دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئۇنۋېرسىتېت

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-27 18:06:00

ئەنگىلىيىنىڭ بۇلىستور شەھرىدىكى ۋىسفود ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئۇنۋېرسىتېت. بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئۈچ ئېغىزلا ئۆيى بار، ئومۇمى كۆلىمى پەقەت 31 كۋادىرات مېتىر. ۋىسفوت ئۇنۋېرسىتېتىنى بۇي...

         ئەنگىلىيىنىڭ  بۇلىستور شەھرىدىكى ۋىسفود ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئۇنۋېرسىتېت. بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئۈچ ئېغىزلا ئۆيى بار، ئومۇمى كۆلىمى پەقەت 31 كۋادىرات مېتىر. ۋىسفوت ئۇنۋېرسىتېتىنى  بۇيىل 74 ياشقا كىرگەن ئانتون بانتوك قۇرغان . بۇ ئۇنۋېرسىتېتتا بانتوك بىرلا ئوقۇتقۇچى بار. ئۇنۋېرسىتېت يەنە بانتوكنىڭ ئۆيى، مېھمانخانا ئۇنىڭ دەرسخانىسى، ھوجرىسى ئۇنىڭ ئىشخانىسى. ۋىسفود ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى  تىياتىرچىلىق، تارىخ، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ياۋرۇپا بىناكارلىغى تارىخىي قاتارلىق كۆپ خىل پەن بويىچە تەربىيەلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 150 ئوقۇغۇچى ۋىسفود ئۇنۋېرسىتېتىدا قەرەلسىز ئوقۇيدىكەن، ۋىسفود ئۇنۋېرسىتېتى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىغا ئوخشايدىكەن، بىر ئوقۇغۇچى بىر سائەت دەرس ئاڭلىسا بىر ياكى ئىككى فوندستېرلىڭ ھەق ئالىدىكەن.
     ‏-‏-‏-‏-‏-
    ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق