قۇتادغۇبىلىك

يوللىغۇچى : Gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-27 16:47:00

« قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 11-ئەسىردىكى شەرقى قاراخانىلار دەۋرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان بەدىئىي قامۇس بولۇپ داستاننىڭ بىزگىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن....

     
      « قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 11-ئەسىردىكى شەرقى قاراخانىلار دەۋرىدە  يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان بەدىئىي قامۇس بولۇپ داستاننىڭ بىزگىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ بىرى:كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن 1439-يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى، ئىككىنچىسى14-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مىسىر ياكى قاھىرە نۇسخىسى،ئۈچىنچىسى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن، ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا نەمەنگان ياكى پەرغانە نۇسخىسى.

    «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز زامانىسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئوبدان قوللانمىسى سۈپىتىدە شۆھرەت قازىنىپ داڭق چىقارغان. شۇڭا بۇ ئەسەر قايسى پادىشاھ ۋە قايسى ئەلگە يېتىپ بارسا، شۇ ئەلنىڭ ھاكىم ۋە ئالملىرى قوبۇل قىلىپ، ئالاھىدە ناملارنى بەرگەن.چىنلىقلار«ئەبەدۇل مۈلۈك»،ماچىنلىقلار«ئاينۇل مەملىكە»، شەرق مەملىكەتلىرىدە «زىننەتۇل ئۇمرا»، ئىرانلىقلار«شاھنامەئى تۈرك» ۋە بەزىلەر «پەندەنامەئىي تۈرك» دېگەن ناملار بىلەن بايان قىلىدۇ. قارا خانىلار خانى ھەسەن بىننى سۇلايمان ھارۇن بۇغراخاننىڭ بۇ كىتاب ئۈچۈن ئاپتورغا «خاس ھاجىپ» دېگەن نامنى بەرگەنلىكىمۇ كىتابنىڭ زور شۆھرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر پاكىت. قۇتادغۇبىلىكنىڭ بۇنچىلىك شۆھرەت قازىنىشى سەۋەبسىز ئەمەس،چۈنكى بۇ ئەسەردە ئۆزدەۋرىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىلغان دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ ئىلغان ئىدىيىلەر جەملەنگەن بولۇپ،دەۋرنىڭ تەرەققىپەرۋەرلىك خاھىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئاپتور ئۇلۇغ ئەدىب سۈپىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ئۇلۇغ بىر پەيلاسوپ ۋە ئالىم سۈپىتىدە دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدە، دۆلەت ۋەجەمىيەت، ئەخلاقىي پەزىلەت ھەمدە ئىلىم-مەرىپەت ھەققىدە ئاجايىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بايان قىلغان. ياخشى خىسلەت، ئار-نومۇس، ئادالەتنى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق، تەييارتاپلىق، يالغانچىلىق، خەسسىسلىكنى زىيانلىق دەپ ھېسابلاپ،شۇ ئاساستا ئاپتور ئادالەت، بەخت-سائادەت، ئەقىل-ئىدراك ۋە قانائەتتىن ئىبارەت تۆت سىمۋولنى دۆلەت باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت قىلىپ جانلىق شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قۇتادغۇ بىلىك