غۇلجا شەھرى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-23 13:57:00

غۇلجا شەھرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شەرقى شىمالىي غۇلجا ناھىيسى بىلەن، جەنۇبى تەرىپى چاپچال، شىبە ئاپتونۇم ناھىيسى بىلەن، غەرب، شىمال تەرەپلىرى قورغاس ناھىيسى بى...

       غۇلجا شەھرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شەرقى شىمالىي غۇلجا ناھىيسى بىلەن، جەنۇبى تەرىپى چاپچال، شىبە ئاپتونۇم ناھىيسى بىلەن، غەرب، شىمال تەرەپلىرى قورغاس ناھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، ھەم ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدىنيەت، قاتناش مەركىزى. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 675.5 كىۋادىرات كىلومېتىر، شەھەرگە بىر بازار، ئالتە يېزا، ئالتە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 59 ئاھالە كومتىتى،38 كەنىت ئاھالە كومتىتى قارايدۇ، شەھەردە تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا-ئىگىلىك 4-شىسى، غەربى تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى، شىنجاڭ كان مېتاللورىگىيە ئىدارىسى قاتارلىقلار بار. ئومۇمىي نوپۇسى 430مىڭ بۇلۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، ئۆزبىك، روس قاتارلىق35 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %49.24 نى، خەنزۇلار %35.13 نى، خۇيزۇلار %7.57 نى، قازاقلار %4.49 نى ئىگەللەيدۇ.
    شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر.
    غۇلجا شەھرى ئىلگىرى غولجا ناھىيسىگە قارايتى. 1952-يىلى غۇلجا ناھىيسىگە قاراشلىق بەش رايوننى ئايرىۋىلىش بىلەن غۇلجا شەھرى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ، ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولدى. 1953-يىلى ئۆلكىگە بىۋاستە قارايدىغان شەھەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن، 1955-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىغا بىۋاستە قارايدىغان شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1985-يىلى يەنە ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.
    شەھەرنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالى قىسمى كۆكېرچىن تاغلىق رايونى، جەنۇبى قىسمى لاتقا- تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، تاغلىق جايلار %61 نى ئىگەللەيدۇ.  لاتقا- تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادىلار %39 نى ئىگەللەيدۇ. ئىلى دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 11 مىليارد350 مىليون كۇپ مېتىر، ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، شېغىل جىنىسلىرى، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا قاتارلىقلار بار.
    غۇلجا شەھرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپراتۇرىسى 8.4 سېلتسىيە گرادۇس.
    شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان ھازىر 10مىڭ 300مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەر بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، مېۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساس قىلىندۇ. قوي، كالا،چوشقا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلدۇ، ئۇچار قۇشلارنى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. توقۇمچىلىق، ئېنىرگىيە مەنبەسى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى،كۆن-خۇرۇم، يېمەكلىك پششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا شەھرى گوۋۇيۇەن تەستىقلىغان سىرتقا ئېچىېىتىلگەن شەھەر بۇلۇپ 1992-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا ئىقتىسادى ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلغان. پىلاندىكى كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر، ھازىرقى كۆلىمى 9200 كىۋادىرات كىلومېتىر.
    شەھەردە ئاساسلىق مەدىني يادىكارلىقلاردىن ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، جىياڭشى ئىبادەتخانىسى، بەيتۇللا مەسچىتى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە كۆرگەزمىخانىسى، لىن زېشۈي خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بار.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق