ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 09:45:02

ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئالتۇن - ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە پايدىلانغان مىتاللارنىڭ بىرى . ئۇ ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ۋە يالتىراقلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاساسلىقى...

    ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت

     

               ئالتۇن - ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە پايدىلانغان مىتاللارنىڭ بىرى . ئۇ ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ۋە يالتىراقلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاساسلىقى پۇل ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ قەدىمدىن بۇيان ئىنسانىيەت بايلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن . ھازىر پۈتكۈل دۇنيادىكى مەلۇم بولغان ئېچىش قىممىتىگە ئىگە ئالتۇن زاپىسى 31مىڭ توننىغىمۇ يەتمەيدۇ .

        جەنۇبى ئافرىقىدا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ بۇلۇپ ، دۇنيا ئالتۇن زاپسىنىڭ 60-65 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ ، شۇڭا جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا بويىچە ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان .
        جەنۇبى ئافرىقىدا ئالتۇن قېزىش 1886-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالغان بولۇپ ، 1898-يىلىدىن باشلاپ ئالتۇن مەھسۇلاتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن .
       1970-يىلىغا كەلگەندە ، جەنۇبى ئافرىقىنىڭ يىللىق  ئالتۇن مەھسۇلاتى 1000توننىغا يىتىپ ، ئەڭ يۇقىرى رىكورىت يارىتىلغان . جەنۇبى ئافرىقىدا ھازىر چوڭ كۈلەملىك ئالتۇن كانلىرىدىن 40ى بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كروكېرسدورپ كان رايۇنىدىكى ئورىنفۇسى ئالتۇن كانىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 66توننىغا يىتىپ ، دۇنيا بۇيىنچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى دەپ ئاتالدى.
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.