كەلگۈسىدىكى ھەمراھىڭىزنى قانداق تاللاشنى

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-28 23:40:00

كەلگۈسىدىكى ھەمراھىڭىزنى قانداق تاللاشنى ئۆزىڭىزنىڭ بىرىنى سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىغىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق تەساۋۋۇر قىلىڭ: ئۇ قېرىپ ، ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېل...

    كەلگۈسىدىكى ھەمراھىڭىزنى قانداق تاللاشنى

        ئۆزىڭىزنىڭ بىرىنى سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىغىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق تەساۋۋۇر قىلىڭ: ئۇ قېرىپ ، ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالامسىز؟
      ئۇنىڭ دائىم كېسەل بۇلۇپ قالدىغانلىقىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا، سەل ئۇمۇدسىزلەنسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بۇلۇشقا بولمايدىغان  كىشىدۇر.
        ساغلام ئادەمنى سۆيۈش قىيىن ئەمەس. نامرات كىشىنى سۆيۈش بىر خىل تاللاش. كېسەلچان كىشىنى سۆيۈش تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى. ئۆزىمىز ياخشى كۆردىغان كىشى كېسەلچان بۇلۇپ قالسا، بىز ئۇنى يەنىلا  سۆيەمدۇق؟
        بۇلار گەرچە نەچچە ئون يىللاردىن كېيىنكى ئىش بولسىمۇ، بىراق ئۇ سىزنىڭ سۆيىشىڭىزگە ئەرزىمدۇ، يوق، بۇنى ھازىرلا بىلىشىڭىز كېرەك. شۇ چاغدا، ئۇنى يەنىلا سۆيىدىغان بولسىڭىز، بۇ يەنىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئوخشاشلا قېرىپ، ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشنى خالامسىز؟ ئۇ بولسا خاتىرجەملىك ھىس قىلالىسىڭىز ، ئۇ كىشى دەل سىز  ئىزدىگەن كىشىدۇر.
        ئەگەر سىز ئۇنىڭ قېشىڭىزغا كېلىپ يوقلاپ كېتىشىنىلا ئۇمۇد قىلسىڭىز، ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە سىزنى يولەپ تۇرغۇزىشىنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ كىشى سىز ئۆرۈرلۈك ھەمراھ بۇلۇشنى ئارزۇ قىلدىغان  كىشى بولماسلىقى مۇمكىن .
       ئەڭ ئاجىز ۋاختىڭىزدا ئۇ كىشىنىڭ يېنىڭىزدا بۇلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇ كىشىمۇ ئەڭ ئاجىزلاشقان ۋاقىتتا  ئۇنىڭغا  ئىچ ئاغرىتالىسىڭىز، ھەر ئىككىڭلار بىر -بىرىڭلارغا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولالايسىلەر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق