ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەڭ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 10:26:35

ئۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ۋاستىسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقلار ئارقىلىقئۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ، بەزىلىرى ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى ئارقىلىق، بەزىلىرى شامال...

    ئۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ۋاستىسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ، بەزىلىرى ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى ئارقىلىق، بەزىلىرى شامال ياكى سۇدا لەيلەپ، يەنە بەزىلىرى پارتىلاپ ئېتىلىپ ياكى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىۋېلىش ئارقىلىق باشقا يەرلەرگە يۆتكىلىپ كۆپىيىدۇ. ئۇرۇقلار ئىچىدە مۇنداق ئەڭلەر بار.

    ئەڭ ئېغىر ئۇرۇق. ئىسسق بەلباغدىكى  پارامىتانىڭ ئۇرۇقى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 40 كىلوگىرام كېلىدىكەن. 


        ئەڭ يېنىك ئۇرۇق. جەنۇبى جوڭگۇدىكى سۇلۇس ئوتىنىڭ ئۇرۇقى بەئەينى چاڭ - تۇزاندەك كۆرۈنمەس بولۇپ، بىر خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چاڭ - تۇزان بىلەن بېرىكىپ ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرىدىكەن.

        ئەڭ چوڭ ئۇرۇق. ھىندى ئوكياندىكى سېيىشل تاقىم ئارىلىدا بىر خىل كوكۇس ياڭاق دەرىخى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ دىيامېتىرى 50 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. ئۇرۇقى بىلەن پوستىنىڭ ئېغىرلىقى 25 كىلوگىرامدىن ئاشىدىكەن. شارائىت ماس كەلگەن تەقدىردىمۇ ئىككى - ئۈچ يىلدا ئاندىن بىخلايدىكەن.

        ئەڭ كىچىك ئۇرۇق. چىپار ئوتنىڭ ئۇرۇقى ئەڭ كىچىك بولۇپ، ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىكەن، 2 مىليون دانە ئۇرۇقنىڭ ئېغىرلىقى ئاران بىر گىرام كېلىدىكەن.

        ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇق. مەملىكىتىمىزدىكى ئارخېئولوگلار 1996 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدىكى شاڭجۇ خارابىسىدىن قەدىمقى نىلۇپەر ئۇرۇقىنى بايقىغان، ئۇ ئاز بولغاندىمۇ 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالغان. بۇ ئۇرۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن بىخلىغان.

        ئۆمرى ئەڭ قىسقا ئۇرۇق. قۇملۇقتىكى سۆكسۆك بىلەن كەترەن ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى ئەڭ قىسقا بولۇپ، پەقەت بىر نەچچە سائەتلا ياشىيالايدىكەن. ئازراق سۇ بولسىلا ئىككى - ئۈچ سائەتنىڭ ئىچىدە بىخلاپ يېلتىز تارتىدىكەن.

        سۇ ئۈزەلەيدىغان ئۇرۇق. كوكۇس ياڭىقىنىڭ ئۇرۇقىدا بىر قەۋەت «سۇ ئۈزۈش كىيىمى» بولۇپ، سۇدا ئۇزاق ۋاقىت چىلىنىپ تۇرسىمۇ سېسىپ كەتمەيدىكەن. شامالغا ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىكەن. ياتما نىلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ قېپىدا «قۇتقۇزۇش جەمبىرىكى» بولۇپ، ئۇرۇقنى خېلى يىراق يەرلەرگىچە لەيلىتەلەيدىكەن. «سۇ ئۈزۈش كىيىمى» ۋە « قۇتقۇزۇش جەمبىرىكى» لەيلەپ يىراق جايلارغا بېرىپ سېسىغاندىن كېيىن ئۇرۇق سۇ تەكتىگە چۆكۈپ بىخلاپ ماكانلىشىدىكەن.

        سەكرىيەلەيدىغان ئۇرۇق. موسكۋا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى جىلغىلاردا بىر خىل «سەكرىيەلەيدىغان پۇرچاق» بولۇپ، ئۇنى ئالقىنىڭىزغا ئالسىڭىز بىر سانتىمېتىر سەكرىيەلەيدىكەن. تېخى موللاقمۇ ئاتالايدىكەن، ئۇنى قىزىق يەرگە قويسا ئىككى سانتىمېتىر سەكرىيەلەيدىكەن، ھەتتا گاھىدا ئۇلاپ سەكرىيەلەيدىكەن.


        قانىتى بار ئۇرۇق. جەنۇبىي جۇڭگودا ئۆسىدىغان ھىندى چوكا دەرىخى ئۇرۇقىنىڭ ئۈچ قانىتى بولۇپ، ئىنتايىن نېپىز ئىكەن. پىشقاندىن كېيىن ئۇرۇق چاناقلىق مېۋىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ھاۋادا بەئەينى بىر توپ كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈپ بىرەر يۈز مېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇچقاندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ ئاندىن بىخلايدىكەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇرۇق