دۇنيا بويىچە ئەڭ مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 08:11:55

دۇنيا بويىچە مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا بېرىكلى بانكىسىغا ئوخشاش مەبلىغى 3تىرلىيۇن دوللاردىن ئاشدىغان بانكىلارنى رەتكە تىزماي پەقەت شىركەتلەرنىلا تىلغا ئالغاندا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر...

    دۇنيا بويىچە مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا

     

      بېرىكلى بانكىسىغا ئوخشاش مەبلىغى 3تىرلىيۇن دوللاردىن ئاشدىغان بانكىلارنى رەتكە تىزماي پەقەت شىركەتلەرنىلا تىلغا ئالغاندا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخس- تېلېفوننىڭ ئىجادچىسى ئالېكساندىر بېل قۇرغان، باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شەھىرى برودۋاي كوچىسىدىكى 195 - نومۇرلۇق «بېل سىستېمىسى» دۇنيا بويىچە مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا.
     ئۇ، ئامېرىكىدىكى چوڭ - كىچىك تېلېفۇن ۋە تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ 1976 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئومۇمىي بايلىقى 80 مىليارد 156 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ شىركەتنىڭ 123 مىليون تېلېفۇنى، 927 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى بار. 1974 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە بۇ شىركەتكە پاي قوشقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق شىركەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن. ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق پايچىكتىن 20 مىڭ 109 ى، 1961 - يىلى 4 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنغا قاتنىشىپ دۇنيا بويىچە رېكورت ياراتقان.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دۇنيا بويىچە مەبلەغ