ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-30 17:23:00

ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك يىل ئۆتتى، ھەممە ياق ئالتۇنرەك تۇسكە كىرگەن، مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ئالتۇن كۈزدە ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن قەدەم ئالدۇق، خىلمۇ_خىل غايە، مەقسەت، ئال...

    ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك

        يىل ئۆتتى، ھەممە ياق ئالتۇنرەك تۇسكە كىرگەن، مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ئالتۇن كۈزدە ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن قەدەم ئالدۇق، خىلمۇ_خىل غايە، مەقسەت، ئالىي تىلەكلەرنى باغاشلاپ تۇرۇپتۇق. ئالىي مەكتەپ دىگەن نېمە؟ ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟ بۇ ئالدىمىزدىكى موھىم تاللاشلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ قويايلى:

    1. چوقۇم مۇستەقىل خاراكتېر، مۇستەقىل ئىدىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇستەقىل، خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدىغان خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەر ئىزدەنمەيدىغان، توغرا دەپلا مەسىلىلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: مائارىپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنپ كەتمەڭ.

    2. ئاچا يول- رىقابەت كۈچىڭىزنى ئۇرغىتىڭ. مەيلى سىز خىزمەت، سودا، ئۆگىنىش بولسۇن، چوقۇم ئۈچ ئاچا يولدىكى مەلۇم بىرسىنى ئېنىق تاللاپ، شۇ خىل تاللىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن ئوخشىمىغان كەسپىي ھاياتىڭىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان يادرولۇق رىقابەت كۈچىڭىزنى قانداق قىلىپ ئۇرغىتىشنى ئېنىق پىلانلاڭ. پەقەت كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلگىنىڭىزدىلا، ئۆزىڭىزنىڭ زادى نىمىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايسىز.

    3. كەسپ ۋە مەكتەپنى ياخشى تاللاڭ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن سىزنى سىز ئوقۇغان مەكتەپ ۋە كەسپكە ۋەكىل بولالايدۇ، دەپ قارىماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى كەسپىنىڭ ياخشى، مەكتىپىڭىزنىڭ داڭلىقلىدىن پەخىرلىنىپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كەتمىسۇن، ھەم شۇنداقلا داڭدار مەكتەپكە، بازارلىق كەسپكە كىرەلمىدىم، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپمۇ يۈرمەڭ.

    4. مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى. ئون دانە %10 ھەرگىزمۇ %100 كە تەڭ ئەمەس، بەلكى نۆلگە تەڭ. ئەگەر سىزنىڭ ئون تۈرلۈك ئىشىڭىزنىڭ ھەر بىرسىنى %10 نىلا قىلالىسىڭىز، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە سىز بىر يارىماس، خالاس. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزدە چوقۇم كۈچلۈك بولغان رىقابەت كىرىزىسى تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك.

    5. مالىيە باشقۇرۇشنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىڭ. نامرات ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنى ۋە ئويلايدىغىنى پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى پۇل تىجەش. ناھايتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بەكلا بەتخەجلىك قىلىدۇ. ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى بىر ئايلىق مۇئاشى يېرىم ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشكە يەتسىچۇ كاشكى........

    6. كومپيۇتېر ئۆگىنىڭ. قىزلارغا نىسبەتەن كومپيۇتېر سىنقويغۇ، ئوغۇللارغا نىسبەتەن ئۇيۇنچۇق بوپ قالسا بولمايدۇ. سىتودىنتلار چوقۇم زۆرۈر بولغان كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىش كېرەك. كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە شۇنچە كۆپ پۇرسەت ئىمكانىيەتلەر تۇرۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغۇچە Excel دا بىرەر جەدىۋەل، PowerPoint تا بىرەر ئورگىنال، Word تا بىرەر بەت ماتېرىيال كىرگۈزۈپ تەھرىرلىيەلمىسىڭىز، ئېچىنىشلىق ئىش ئەمەسمۇ؟

    7. قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك پۇلى بۇلۇشى شۇ ئادەمنىڭ شۇنچىلىك قىممەتكە يارايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنىلا ئىپادە قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ يىگانە ھالدا قانچلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قانچلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بەكرەك تەكىتلەيمىز. سىزنىڭ تاپقان پۇلىڭىزنىڭ %12.5 ى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي بىلىمى ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولسا، %87.5 ى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا قولغا كەلگەن بولىدۇ. 30 ياشتىن بۇرۇن كەسپ ئارقىلىق پۇل تاپسىڭىز، 30 ياشتىن كېيىن باردى-كەلدى، مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق پۇل تاپىسىز. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا باشقىلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشىنى، قانداق مۇناسىۋەتلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. كىم بىلىدۇ، ھازىر تونۇشقان دوستىڭىز بىر كۈنلەرگە كېلىپ سىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىڭىز بوپ قالامدۇ؟

    8. توردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. ئىنتېرنېت تورى گەرچە چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەپتۇن بوپ قالسىڭىز، نۇرغۇن زېھنىڭىز، ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسز.

    9. مۇھەببەتلىشىشكە چەك قويۇڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاشلىۋەتمەڭ.

    10. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش مەسىلىسىنى ئەتىراپلىق ئويلىشىڭ. ئاسپىرانتلىىققا ئىمتىھان بېرىشنى ئاكتىپ ئىلگىرلەشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىۋالماڭ. ناھايتى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش پاسسىپ شەكىلدىكى قۇتۇلۇش شەكلى، ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىق خالاس. شۇڭا پۇرسىتى كېلىپ قالسا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋېلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    11. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مەستانە بولۇپ كەتمەڭ، شۇنداقلا چەتئەلنى جەننەتتەك ھېس قىلىپمۇ كەتمەڭ. ھازىر چەتئەللىكلەر ھە دىسىلا جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ پۇل تېپىشنى نىيەت قىلىۋاتسا، سىزگىمۇ ھامان قىلغىلى ئىش چىقىدۇ.

    12. "قوڭومدا ھېچنىمە يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى" بولۇپ قالمىسۇن. ئىقتىساسلىقلارنى تاللاش بازىرىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈپمۇ كەتمەڭ، قورساق ئاچ تۇرۇقلۇق تاماق تاللاش سىزنىڭچە ئاقىلانىلىكمۇ؟ شۇڭا نەزىرىدىڭىزنى بەك ئۈستۈن قىلۋالماڭ.

    13. خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئۇرۇنلارغا بېرىدىغان تەرجىمھالىڭىزدا چوقۇم كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكلەر ئەكس ئەتسۇن. تەرجىمھالىڭىزدا بىرنى سورىسا بىرىگىلا جاۋاپ بېرىشكە قارىغاندا، مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى سەل كۆپتۈرۈپ قويسىڭىزمۇ خېلى ئۈنۈمى بوپ قېلىشى مۇمكىن.

    14. كەسپنى خاتا تاللاش-ئەخلەت بىلەن باراۋەر. شۇڭا سىز خىزمەت ئىزدىگەندە سىزنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىشنى قىلىڭ. ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. خىزمەت ئىزدەيدىغان ۋاقىتتا ناھايتى كۆپ ساندىكى ياشلار ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەتراپلىق ئويلانمايدۇ. ئەلۋەتتە ئات تاپقۇچە ئېشەك مىنىپ تۇرغان ياخشى، ئەمما چوقۇم سىزگە ماس كېلىدىغان ئېشەكنى تېپىپ مىنەلىگىنىڭىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي تۇلپارغا ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا دەيمىز، تۇنجى قېتىملىق خىزمەت ئىشىڭىزغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىڭ.

    15. چوڭ شىركەت بىلەن كىچىك شىركەتتىكى ئىش ئوخشىمايدۇ. تاكىتىكا جەھەتتىكى مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چوڭراق شىركەتتە ئۆسۈش-ئۆسەلمەسلىك سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىزگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خوجايىننىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قانداقراق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىگىمۇ باغلىق. شۇڭا ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئۆزىڭىزنى قوغداشنى، ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

    16. "يېتىپ ئۆلگەندىن ئېتىپ ئۆلگەن ياخشى". ئەمەلىي خىزمەتلەر داۋامىدا "يۇمشاقباش" بولۇپ قېلىشتىن، خەق نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىشتىن (ئەلۋەتتە ئىشنىڭ خاراكتىرىگە ۋە ئىشنىڭ دەرىجىسى، ئۈنۈمىگە قارايمىز-دە _____ تەرجىماندىن) ساقلىنىڭ. يەنى سىزدە چوقۇم ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان جاسارەت ۋە روھ بولسۇن. ئەگەر سىزدە باشقىلارغا ئىشلەشتىنلا قانائەت تاپىدىغان بىر خىل تۇيغۇ بولسا، مەيلى مۇئاشىڭىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىز ھامان باشقىلارغا ئىشلەشتىن ئىبارەت تەقدىردىن قۇتۇلالمايسىز.

    17. ئالىي مەكتەپتە كۈتۈپخانىلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۆگىنىشىڭىزنى بوشاشتۇرماڭ-ئىمكان بار كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىڭ. ھازىر پۇرسەتنىڭ بارىدا بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقىۋالمىسىڭىز، ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشقا مەڭگۈ ۋاقتىڭىز چىقمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسقېتىپ قېلىشى ناتايىن، ئەمما سىز ئۆگەنگەن مەلۇم بىلىمىڭىزنىڭ بىر كۈنى ئەسقاتماي قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟ شۇڭا بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ پىشىپ بولغۇچە كىتابلاردىن پايدىلىنىپ كۆرىۋالغان ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بېلىق تۇتۇش ئۈچۈنمۇ تور ياكى ئىلغا بولمىسا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق