قەدىمكى يىپەك يولى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-16 11:28:00

قەدىمكى يىپەك يولى جوڭگۇ - يىپەك يولى يۇرتى ، يىراق قەدىمكى زاماندا ، جوڭگۇنىڭ يىپەكلىرى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ تىرىشچنالىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى ناھايتى كۆپ جايلارغا ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇنىڭ ئىچى...

        قەدىمكى يىپەك يولى

         جوڭگۇ - يىپەك يولى يۇرتى ، يىراق قەدىمكى زاماندا ، جوڭگۇنىڭ يىپەكلىرى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ تىرىشچنالىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى ناھايتى كۆپ جايلارغا ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ، جوڭگۇ يىپەكلىرى قەدىمكى زاماندىكى ياۋروپاغىمۇ ئېلىپ بېرىلغانىدى . ئەينى ۋاقىتتا ، جوڭگۇ يىپەكلىرىنى ياۋروپاغا توشۇيدىغان ئىككى ئاساسلىق يول بولۇپ ، بىرى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ، يەنە بىرى دېڭىز ئارقىلىق توشۇلاتتى. قۇرۇقلۇق يولى جوڭگۇدىن باشلىنىپ غەربكە قاراپ ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ا ئارقىلىق شىمالىي ئافىرىقا ۋە ياۋروپاغا يېتىپ باراتتى؛ دېڭىز يولى جوڭگۇدىن باشلىنىپ غەربكە قاراپ تىنىچ ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىغا يېتىپ باراتتى. ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇقلۇق يولى ناھايتى زور رول ئوينىغانىدى ، ئادەت يۈزسىدىن ، كىشلەر قۇرۇقلۇقتىكى جوڭگۇ بىلەن شىمالىي ئافىرىقا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان سودا يىپەك يولى دەپ ئاتىغان . يىپەك يولىدا يالغۇز يىپەك ۋە يىپەك توقۇلمىلا توشۇلمايتتى. كېيىن بەزىلەر دڭىز يولىنى دېڭىز ئۈستىدىكى يىپەك يولى دەپ ئاتىغان . « يىپەك يولى » دېگەن بۇ ئۇقۇمنى رىشخوفىن ئىسىملىك گېرمانىيلىك جۇغراپىيەشۇناس  ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان .

         1877- يىلى ، ئۇ « جوڭگۇ » دېگەن كىتابىدا جوڭگۇنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، جوڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يىپەك توشۇشنى ئاساس قىلدىغان بىر سودا يولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . دەرۋەقە ، بۇ ئانچە مۇكەممەل قاراش ئەمەس ئىدى . كېيىن ئالىملار كۆپ تەرەپلىمە ئىسپاتلاش ئارقىلىق ، يىپەك يولىنىڭ ئۇقۇمى دائىرىسى ۋە ئىچكى مەنىسىنى تەدىرىجى تولۇقلاپ بېيىتقان ، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يىپەك يولى دېگەن ئۇقۇم بېكىتلگەن . ئارخېئولۇگىيلىك ئىسپاتلارغا قارىغاندا ،قەدىمكى زاماندا جوڭگۇ ئۈجمە دەرىخى تىكىش، پىلە بېقىش ۋە يىپەك توقۇلمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى .

         شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن يېغىلىق دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلىدە ، جوڭگۇنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان ئەتراپىغا ئېلىپ بېرىلغان . غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، جوڭگۇنىڭ قۇدىرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ ، جوڭگۇنىڭ غەربىدىكى يول تېخىمۇ راۋانلاشقان ، جاڭ چىيەن غەربىي رايونغا بارغاندىن كېيىن ، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونغا كېلىدىغان ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي ، يىپەك يولى تېخىمۇ راۋانلاشقان . شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، جوڭگۇ گەن يىڭنى داكچىنغا ئەلچىلككە ئەۋەتكەن ، گەن يىڭ چالجىيغا بېرىپ ، دېڭىزغا دۇچ كەلگەندىن كېيىنلا  جوڭگۇغا قەيتىپ كەلگەن . يىپەك يولى ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ يىپەك قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ، شىمالىي ئافىرىقا ، ھەتتا ياۋروپاغا ئۈزلۈكسز توشۇلۇپلا قالماي ، چەت ئەلنىڭمۇ بىر مۇنچە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى جوڭگۇغا توشۇلغان، چەت ئەللىك بىر مۇنچە سودىگەرمۇ جوڭگۇغا كەلگەن . يىپەك يولى ئەمەلىيەتتە ئاساسەن بىر يۆنىلىش ، خالاس . ھەقىقىي يىپەك يولى بىر يول بىلەن چەكلەنمەيتتى. ئۇنىڭ بەزى تارماقلىرى بار ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى لىنىيمۇ ئوخشاشمايتتى. ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى جوڭگۇ تەۋەسىدىكى بۆلىكىنىڭ ئاساسى يۆنلىشى ئەڭ دەسلەپتە مۇنداق ئىدى : جوڭگۇنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى پايتەختى چاڭئەندىن باشلىنىپ ، خېشى كارېدوردىكى ۋۇۋېي ، جاڭيى ، جيۇچۈەن ، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ، يۈمىنگۈەن ياكى ياڭگۇەن قورۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، كىرورەن ( ھازىرقى لوپنور ) گە باراتتى. يىپەك يولى كىرورەندىن باشلىنىپ ، غەربكە قارا كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ چېدىر ( ھازىرقى  كورلا ) ، بۈگۈر ، كۈسەن ( ھازىرقى كۇچا ) ، قۇم ( ھازىرقى ئاقسۇ ) دىن ئۆتۈپ سۇلى ( ھازىرقى قەشقەر ) غا باراتتى، جەنۇبىي يول پىچاندىكى مىرەن قەلئەسىدىن باشلىنىپ ، ھازىرقى چەرچەن دەرياسىنى بويلاپ چەرچەن ، ئۇدۇن ( ھازىرقى خوتەن ) قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇب ئارقىلىق قەشقەرەە باراتتى. قەشقەردىن يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا باراتتى. كېيىن ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى ، تەبئي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ، يەنى جەنۇبىي يولنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ياكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ، يەنە تارىختا « يېڭى ئاتالمىش شىمالىي يول » ، « ئوتتۇرا يول » ، « دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يول » ، « شىمالىي يېڭى يول » دەپ ئاتالغان يېڭى يوللار ئېچىلدى . بۇ يوللار قەشقەردىن غەربكە سوزۇلۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ ، فەرغانە ، باكتېرىيە ، بۇخارا ( ئارساك) قاتارلىق قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشاتتى . بۇ يەرلەردىن يەنە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا ئىككى دەريا ۋادىسى ۋە شىمالىي ئافىرىقىغا بارغىلى بولاتتى . خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، بۇ يەرلەر رىم ئىمپېرىيسىنىڭ تەسىر دائىرسىدە ئىدى . سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ، جوڭگۇنىڭ دېڭىز سودىسى گۈللىنىشكە باشلاپ ، جوڭگۇ تاۋارلىرى دېڭىز يولى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ھىنىدىستان ، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي ئافىرىقا قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى ، شۇڭا بەزىلەر دېڭىزدىكى بۇ سودا يولىنى دېڭىز يىپەك يولى دەپ ئاتىغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يىپەك جوڭگو