گېنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى=General Electric

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-06 15:35:00

گېنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى=General Electric ئۇيغۇرچە: گنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى ئەنگىلىزچە: General Electric خەنزۇچە: 通用电气 بۇ باش شىتابى ئامېرىكا كوننېكتوت شىتاتىغا جايلاشقان، كەشپىيات ئاتىسى توماس ئېدىسون 1878-يىلى...

     

    گېنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى=General Electric

    ئۇيغۇرچە: گنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى     ئەنگىلىزچە: General Electric  خەنزۇچە: 通用电气
      بۇ باش شىتابى ئامېرىكا كوننېكتوت شىتاتىغا جايلاشقان، كەشپىيات ئاتىسى توماس ئېدىسون 1878-يىلى قۇرغان شىركەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ، تېخنىكا، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن، دۇنيادىكى يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە تارماق شىركەتلىرى تەسىس قىلىنغان، 340مىڭدىن ئارتۇق خادىمى بار. دۇنيادىكى شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان700مىڭغا يېقىن پاتنېتى ۋە ئەنئەنىۋى پاتنېت كىرىمىدىن باشقا يەنە ئايروپىلان ماتۇرى، گېنېراتۇر سېستىمىسى، داۋالاش ئۈسكىنىلىرى، پىلاستىك ماتېرىيال، پۇل-مۇئامىلە، NBC ئاخبارات شىركىتى، سانائەت سېستىمىسى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، تىرانسىپورت سېستىمىسى قاتارلىقلار شىركەتنىڭ ئاساسلىق كەسىپ دائىرىسى بولۇپ،1989-يىلىدىن بۇيانقى ئىجرائىيە لىدىرى، دۇنيادىكى ئەڭ نادىر لىدىر دەپ نام ئالغان جېك ۋېلچ(Jack welch)  نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شىركەت تېز ئىلگىرىلەپ 2000-يىلىدىن 2006-يىلىغا قەدەر 3مىلىيارت 485مىلىيۇن دوللارلىق بازار قىممىتى بىلەن دۇنيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. گەرچە بۇ يىل نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدەك ئامىللار تۈپەيلى ExxonMobil نېفىت شىركىتى 200مىليۇن دوللار پەرق باھا بىلەن بازار قىممىتى جەھەتتە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما 675مىلىيارت 300مىلىيۇن دوللارلىق مەبلىغى بار بولغان  گېنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھى  يەنىلا دۇنيادىكى ئۇنۋېرسال رىقابەت كۈچى ئەڭ زور شىركەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

    گېنېرال ئېلىكتېر گۇرۇھىنىڭ سىنبەلگىسى:

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق