تىرىك كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئەر

يوللىغۇچى : qadimitash يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-13 12:38:00

تىرىك كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئەر مەنبە : « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق پەيزۇللا بىلەن زۇلپىيە توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئائىلىسىدە جىدەل قۇرىمىدى . بىر كۈنى قو...

    تىرىك كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئەر     

     مەنبە : « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى »     
    ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق پەيزۇللا بىلەن زۇلپىيە توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئائىلىسىدە جىدەل قۇرىمىدى . بىر كۈنى قوشنا دۇكاندىكى يىگىت زۇلپىيەنىڭ ساتىراشخانىسىغا كىرىپ چاچلىرىنى تاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈردى . دەل بۇ چاغدا پەيزۇللا ساتىراشخانىغا كىرىپ كەلدى . --- مۇلازىمىتىڭ ياخشىكەن -- ھە؟ ئەرلەر ئۈچۈنمۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدۇم دىگىن ، -- دىدى پەيزۇللا خوتۇنىغا تەنە قىلىپ . يىگىت ئاھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ چىقىپ كەتتى ، ئەمما پەيزۇللا زۇلپىيەنى ئىككى تەستەك سالدى . شۇنىڭدىن باشلاپ زۇلپىيە ئېرىدىن دائىم تاياق يىدى . بىر قېتىم ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاھۋالنى ئېيتىپ ئاجرىشىپ كېتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا ، دادىسى قوشۇلمىدى . ئائىلىدە ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتقان جىدەل زۇلپىيەنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتتى . بولۇپمۇ پەيزۇللانىڭ ساتىراشخانىغا كېلىپ زۇلپىيەنى خېرىدارلارنىڭ ئالدىدىلا ھاقارەتلىشى ئۇنى تېخىمۇ ئازاپلىدى . تۇرمۇشتىكى بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىك ، جىدەل سەۋەبىدىن ئۇلار ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتى ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي پەيزۇللا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يارىشىۋالماقچى بولدى . زۇلپىيەمۇ ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى . 19 - نويابىر پەيزۇللا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن زۇلپىيەنى ئىزدەپ كەلدى ۋە كەچتە ئوينىتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . كەچتە زۇلپىيە ئىنىسى ئاسىمنى بىللە ئېلىۋالدى . زۇلپىيە پەيزۇللانىڭ ھاراق ئىچسىلا ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇيقۇ دورىسى ئېلىۋالغانىدى . ئۈچەيلەن ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى يېنىدىكى بىر ئارامگاھقا كىرىپ ئولتۇردى . زۇلپىيە پەيزۇللانىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇنىڭ چېيىغا سېلىۋەتتى . ئۇلار ئارامگاھتىن چىققاندا پەيزۇللا بىرنەچچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا يىقىلدى . ئاسىم تاكسى توسۇشقا كەتكەندە ، زۇلپىيە پەيزۇللانى يۆلەپ : --- ئۆيگە كېتەيلى ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ، -- دىۋىدى . پەيزۇللا : --- ئۆزۈڭ كەت ، مەن كەتمەيمەن ، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ھىچقانداق ئالاقىمىز يوق ، -- دىدى . تېخى بايىلا كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەرنى قىلغان پەيزۇللانىڭ قوپال تېگىشى زۇلپىيەنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى . ئۇ ئاسىمنى چاقىرىپ : --- بۇ ئەبلەخنى ئۆلتىرىۋېتەيلى، -- دىدى . --- نىمە ؟ ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ ، -- دىدى ئاسىم قورققان ھالدا . --- ئۇ ھېلى ئۇنداق ، ھېلى بۇنداق دەپ مېنى بەك ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ ، ئۇنى نىمە قىلىۋەتسەم بولار ؟ -- دىدى زۇلپىيە ئاچچىقىدا . ئاسىم ھىچنىمە دىمىدى . زۇلپىيە پەيزۇللاغا بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولدى -- دە ، يېقىن ئەتراپتىكى ماي پونكىتىدىن بېنزىن سېتىۋېلىپ كەلدى . پەيزۇللا ئۇخلاپ قالغانىدى . زۇلپىيە ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ بىر يېرىم يۈئەن پۇل ۋە يانفوننى ئېلىۋېلىپ بېنزىننى پەيزۇللاغا چاچتى . --- ئاسىم ، چاقمىقىڭنى بېرە ؟ -- دىدى زۇلپىيە غەزەپ بىلەن ۋە ئىنىسى بەرگەن چاقماقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوت ياقتى . . . دېلو مەلۇماتىدىن خەۋەر تاپقان ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار نەق مەيداننى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ، ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى خادىملاردىن ، ئارامگاھتىكى مۇلازىمەتچىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق قاتىلنى زۇلپىيە بىلەن ئاسىم دەپ جەزىملەشتۈرۈپ سوراق قىلدى . سوراقتا ئۇلار قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى ۋە يانفوننى تاپشۇردى . بۇلتۇر 27 - نويابىر ئۇلار قانۇن بويىچە توختىتىلدى . 18 - دېكابىر ئاقسۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى زۇلپىيە بىلەن ئاسىمنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى . زۇلپىيە پەيزۇللانى ئۆلتۈرىۋېتىش ئارقىلىق ئازاپتىن قۇتۇلماقچى بولغان بولسىمۇ ، تېخىمۇ ئېغىر ئازاپقا قالدى . ئۇ سوراق جەريانىدا ئىنىسىنىمۇ بۇ ئىشقا چېتىۋالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى . بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن 21 ياشلىق بۇ قىز مانا ئەمدى قاتىلغا ئايلاندى . ئۇ پەيزۇللادىن قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولغانىدى ، ئەمما بەخت ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلاشتى . . .

     ( تېمىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن )
    مەنبە : « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى »

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق