غەزەللەر(سىدىق ھاجىئەلى)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-04 18:09:00

1 ئەي گۈزەل ھۆسنڭدە بوستان،كۆزلىرىڭ يۇلتۇز-چىراغ، شولىدەك قەدەملىرىڭدىن قالغىنى ھىجران پىراق. چاچلىرىڭ قارا كېچىدۇر،نازلىرىڭ ئەپسۇن-سېھىر مەن گادايغا بىر نەزەرىڭ يوللىرى مۈشكۈل-يىراق. تاڭدىكى...

    1 ئەي گۈزەل ھۆسنڭدە بوستان،كۆزلىرىڭ يۇلتۇز-چىراغ، شولىدەك قەدەملىرىڭدىن قالغىنى ھىجران پىراق. چاچلىرىڭ قارا كېچىدۇر،نازلىرىڭ ئەپسۇن-سېھىر مەن گادايغا بىر نەزەرىڭ يوللىرى مۈشكۈل-يىراق. تاڭدىكى شامالغا ئوخشاش بىلىنەر نازۇكلىقىڭ، يەلپۈشى بىر لەھزە بولمىش ۋۇجۇدۇم قالمايدۇ ساق. تىلىكىم جەننەت ئەمەسكى،مىڭ بالا رەنجى بىلەن، ئاي يۈزۈڭنى بىر قىتىم ۋىسال تۈنىگە چىللىماق. ئختىيار قىلدىڭ ئەجەپكىم گۈل-گۈلىستان سەيلىسى، نەئامال قىسمەت پۈتۈلمىش<ئاھ،جان>دەپ يىغلىماق. 2 جانىجانىم،سەن ئۈچۈن غەم ئۆلكىسى ماكان ئەمەس، ئېيتىلۇر،گۈلگە باياۋان زەخمىتى ئاسان ئەمەس. يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ بۇ خاكىسارلىق بابىدا، بۇلبۇلدەك پىغان چېكىشىم كۆزۈڭدىن پىھان ئەمەس. يىغلا مەجنۇن،ياشلىرىڭدا نوھ كېمىسى ئۈزگۈسى، كۆز بۇلۇپ ياش بولمىسا،ئۇ چىن سۈپەت ئىنسان ئەمەس. 3 رەقىبنىڭ كۆزىدە قان ياش ،لېۋىڭدىن بىر سۆيۈش بەرسەڭ، زېمىن تەۋرەر ئاياغىڭدا،يىلاندەك تولغۇنۇك كەلسەڭ. ئەركنىڭ ئەينىكى سۇندى،خۇمارلىق نەزەرىڭ بىرلە، ئىشىقنىڭ ئېتىغا مىندىم،ھاياتىم ئالىمىدە جەڭ. نىتەي قىسمەت قارا بولدى،ۋاپادىن ئاچمىدىڭ بىر سۆز، جۇدالىق چۆلىدە قالدىم،ۋىسال مەنزىلى مىڭ پەرسەڭ. ئايا دوستلار،دىدىم ساچىم ئۆسۈپ گەدەنگە چۈشكەندە، مىنىڭدەك ناتىۋان جان يوق،پەلەكنىڭ بۇرچىنى كەزسەڭ. ئامانلىق تىلدىم ھەركۈن،ۋاپاغا يەتمىكىڭ ئىزدەپ، كۆزۈمنىڭ نۇرىدا پىدا،ئەگەردە خوش دىمەي كەتسەڭ. 4 بىر قەدەھتە مەيپۇرۇش،ناخۇش دىلىمنى شاد ئەت، مىڭ مالامەت-پىتنىلەردىن قىل جۇدا ،ئازادە ئەت. ئىككىدە سۆزلە لەتىپە،قاقاقلاپ كۈلسۇن كۈڭۈل، ئۈچ قەدەھتە بىر كەيىپ قىل،خۇشلىقىم زىيادە ئەت. تۆت بىرلە چال ساتارنى جۆر قىلىپ دادەي بىلەن، بەش قەدەھ دەل ئاي مەسەللىك نازىنىن شاھزادە ئەت. ئالتىنى سۇن،ئۇر مۆرەمگە يۆلەپ قوي سىلكىشلىمەي، يەتتىدە مەجنۇن قەدەمنى چۇش تامان پىيادە ئەت.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق