دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت قاتار

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 08:09:49

دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت قاتار قاتار دۇنيادىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئەمەس. ئەمما قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق سىياسىتى د...

    دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت قاتار

     

    قاتار دۇنيادىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ئەمەس. ئەمما قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت  ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق سىياسىتى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. قاتاردىكى بىر يېرىم مىلىيۇندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ 90% پايتەخت دوھادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاھالىنىڭ 80% ھىندىستان، پاكىستان،بېنگال، مىسىر ، يەمەن، ئىئوردانىيەلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر دۇر. قاتاردا قاتارلىقلار 20%، باشقا مىسىرلىق، يەمەنلىكلەر قوشۇلۇپ بارلىق ئەرەبلەر ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ ئاران 40%نى ئىگەلەيدۇ.
         تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاتار نوپۇسى 20مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېڭىزدىن مەرۋايىت سۈزۈش بىلەن شۇغۇللىناتتى. نېفىت ۋە تەبىئى گاز بۇ دۆلەتنى ئۆزگەرتتى. قاتارنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونلىرىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى قۇملۇق بولسىمۇ ھازىرقى كۈندە ئاسمان پەلەك بىنالار قاتارنى دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى دۆلەتكە ئۆزگەرتتى.

    قاتارلىقلار كېسەل كۆرسىتىشكىمۇ ئاساسەن پۇل خەجلىمەيدۇ

    قاتار ھەقىقەتەن باي دۆلەت بولۇپ، نېفىت كىرىمىنىڭ پۇخرالارغا تەقسىم قىلىنىش نەتىجىسىدە قاتارلىق كىشىلەر  تۇرمۇشىدىن قىلچە ئەنسىرمەيدۇ. سىز قاتاردا تۇغۇلغان ، ھەقىقى قاتارلىق ئادەم بولسىڭىز، سىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە كېسەل كۆرسىتىشكە بىر پۇڭمۇ خەجلىمەيسىز. ھەتتا تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ، توك، گاز قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ھۆكۈمەت تەمىنلەيدۇ، پۇقرالار بۇلارغا پۇل خەجلىمەيدۇ. يەنە تېخى قاتار ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى قاتارلىق بولسا ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ.
    قاتاردىكى چەتئەلدىن كەلگەن بىر كىشى مۇنداق دېدى:« قاتارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى ناھايىتى ياخشى. سىز مەيلى قاتارلىق بولۇڭ ياكى بولماڭ پەقەت قاتارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولسىڭىزلا كېسەل داۋالىتىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە پۇل خەجلىمەيسىز. ئالدىنقى قېتىم مېنىڭ بىر دوستۇم ئاشقازىنى قاناپ كېتىپ، ئىككى ھەپتىدەك دوختۇرخانىدا ياتتى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ ھېساۋات قىلىدىغاندا پەقەت ئالتە قاتار پۇلىلا تۆلىدى. دوختۇر ئالتە قاتار پۇلى دېگەن ۋاقىتتا دوستۇم خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ، قايتىدىن  سورىدى. ئو ھەقىقەتەن ئالتە قاتار پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندە، دوختۇر بىلەن ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق».
    دۆلەت ئىچىدە نىفىت ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، قاتاردا ماشىنا ھەيدەش بەك قولايلىق. ئەگەر سىز قاتارغا بېرىپ قالسىڭىز  قاتار كوچىلىرىدا كېتىۋاتقان سىز سان-ساناقسىز جىپ، باۋما، بېنىز قاتارلىق ماشىنىلارنى كۆرىسىز.
    قاتارنىڭ مەكتەپلىرىدە نۇرغۇنلىغان قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، 17-16ياشلاردىكى بالىلارنىڭ ھەيدىۋالغىنىمۇ كادىلاك، بېنىز ۋە باۋما قاتارلىق ماركىلاردىكى ماشىنىلار. «ھەقىقى قاتارلىقلار بەك باي، شۇڭا ئۇلار ماشىنا ھەيدىسىمۇ ياخشىسىنى ھەيدەيدۇ.»
    قاتار پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت. ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بار. خان جەمەتىدىكىلەر قاتاردىكى  ئەڭ ئابرويلۇق ۋە ئېسىلزادىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قاتاردا ئۇقۇيدىغان چەتئەللىك بىز قىز مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ سىنىپتا بىرقانچە خان جەمەتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى بار. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى باي بولۇپلا قالماي يەنە، ئائىلىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى». بۇ قىز يەنە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بىر قېتىم خان جەمەتىدىن بولغان ساۋاقدېشىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ خۇددى قورغانغا ئوخشايدىغانلىقىنى، چوڭلۇقى بىر ناھىيىنىڭ كۆلىمىدەك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ يەنە « ئۆي بەك چوڭ بۇلۇپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن. ئەگەر ئارلىقى يىراقراق جايغا بارماقچى بولسا، يېرىم سائەتتىن كۆپرەك مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا ئۇلار قورا ئىچىدە ماشىنا ھەيدەپ يۈرىدىكەن» دېدى.
       قاتارلىقلار باي بولۇپلا قالماي يەنە، پۇل خەجلەشكە بەك ئۇستا. خۇاڭ يىجىڭ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ قاتارلىق ساۋاقدېشىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى CHANNELياكىCDماركىلىق ئىكەنلىكىنى، سومكىلىرىنىڭ بولسا LV ماركىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ سېتىۋالماقچى بولغان ماركىدىكىسى قاتاردا بولمىسا 40مىنۇت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، دۇبەيگە بارىدىغانلىقىنى، دۇبەيدىمۇ بولمىسا يەنە ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ياۋرۇپا ياكى ئامېرىكىغا بېرىپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.


    قاتاردا نېفىت كۆكتاتتىن ئەرزان


    قاتار نېفىت ۋە تەبئي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ. قاتاردا نېفىت سۇدىنمۇ ئەرزان. ھەر لېتىر نېفىتنىڭ باھاسى تەخمىنەن سەككىز مۇ قاتار پۇلى(يەنى 2.5يۈەن خەلىق پۇلى)كېلىدۇ.
    قاتارنىڭ دۆلەت ئىچىدە نېفىت پۇلغا يارىمايدۇ. لېكىن قاتارغا زور ئىقتىسادىي قىممەت يارتىپ بېرىدۇ. چۈنكى قاتارلىقلار ئانچە ئىشلەپ كەتمەيدۇ، شۇڭا قاتارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە. ئاساسلىق شەھەرلىرى ئاۋات بولغاندىن سىرىت باشقا جايلىرى قۇملۇق. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ بايلىقىدىن سىز ئۇلارنىڭ زادى قايسىسىنىڭ بايلىقىنى پەرىقلەندۈرەلمەيسىز.
    قاتار قۇملۇق بىر دۆلەت بولغاچقا، قاتارلىقلانىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىدۇ. يەيدىغان ، ئىشلىتىدىغان ھەتتا ئۆي سېلىشتا ئىشلىتىدىغان خىش، شېغىل قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالىدۇ. بۇ دۆلەتتە نېفىتتىن باشقا ھېچنىمە يوق. ھەممىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىدىغان بولغاچقا، قاتاردا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىنتايىن قىممەت. ئىگىلىشىمىزچە، قاتاردا بىر جىڭ چىڭسەينىڭ باھاسى 10قاتار پۇلى، بىر جىڭ ياڭيۇنىڭ باھاسى 5 قاتار پۇلى ئىكەن.
    قاتاردا كۆكتاتلار قىممەت بولۇپلا قالماستىن يەنە، تاتلىقسۇمۇ قىممەت. ئادەتتە قاتار تاتلىقسۇنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ياكى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئۇلار ناۋادا سۇ ئىچمەكچى بولسا تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالىدۇ. بىر قۇتا مېنىرالسۇنىڭ باھاسى 4 قاتار پۇلىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.