ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 06

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 17:47:43

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 06سەفىيۇددىن رۇمىيەلى ۋە مەھمۇد كاشغەرى ھەققىدەئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك بۇزرۇكۋارلىرى ئىچىدە شۇ قەدەر كاتا ئالىملار ئۆتكەنكى، شەرق دۇنياسى ئۇلارنى تازا ياخشى بىل...

     
    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 06

     سەفىيۇددىن رۇمىيەلى ۋە مەھمۇد كاشغەرى ھەققىدە

     

     

    ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك بۇزرۇكۋارلىرى ئىچىدە شۇ قەدەر كاتا ئالىملار ئۆتكەنكى، شەرق دۇنياسى ئۇلارنى تازا ياخشى بىلمىگەن ۋە لايىقىدا ھۆرمەت بىلدۈرەلمەيۋاتقان چاغلاردا غەرب دۇنياسى ئۇلارنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكەن ۋە ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلاردىن بىرى تۈرك مۇزىكا تارىخىدا ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن نام چىقارغان سەفىيۇددىن رۇمىيەلى بولۇپ، غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنى «سەفىيۇددىن ئۇرمەۋى» دەپ ئاتىشاتتى. 13 ـ ئەسىردە يېتىشىپ چىققان بۇ كاتتا مۇزىكا ئۇستازىنىڭ ئەسەرلىرى ئەپسۇسكى تۈرك مۇزىكا تارىخىغا كىرمىگەن ئىدى. پەقەت رەئۇف يەكتا ئەپەندىلا سەفىيۇددىن رۇمىيەلىنىڭ «شەرىفىيە» ناملىق ئەسىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئەشۇ تەرجىمە ئەسەرنىمۇ نەشىر قىلالماي ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

    بىز قولىمىزدىكى چەكلىك ماتېرياللارغا ئاساسلانغان ھالدا سەفىيۇددىنىڭ 1196 ـ يىلى (ھازىرقى ئىراننىڭ قول ئاستىدىكى) ئەزەربەيجاننىڭ رۇمىيە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. گەرچە قولىمىزدا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئائىت تەپسلى مەلۇمات بولمىسىمۇ، بىراق قولىمىزدىكى ئەشۇ چەكلىك ماتېرياللارغا تايانغان ئاساستا ئۇنىڭ باشلانغۇچ تەربىيەسىدىن كېيىن باغداتقا بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە ئەدەبىيات، خۇشخەت، مۇزىكا دەرسى ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇد (يەنى زەخمەم بىلەن چېلىنىدىغان ساز)نى ئىنتايىن ياخشى چالىدىغان بولغانلىقىنى ھەمدە خۇشخەتتە داڭ چىقارغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

    سەفىيۇددىن 1224 ـ يىلى ئابباسىيە خەلىپىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ ۋە خۇش خەتكە ئىنتايىن ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن كۈتۈبخانىدىكى ئەسەرلەرنىڭ مەخسۇس كۆچۈرمە نوسقىسىنى ھازىرلاپ خەلىپىگە سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ گەرچە خۇشخەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھى دائىم مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. دائىم دېگۈدەك ئۇد چېلىپ، قەلبىنى تارىلارنىڭ مۇڭلۇق سادالىرى بىلەن شاتلاندۇراتتى. ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ خەلىپىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا باشلاپ، پۈتۈن ئىقتىدارىنى مۇزىكىغا ئاتىۋېتىدۇ. 1258 ـ يىلى ئابباسىيە خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سەلتەنەت موڭغۇللارنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمدارى خىلاكۇخاننىڭمۇ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان سەفىيۇددىن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تەبرىزگە كېتىدۇ. تەبرىزدىمۇ ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىپ، «ئىنخانلار دۆلىتى»نىڭ ۋەزىرىنىڭ يېنىدا قالىدىغان بولىدۇ ۋە ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ توختىماي ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ۋە ئەسەرلىرىنى يېزىپ پۈتكۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، شەرق مۇزىكا دۇنياسىدا كاتتا قىممەتكە ئېرىشكەن ئىككى داڭلىق ئەسىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇلاردىن بىرى «فاسىل» ھەققىدە، يەنە بىرى «مۇقام»لار ھەققىدە ئىدى. ئۇنىڭ «رىسالەئىي شەرەفىيە» ئىسىملىك ئەسىرى بىلەن «كىتابۇل ئەدۋار» ناملىق ئەسىرى، شەرق مۇزىكىسىغا ئائىت ئەڭ مۇكەممەل ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئەينى چاغدا بۇ كىتابلار مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىغانلار ئۈچۈن نۇقتىلىق ئاساس ھېسابلىناتتى. شۇڭا بۇ كىتابلار غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا ئىتالىيە مۇزىكلىرىمۇ سەفىيۇددىننىڭ قائىدىلىرىدىن پايدىلانغان ئىدى. ئاتاقلىق مۇزىكا ئۇستازى سەفىيۇددىن يەنە ئىككى خىل سازنىمۇ ئىجاد قىلىپ چىقتى. بۇلارنىڭ بىرى «چاڭ»، يەنە بىرى فارابىينىڭ ئىجادىيىتى ھېسابلىندىغان «قانۇن» ناملىق سازدىن ئىلھام ئېلىپ ياساپ چىققان «مۇزھە» ئىسىملىك ساز ئىدى. قىزىل تېرەك ياغېچىدا ياسىلىدىغان بۇ ساز 81 تارىلىق بولۇپ، ئۇ ئىجاد قىلغان «مۇغەننىي» ئىسىملىك يەنە بىر ساز بولسا، 33 تارىلىق ۋە ئۈچ بۈلۈڭ شەكىللىك ئىدى.

    شەرق مۇزىكىسىغا ئەنە شۇنداق چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان سەفىيۇددىن رۇمەلى، ئەرەبلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ دەۋرىدە ئىنتايىن راھەت ـ پاراغەتتە ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھاياتىنىڭ ئاخىرقىي دەۋرلىرىدە ئېغىر كۈنلەرگە قالغان ئىدى. ئىنىسىنىڭ ئوغلى (يەنى جىيەنى)نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت قىلالمايدىغان، ھېچ بىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان بولۇپ قالغان بولغاچقا، پۈتۈن مال ـ مۇلكىنى خىراجەت قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قەرزگە بوغۇلۇپ، ھەتتا قەرزنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان ئىدى. بۇ كاتتا تۈرك سەنئەتچىسى ئىنسانىيەت تارىخىدا شۇنچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى قاپ ـ قاراڭغۇ، زەي پۇراپ تۇرىدىغان بىر زىنداندا ئاخىرلاشتۇرۈپ، 1294 ـ يىلى 98 يېشىدا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى. مۇزىكا تارىخىدىكى ئىجادىيەتلىرى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرى بىلەن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھالغا كەلگەن بۇ كاتتا تۈرك سەنئەتچىسىنى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

    ************************************************

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! 10 ـ ۋە 11 ـ ئەسىر تۈركلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان بولۇپ، بۇ چاغلاردا تۈركىي مىللەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو، ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران، ئانادولۇ ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا قەدەر كېڭەيتكەن ئىدى. تۈركچىلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ساناقسىز دۆلەتلەردە تۈرك تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆگىتىش ۋە كەڭ تارقىتىش ئىستىكى تۈرك ئالىملارنى بۇ ھەقتە خىزمەت كۆرسىتىشكە يۈزلەندۈرگەن ئىدى. دەل ئەشۇ دەۋرلەردىلا تۈرك تىلىغا ئائىت جەمئىي 21 ئەسەر يېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرى ئىدى.

    ئەسەرنىڭ ئىسمى «تۈرك تىللىرى چوڭ لۇغىتى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە بۇ كىتابتا، قەدىمقىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 900 يىل ئىلگىرىكى تىللىرى، كۆز قاراش، پىكىرلىرى، مىللىي روھلىرى ۋە ياراتقان مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بىز بۇ كىتابنى ئوقۇغىنىمىزدا 900 يىل ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىپەك قول ياغلىقى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە كىيىم ـ كېچەكلىرىنىڭ پۇرلاشقان يەرلىرىنى تۈزلەش ئۈچۈن دەزمال ئىشلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. بۇ ئەسەردە يەنە تۈركلەرنىڭ ئاياللارغا ۋە كىچىك بالىلارغا بولغان مىھرى ـ شەپقىتىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ ئەسەر تۈركچە لۇغەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرك تىلى گېرامماتېكىسىنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى، قەدىمىي جۈملىلەر ۋە ئەدەبىيات ئۆرنەكلىرى ئاساسىدا كۆز ئالدىمىزدا ئېنىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. 319 ۋاراقتىن تەركىپ تاپقان بۇ قوليازما ئەسەر يالغۇز بىرلا نۇسقا بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىككىنچى بىر نۇسقىسى تېپىلىپ باققىنى يوق.

    مەھمۇت كاشغەرى تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھۆججەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى ئىسلامچىلىق ئېقىمى جەريانىدا تۈركلەرنىڭ ئىنتايىن كاتتا، پەرقلىق ئورۇنغا ئىگە بولۈپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇ تۈركچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك»نىڭ بېشىغا مۇنداق دەپ كىرىش سۆز يازىدۇ:

    «كۆردۈمكى، ئۇلۇغ تەڭرى دۆلەت قوياشىنى تۈرك قەلئەلىرىدە چاقناتقان ۋە ئۇلارغا ھاكىمىيەت ئاتا قىلغان. ئۇلارنىڭ مۈلكى ئۈستىدە كۆكنىڭ پۈتۈن گەردىشىنى ئايلاندۈرۇۋاتقانلىقىنى، يەنى، پاتماس قوياشى بولغان ئىمپېراتورلۇقلىرىنىڭ دەۋر سۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. تەڭرى ئۆزى ئۇلارغا «تۈرك» دەپ نام بەردى. تۈركلەرنى يەر يۈزىنىڭ خاقانلىرى قىلدى. زامانىمىزنىڭ خاقانلىرى ئۇلاردىن مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىگەنلەرنى ئەزىز قىلدى. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆز دەردىنى ئاڭلىتىشى ھەمدە تۈركلەرنىڭ قەلبىنى خوشال قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن سۆزلىشىشتىن باشقا يول يوقتۇر ۋە ھەممەيلەننىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى شەرتتۇر».

    دېمەك، مەھمۇد كاشغەرى ئۆز مىللىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئەسىرىنىڭ بېشىغىمۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى يازغان ۋە «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك»نى باغداتتا يېزىپ پۇتكۈزۈپ ئابباسى خەلىپىسىگە سوۋغا قىلغان ئىدى.

    ئۇنىڭ بۇ كاتتا لۈغەت كىتابىنى باغداتتا خەلىپە بىللاھقا سۇنغانلىقى، بەلكىم بۇنچە چەكسىز قىممەتكە ئىگە بىر ئەسەرنىڭ شۇنچە ئەسىرلەرگىچە ئىلىم ـ مەرىپەت دۇنياسىدىن مەخپى ساقلىنىپ قېلىشغا سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئەسىرىنى 1072 ـ يىلى 25 ـ يانۋاردا يېزىشنى باشلاپ، 1074 ـ يىلى فېۋرالدا پۈتكەزگەن ۋە تۆت قېتىم قايتا ـ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان ئىدى. ئەمما بۇ تەڭداشسىز قىممەتلىك ئەسەر خۇددى بىز ئىلگىرى ئېيتقاندەك ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىلىم دۇنياسىدا بىلىنمەي كەلدى. «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك»نىڭ قانداق تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىمۇ ئاجايىپ قىزىقارلىق.

    ******************************************

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسلىدە ئىستانبۇل دىۋان يولىدا «دىيارباكىر قىرائەتخانىسى» دەپ بىر يەر بار ئىدى. 1916 ـ يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىلىم مەرىپەت دۇنياسىنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى شۇ يەرگە جەم بولۇپ، ھەر خىل تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ئاتاقلىق تۈركىلوگلاردىن ئەلى ئامىرى ئەپەندى سۆز قىلىپ ـ «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك» ناملىق بىر ئەسەردىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن «نامىنى ئاڭلىدۇق ئەمما كۆرۈپ باقمىدۇق» دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئەلى ئامىرى ئەپەندى قول ئىلكىدە دەل شۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كىتاب بازىرىدىن ئۇنى قانداق سېتىۋالغانلىقىنى ئۇزۇن ھېكايە قىلىپ بەردى، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەن بۇ قىممەتلىك ئەسەرگە ئەنە شۇنداق ئىگە بولدۇم. بۇ يالغۇز بىر كىتابلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر تۈركىستان دۆلىتىدۇر. ھەتتا پۈتۈن جاھاندۇر. مەن بۇ ئەسەرنى قانچىلىغان كۈنلەرگىچە ئۆيۈمدىن چىقماي ئولتۇرۇپ كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدىم. ئاخىرى كىتابنىڭ قىممىتى ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا كۆچۈپ، زىيا گۆكقالىپنىڭ قۇلۇقىغىچە يېتىپ بېرىپتۇ. ئىلىم ـ مەرىپەت مەشئەلى ۋە مەشھۇر تۈرك تەتقىقاتچىسى زىيا گۆكقالىپ بۇ كىتابنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما مەن قەتئىي كۆرسەتكىلى ئۇنىمىدىم» دەپ سۆزلەپ بەردى.

    بىراق زىيا گۆكقالىپ بۇنداق قىممەتلىك ئەسەرنى بوش قويىۋېتىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاخىرى ۋەزىرى ئەزەم تالات پاشانىڭ ۋاستىشى ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مانا شۇنداق قىلىپ، «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك» ئىككى جىلد شەكىلدە بېسىلىپ چىققان ئىدى.

    *********************************************

    ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئەجداتلىرى ئوغۇزلار دىيارىدىكى ئىشىغ كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان «بارسگان» (يەنى بالاساغۇن) شەھىرىدىن ئىدى. دادىسى ھۇسەيىن كېيىنچە قەشقەر شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگن بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرى قەشقەردە تۇغۇلغان ئىدى. تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما 11 ـ ئەسىردە ئۆتكەنلىكى ۋە شۇ ئەسىردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم.

    مەھمۇد كاشغەرى ئوغۇز بەگلىكلىرىدىن بولغان ئاقسۆڭەك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەمەتى «ئەمىرلەر» دەپ ئاتىلاتتى. بۇنىڭدىن بىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قارىخانىيلار دۆلىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئۇ ئالىم بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى قورالنىمۇ ناھايتى ياخشى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان كىشى ئىدى. ئوغۇز جەمەتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى دائىم باشقا تۈرك جەمەتلىرىدىن ئايرىم تۇتقان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئىنتايىن ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسيادىكى خېلى نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەرنى ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ شىۋېلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىققان ئىدى. بۈيۈك سەلجۇق ھۆكۈمدارى مەلىكشاھنىڭ قاراخانىيلاردىن بولغان ئايالى تۇركان خاتۇن قەشقەرلىك پۈتۈن ئالىملارنى بىر يەرگە توپلىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەھمۇد كاشغەرى بار ئىدى.

    ئەينى چاغدا قەشقەرلىك ئالىملار پات ـ پات باغداتقا بېرىپ ـ كېلىپ تۇراتتى. مەھمۇد كاشغەرىمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ، باغداتقا باردى ۋە يېزىۋاتقان «دىۋانۇل لۇغاتۇت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنى شۇ يەردە تاماملىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قاچان ۋاپات قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، بىراق مەيلى ئۇنىڭ قەيەردە، قانداق شەكىلدە ۋاپات بولغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، يېزىپ قالدۇرغان ئەسىرى بىلەن مەڭگۈ ئۆلمەس ھالغا كەلگەنلىكى ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىزغا تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە بىر ئەسەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىز ئۇنىڭ بىلەن نەقەدەر ئىپتىخارلانساق يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ.

     

    --------------------------------------------------------------------------------
     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.