيان، نېھرو گەندى جەمەتىدىن ئۈچ  باش مىنىستىر  چىقىپ، ھىندىستاننىڭ  باش مىنىستىرى بولدى. 1947-يىل 8-ئايدا ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندا، نېھرۇ گەندى ھىندىستاننىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلاندى، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ 1964-يىلىغا كەلگەندە ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قىزى ھىندىرا گەندى ئاتىسى ۋاپاتىدىن كېيىن  باش مىنىستىرلىققا سايلاندى. 1984-يىلى ھىندىرا گەندى قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى راجىب گەندى  باش مىنىستىر  بولدى ھەم ئۇمۇ تامىل ئىرام يولۋىسى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق قەستىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. ھازىرقى ھىندىستان يەنىلا نېھرو جەمەتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھىندىستان كونگىرىسلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى دەل راجىپ گەندىنىڭ ئىتالىيەلىك ئايالى سونىيا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە. ھازىرق.ى باش مىنىستىر سىنگىنى سونىيا گەندى كۆرسەتكەن

    دۇنيادىكى تۇنجى ئايال باش  مىنىستېر _ باندرانايك خانىم. 20-ئەسرنىڭ 60-يىلىرىدا دۇنيا بويىچە ناھايىتى جەلبكار بىر ئايال باش مىنىستىر بولغان، ئۇ دەل سرىلانكا باش  مىنىستىرى باندرانايك خانىمدۇر. 1960-يىل 7-ئايدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئايال باش مىنىستىر بۇ مەملىكەتتە سايلىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر مەملىكەتنىڭ ھەربىي، مۇلكىي ھوقۇقىنى تۇتقان تۇنجى ئايال  باش مىنىستىر  بولۇپ قالغان.

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.