دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››

يوللىغۇچى : hunwolf يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-18 15:18:11

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرئان كەرىم›› بۇ يىل 17-نۇيابىر كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازانغا كەلتۈردى. ئىتالىيەنىڭ رېۋېرا شىركىتى تەرىپىدىن بېسىلغان ۋە ئېغىرلىقى 800 كىلوگرام كىلىدىغان بۇ قۇرئاننىڭ تاتارىستانغا

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››

     

     

    Dünyanın En Büyük Kuran-ı Kerim

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرئان كەرىم›› بۇ يىل 17-نۇيابىر كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازانغا كەلتۈردى. ئىتالىيەنىڭ رېۋېرا شىركىتى تەرىپىدىن  بېسىلغان ۋە  ئېغىرلىقى 800 كىلوگرام كىلىدىغان بۇ قۇرئاننىڭ  تاتارىستانغا كەلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاندىكى قۇل شەرف جامىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تاتارىستاننىڭ سابىق باشقانى (پرىزدىنتى) ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مىنتىمىر ساۋمىيېف، تاتارىستاننىڭ باشقانى ئىلدار خالىكوف ۋە رۇسىيە مۇفتىلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى راۋىل گاينۇددىن قاتارلىق كۆپ كىشىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. تاتارىستان مىنىستىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىلان قىلغان بايانىتىدا بۇ ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ مىلادى 922- يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئىتىل بولغارلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەسىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، كېلەر يىلى يازدا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان كۈننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بىنا قىلىنىدىغان ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر قۇل شەرف جامىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان. ئىتالىيەدىكى شىركەتكە تاتارىستان مەدەنىي ۋە تارىخىي ئەسەرلىرىنى جانلاندۇرۇش فۇندى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنىپ نەشىر قىلدۇرۇلغان بۇ قۇرئاننىڭ ئۇزۇنلىقى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر بولۇپ، 622 بەت قىلىپ بېسىلغان.

     

    خەۋەرنى يۈسۈپجان ياسىن يوللىغان.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.