ئەڭ دەسلەپكى نەشە

يوللىغۇچى : artan يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-11 01:41:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ... 2008-يىلى 12 -ئايلاردا «تورونتو قۇياش»گىزىتى، ئامرىكا فوكىس خەۋەرلەر تورى،ئاۋىستىرالىيە خەۋەرلەر تورى،ئەنگىليە مىترو گىزىتى دىگەندەك دۇنيادىكى نۇرغ...

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ...

          2008-يىلى 12 -ئايلاردا «تورونتو قۇياش»گىزىتى، ئامرىكا فوكىس خەۋەرلەر تورى،ئاۋىستىرالىيە خەۋەرلەر تورى،ئەنگىليە مىترو گىزىتى دىگەندەك دۇنيادىكى نۇرغۇن تور بەتلەردە «2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى» دىگەن خەۋەر ئارقا ئارقىدىن ئىلان قىلىندى . ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماقالە خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەردە كۆرۈلمىدى. مەن بۇ خەۋەرنى شۇ ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلاشقان ئىدىم ،ئەمما ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقرالمىغان،بۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن،شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

        2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى ئوتتاۋا.
       تەتقىقاتچىلار جۇڭگۇنىڭ يىراق بىر رايونىدىكى قەبرىدىن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى نەشىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئىيىتتى. تەجىربە بوتانىكىسى ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ماقالىسىدە «بۇ كەندىر قالدۇقلىرىنىڭ ساقلانغىنىغا تەخمىنەن 2700يىللار ئەتراپىدا بولغان ھەم كىيىم كىچەكلەرگە ئىشىلىتىش ياكى ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنىقلا روھى داۋالاش دورىسى سۈپىتىدە ئۆستـۈرۈلگەن» دەپ يىزىلغان.
        789گىرام قۇرۇق كەندىر جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى تۇرپانغا يىقىن بولغان بىر جايدا سىرىق چاچ،كۆك كۆزلۈك كافكاز ئىرىقىغا تەۋە بىر كىشى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بولۇپ بەلكىم بۇ كىشى قوش مەدىنيىتىگە تەۋە شامان بولىشى مومكىن . بۇ جاينىڭ ئىنتايىن قۇرغاق ھەم تۈزلۇق تۇپرىقى ساقلىغۇچلۇق رولىنى ئوينىغان بولۇپ تەتقىقاتچىلارنى گەرچە پۇرىقى قالمىغان بولسىمۇ ئەمما تىخىچە يىشىل رەڭدە تۇرغان نەشە قالدۇقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلىش ئىمكانىيتى يارىتىپ بەرگەن.
        «بىلىشىمىزچە ،بۇ قىتىمقى تەتقىقات كەندىرنىڭ دورىگەرلىك ساھەسىدە ئاكتىپ ئىشىلتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئەڭ قەدىمى پاكىت بىلەن تەمىنلەپ بىرىدۇ » دەيدۇ ئامرىكىلىق نىرۋا ئىلمى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئىسان.ب.رۇسسۇ، ئۆزى باش بولۇپ يازغان يىقىنقى بىر ئىلمى ماقالىسىدا . كەندىر قالدۇقلىرى قەدىمكى مىسىر قەبرىلىرىدىنمۇ بايقالغان ھەم گرىك تارىخچىسى ھىرودۇت قاتارلىق بەزى تارىخچىلارنىڭ كىتابىدىمۇ كەندىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تىلغا ئىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قەبرىدىن چىققان كەندىر باشقا جايلاردىن بايقالغان ،تەركىبىنى ئىنىقلاشقا بولىدىغان كەندىرلەرگە قارىغاندا يىل جەھەتتىن ئەڭ قەدىمى ھىسابلىنىدۇ. كۆپ قىسىمى جۇڭگۇدا تۇرۇپ تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقان 18 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ تەتقىقات گورۇپىسى كەندىرلەرنىڭ ئۈستىدە كاربون يىل ئانالىزى ھەم گىن ئانالىزى قاتارلىق بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ باردى. ئالىملار يەنە كوزىدا ساقلىنىپ قالغان 100 تالدەك كەندىر ئۇرۇقىنى ئۆسـتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ مۇۋاپىقيەت قازىنالمىدى. بۇ نەشىنىڭ تەركىبىدە خىلى يۇقىرى مىقداردا THC تەركىبى- كەندىرىدىكى بىر خىل ئاساسلىق تەركىب- بايقالدى،ئەمما بۇ نەشىلەر بەك قەدىمى بولغاچقا ئۇلاردىكى بۇ تەركىپنىڭ ئىنىق نىسبىتىنى ئىنىقلاش مومكىن بولمىدى. تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ نەشىنىڭ چىكىش ئارقىلىق ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى بىۋاستە يۇتۇلغانلىقىنى ئىنىقلىيالمىدى،چۈنكى 45ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ شاماننىڭ قەبرىسىدىن نەشە چىكىشتە ئىشلىتىلدىغان غاڭزا دىگەندەك سايمانلار تىپىلمىدى .
       بۇ نەشە قالدۇقلىرى تىرە خالتىغا سىلىنىپ ياغاچ كوزىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ قەبرە ئىگىسى شاماننىڭ ئۇ دۇنيادا ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇلغاندەك تۇرىدۇ. «بۇ ماتىريال ئىنىقكى كەندىر، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق ئانالىز قىلشقا بولغۇدەك ماتىرياللارغا ئۇچراپ باقمىغان ئىدۇق» دەيدۇ رۇسسۇ كانادا مەتبۇئاتى بىلەن مۇسسۇلا.مونىتتا قىلغان سۆھبىتىدە،« قەبرىلەرگە ئاخىرەتتە ئىشلىتىلدىغان ماتىرياللارنى قويۇپ قويۇش ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال،ھالبۇكى بۇ قەبرىگە قويۇلغان ئۇرۇق ھەم كەندىرلەر ھەرگىزمۇ كىيىم توقۇش ياكى يىمەكلىك ئورنىدا ئىشلىشىتش مەقسىدىدە قويۇلمىغان.بەلكى تىبابەتچىلىك ۋە ياكى خىيالى سىزىم پەيدا قىلىشتا ئىشلىتىش مەقسىدىدە قويۇلغان» بۇ قەبرىدىن يەنە ئات نۇقتىسى،ئوقيا ماتىرياللرى ھەم بىر قالۇن (ئىنگىلىزچە竖琴 harp ) بايقالغان بولۇپ قەبرە ئىگىسىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. رۇسسۇ گ ۋ دورىگەرلىكى دىگەن بىر شىركەتنىڭ دائىملىق مەسلىھەتچىسى بولۇپ بۇ شىركەت Sativex دەپ ئاتىلدىغان،كەندىردىن پايدىلىنىپ ياسالغان،ھەر خىل راك ھەم قىتىش خاراكتىرلىق كىسەللەر ئۈچۈن ئاغرىق پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىغان دورىنى ياساپ چىققان ھەم كانادادا بۇ دورىنى قانۇنلاشتۇرغان. (ئىككى ئابزاس ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار قالدۇرۇلدى) بۇ خەلقىئارا ئۆلچەمدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگىليىدىكى بوتانىكا ژۇرنىلىدىدا مۇشۇ ھەپتە ئىلان قىلىنغان بولۇپ بۇ ژۇرنال مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىىش ئارقىلىق بۇ ژۇرنالدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ھەم ئوبىكتىپ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
        رۇسسۇ يەنە« جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى ھازىرغىچە قىزىلغان 500دىن ئارتۇق قوش مەدىنيىتىگە تەۋە قەبرىلەردىن پەقەت ئىككىسىدىنلا نەشە قالدۇقى بايقالدى، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى پەقەت قىسمەن شەخىسلەرلا نەشە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ياكى بولمىسا نەشە تىببى دورا ئورنىدا شامانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كىشىلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەن ،دىمەك كەندىر نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن » دەيدۇ. رۇسسۇ 20 يىلدەك نىرۋولىگىيە ساھەسىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ ئۇ يىقىندا كەندىرنىڭ تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى ماقالىسىگە نىسبەتەن «مەن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مەسلىنىڭ (كەندىردىن ياسالغان دورىلارنى چەكلەش چەكلىمەسلىك) ئارقىسىدىكى سىياسى ئامىللارنى ساقىت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن » دەيدۇ.
        بۇ قەبرىلەر جايلاشقان جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايونى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەندىرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. (تۈگىدى) بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىلى دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ بولسا ھازىر دۇنيادىكى بەزى زەھەر خاراكتىرلىق دورىلارنىڭ قانۇنلۇق بولۇش بولماسلىق مەسلىسى دورىگەرلىك ساھەسىدە قىززىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئەمما يۇقۇردىكى تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرگە 2700 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھەم شۇ ئارقىلىق زەھەرلىك چىكىملىك تەركىبىنى ئالغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلىقىنى،شۇڭا بۇ جەھەتتە بەزى سىياسى چەكلىمىلەرنى بوشىتىش زورۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. (ئىنگىلىىزچە خەتلەر بەتنىڭ كۆرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن،شۇڭا ئىنگىلىزچىغا قىزىقىدىغانلار قوشۇمچە ھوججەتتىن كۆرۋالساڭلار بولىدۇ). بۇ ماقالىدىن نىمىلەرنى بىلىش مومكىن ؟
    1. دىيارىمىزدا ياشىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان قەدىمكى كىشىلەر دۇنيادا تۇنجى بولۇپ نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغان، بۇ دىيارىمىز تىبابەتچىلىك تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلىقىنى بىلدۇرىدۇ
    2. بىلىشمچە ھازىرغا قەدەر كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار پەقەت كىروران ھەم نىيە،چەرچەن دىگەندەك جايلاردىن كۆپلەپ بايقالغان بولۇپ تۇرپان رايونىدىن بايقالغان كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار خەۋەرلەردە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. يۇقارقى خەۋەردىكى 2700يىللىق كافكاز ئىرىقىغا تەۋە كىشىنىڭ تارىختا تۈركى قەۋىملەر ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئىلىپ بارغان تۇرپاندىن بايقىلىشى ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
    3. قوش (خەنزۇچە 车师ياكى 姑师) تۇرپاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى قەدىمكى نامى بولۇپ مۇندىن 2700يىللار بۇرۇنقى مەزگىل دىڭلىڭ ياكى تىلى قەبىلىرىنىڭ بايقال كۆلى بويلىرىدىن جەنۇپقا كۆچىۋاتقان دەۋىرلەرگە توغرا كىلىدۇ. جەنۇبقا كۆچكەن دىڭلىڭلار ئىگىز ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن يەنە قاڭقىل دەپمۇ ئاتالغان . تارىخى مەلۇماتلاردا دىڭلىڭلار ياكى تىلىلارنىڭ شۇنداقلا قاڭقىللارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى توغرىسىدا ئانچە ئىنىق بايانلار بىرىلمىگەن بولۇپ بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھالبۇكى ئارخىلوگىيلىك پاكىتلار بولسا دىڭلىڭ،تىيلى،ھەم قاڭقىللارنىڭ تىپىپ كافكاز ئىرىقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ مومىيانىڭ تىپىلىشىمۇ ھەم بۇ خىل قاراشنى كۈچلۈك ماددى پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    [mamut تەستىقلىدى . 2010-5-12 13:23:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نەشە