مىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانغا سەۋەبىم بار

يوللىغۇچى : تىلەكداش يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-21 00:15:00

مىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانغا سەۋەبىم بار ھازىر مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئۆستى،لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسەمدۇ-يوق بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى مەمۇرلارنىڭ موئاشى بىلە...

      مىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانغا سەۋەبىم بار

          ھازىر مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئۆستى،لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسەمدۇ-يوق بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى مەمۇرلارنىڭ موئاشى بىلەن تەڭ ئۆسۈشى كېرەك. چۇنكى بونىڭغا مىنىڭ مۇنداق بىر قانچە تۇرلۇك سەۋەبىم بار.

        بىرىنچى، قانۇن بولغان ئىكەن ئىجىرا قىلىش كېرەك.  ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى 6-باب25-تارمىقىدا ئېنىق قىلىپ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە موئاشى چۇقۇم دولەت مەمورلىرىنىكىدىن تۈۋەن بولماسلىغى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. مائارىپ قانۇنىدىمۇ بۇ جەھەتتە ئىزاھات بىرىلگەن.
        ئىككىنچى،ئوقۇتقۇچى خىزمىتىنىڭ خاراكتىرى ۋە مۇھىملىقى بەلگىلىشى كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى -ھازىر. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- كەلگۈسى. خىزمەتنىڭ سالمىقى جەھەتتىن ئالغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېغىر ، بۇنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن:بەش مەمۇر ى خادىم بىلەن بەش ئوقۇتقۇچىنى بىر يەرگە ئېلىپ كەلسە ،خەلق ئەڭ ئاسانلا پەرىقلەندۇرەلەيدۇ. ئورۇق، چىرايى سارغايغان، كىيىملىرى ئادەتتىكىچە ، چىرايىدىن سەممىلىك چىقىپ تۇرۇدىغىنى دەل جاپاكەش ئوقۇتقۇچى. ئەكسىچە بولغىنى مەمۇرلاردۇر.
        ئۈچىنچى، كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەر ،پىلان خاتىرلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەچتە يەنە داۋاملىق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن كىم  قايسى بىر مەمۇرنىڭ خىزمەتنى ئويىدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن؟
        تۆتىنچى، يۇقۇرى ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر دائىم «قانچە نامىرات بولساق مەيلىكى،مائارپنى نامىرات قۇيۇشقا بولمايدۇ،قانچە جاپا تارتىشقا رازى بولساقمۇ،بالىلارنى جاپاغا قويمايمىز » دەپ شۇئار توۋلايدۇ. لېكىن بىز ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟ بىز لېيفىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، پۇتۇن نىيتىمىز بىلەن خەلىق ئۈچۇن خىزمەت قىلىمىزمۇ؟ماددىي جەھەتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىۋېتىمىزمۇ؟
         بەشىنچى...........................
        ئالتىنچى.............................
    مەن ،موشۇنچە يازاي، سىلەرمۇ دەپ بېقىڭلار ، سەۋەبىڭلارنى..................
    قانۇنغا خىلاپ ئىنكاسلارنى يازماسلىقڭلارنى ئومۇت قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق