كىنو-تېلېۋىزىيە مۇنبىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ھ

يوللىغۇچى : Ajdar يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-25 02:08:00

ھازىر ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىمىز تەرەققى قىلىپ، Xp نىڭ يادرولۇق پىروگراممىلىرىمۇ قۇللايدىغان ھالەتكە يەتتى. بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. ھەم...

    ھازىر ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرىمىز تەرەققى قىلىپ، Xp نىڭ يادرولۇق پىروگراممىلىرىمۇ قۇللايدىغان ھالەتكە يەتتى. بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ھازىرقى دەۋرىر ئۇچۇر دەۋرى، بېلىم پارتلاش دەۋرى، ئىجادىيەت دەۋرى.(مۇنبىرىمىزنىڭ نامى شۇنىڭدىن كەلگەنغۇ دەيمەن.) ھازىر دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى كىنودا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى پەيىتتە يېڭى كىنولارنى خەلىقىمىزگە تونۇشتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ تېلىۋىزۇردا مەدەنىيىتىمىزگە پەقەت ماس كەلمەيدىغان تۇرمۇش فىلىملىرى كۆپ قويۇلىدىغان بۇلۇپ كەتتى. نادىر فېلىملەر كەمدىنكەم. مۇشۇنداق بىر بوشلۇقنى پەقەت رادىيو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە خادىملىرىمىزغىلا تايىنىپ تولدۇرالمايمىز. بىر - ئىككى ئىشتىن سىرىتقى ھەۋەسكار تېخىمۇ تولدۇرالمايدۇ. پەقەت زور بىر تۈركۈم پىدائىلار، ھەۋەسكارلار بولغاندىلا ئاندىن بىر ئۈمۈت تۇغۇلغان بولىدۇ. تەكلىپىم: « كىنو-تېلېۋىزىيە» تارماق مۇنبىرىمىز ئاساسىدا بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى DVDنىڭ يېزىق شەكلى sub قا ياكى كومپيۇتېر كۆپ مۇھىتلىك قۇيۇش دېتاللرىنىڭ يېزىق شەكلى srt قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ. ئۇنى توردا باشقىلارنىڭ چۈشۈرىۋىلىشىغا بەرسەك. ھەرقانداق بىر ئىشلەتكۈچى ئەسلىدىكى فىلىم بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئەسلى ئاۋاز غا ئۇيغۇرچە يېزىقنى قۇشۇمچە قىلىپ دۇنيا نادىر فىلىملىرىدىن ھۆزۇر ئالسا. (ئاللا شۇ كۈنلەرگە يەتكۈزەر) تورداشلارنىڭ، بولۇپمۇ كىنو ھەۋاسكارى بولغان تورداشلارنىڭ بۇ تەكلىپنى ئۇيلۇشۇپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. بۇ توغرىدا ئۇچرايدىغان ئەڭ قېيىن تېخنىكىلىق مەسلىلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى تەتقىقاتچىللىرىمىز بىزگە ھەل قىلىپ بەردى. قالغان ئىشلار بەكلا ئاسان. ئەمدىكى مەسىلە تەرجىمە. بۇنىڭ ئۈچۈن خالىس كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان تەرجىمانلارنىڭ بولۇشىدا. بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈم تىزىملىتىمەن.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق