ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ يۇقۇرى تېمپېراتۇرا

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-06-04 02:57:00

«1–ئىيۇن››كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلدى ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى چېن چۈنيەننىڭ 1 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دىن ئاشقاندا ت...

    «1–ئىيۇن››كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

        ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى چېن چۈنيەننىڭ 1 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دىن ئاشقاندا تونۇشتۇرىشىچە، 2009-يىلى ‹‹1 – ئىيۇن›› كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا تارىخىي رېكورت يارىتىلىپ،تىمپىراتورا 36.2 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن.

        تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشقان، لېكىن شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 1 – ئىيۇن كەچتىن 2 – ئىيۇن كۈندۈزگىچە ئىلى دەريا جىلغىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن 2 – ئىيۇن كېچىدىن 4 – ئىيۇنغىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا جىلغىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ رايونلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرىقى جايلاردا 4  5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىداشامال كۇچى 7  8 بالغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. لېكىن قۇمۇلنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا  يۇقىرى تېمپېراتۇرا  37 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا  يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33  35 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن، تۇرپان – پىچان – توقسۇن ئويمانلىقىدا  يۇقىرى تېمپېراتۇرا 42 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 1 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن يۇقىرىقى رايونلارغا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق سىگنالى چىقاردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەڭ