Re:قېنى كىم بار؟

يوللىغۇچى : Parol يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-19 21:46:00

قېنى كىم بار؟ مەن بار! بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بەندىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارالغان. ھالالنى ھارام قىلىش ھارامنى ھالال قىلىش بىلەن باراۋەر گۇناھ! ياراتقۇچى بىزگە نىئمەت قىل...

     

    قېنى كىم بار؟

    مەن بار!

    بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بەندىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارالغان. ھالالنى ھارام قىلىش ھارامنى ھالال قىلىش بىلەن باراۋەر گۇناھ! ياراتقۇچى بىزگە نىئمەت قىلىپ بەرگەن ئاشۇ گۈزەللىكلەردىن، ھوزۇر- ھالاۋەتلەردىن،يېمەك-ئىچمەك، مال-دۇنيالاردىن بەلگىلەنگەن سىزىقتىن چىقماي تۇرۇپ بەھىر ئېلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.

    بىز ھامان يارالغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قارلۇق ئەپەندى دېگەندەك تەپەككۈرىمىز ھەرقانچە چەكسىزلىككە ئىگە بولسىمۇ ئۆلۈم ئالدىدا ھامان ئامالسىز، دېمەك بىزگە تەپەككۈرىمىزدىن ھالقىغان تەپەككۈر قارار قىلغان قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ ياشىماقتىن باشقا ياخشى يول يوق. چۈنكى بىزنى ياراتقۇچى بىزنىڭ تەپەككۈرىمىزنىڭمۇ ياراتقۇچىسى.

    ئىلاھى كىتابلار ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن سىزىقلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھوزۇر ھالاۋەت خالتىڭىزدىكى ئۇن بىلەن باشقىلارنىڭ خالتىسىدىكى ئۇندەك پەرقلىنىدۇ. ھەر ئىككىلى خالتىدىكى ئۇن ھالال قىلىنغان، ئەمما بىرى سىزگە بىرى ئۇنىڭغا!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق