دېڭىز سۈيى نىمىشقا ھەر خىل رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ؟

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-07 17:07:00

دېڭىز سۈيى ئادەتتە كۆك رەڭدە بەزىدە باشقا رەڭلەردىمۇ كۆرىنىدۇ،مەسىلەن:قىزىل دېىڭىزنىڭ سۈيى قىزىل،سېرىق دېڭىزنىڭ سۈيى سېرىق ،ئاق دېڭىزنىڭ سۈيى ئاق،قارا دېڭىزنىڭ سۈيى قارا كۆرۈنىدۇ نىمىشقا ش...

        دېڭىز سۈيى  ئادەتتە كۆك رەڭدە بەزىدە باشقا رەڭلەردىمۇ كۆرىنىدۇ،مەسىلەن:قىزىل دېىڭىزنىڭ سۈيى قىزىل،سېرىق دېڭىزنىڭ سۈيى سېرىق ،ئاق دېڭىزنىڭ سۈيى ئاق،قارا دېڭىزنىڭ سۈيى قارا كۆرۈنىدۇ نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟
        قىزىل دېڭىز ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى بىلەن ئەرەپ يېرىم ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، تار ئۇزۇنچاق دېڭىزدۇر ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇغى تەخمىنەن 1900 كلومېتىر كېلىدۇ، قىزىل دېڭىز سۈيىنىڭ قىزىل بولۇشى بۇ يەردە شۇ جاينىڭ كىلىماتى ۋە مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان "كۆكۈش يېشىل يۇسۇن"دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسىدىغانلىغىدىندۇر، چۈنكى كۆكۈچ يېشىل يوسۇن كۆكۈچ يېشىل يوسۇن دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل بولۇپ، كىچىك قىزىل رەڭلىك دېڭىز يوسۇنى پۈتكۈل قىزىل دېڭىزنى قاپلىغاندا، دېڭىز رايۇنىدىكى ھەممىلا جاي قىزىل كۆرىنىدۇ، دېڭىز شامىلى كۆرۈلگەندىكى كۈچلۈك دولقۇنمۇ، قىزىل شايى لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
          سېرىق دېڭىزنىڭ سۈيى سېرىق بولۇپ،بۇ ئىلگىرى سېرىق دەريا (خۇاڭخې دەرياسى)نىڭ ئېقىپ بۇ يەرگە قۇيۇلۇشى بىلەن شەكىللەنگەن، ھەر يىلى خۇاڭخې دەرياسىىدىكى 1مىليارد 600 مىليون توننا ئەتراپىدىكى لاي-لاتقا سەنمېنشيادىن ئۆتىدۇ، بۇ لاي-لاتقىلار ئېقىپ سېرىق دېڭىزغا كىرىش جەريانىدا دېڭىز-قۇرۇقلۇق ئەتراپلىرىنى سېرىقلىق بىلەن قاپلايدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سېرىق رەڭلىك مەنزىرە ھاسىل قىلغاچقا ،سېرىق دېڭىز دەپ ئاتالغان. خۇاڭخې دەرياسى گەرچە ھازىر بوخەي دېڭىزىغا قۇيۇلسىمۇ ، سېرىق دېڭىز دىگەن نامى بۈگۈنگە قەدەر ساقلنىپ قالغان .
         ئاق دېڭىز سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ گىرۋىكىدە ،كىلىماتى پەۋقۇلاددە سوغۇق ،ھەر يىلى 200كۈندىن كۆپرەك قار -مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرۇدۇ، شۇڭا ھەممە جاي ئاپئاق كۆرۈنۈپ، كۈمۈش يالىتىلغاندەك پارقىراپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. دىمەك بۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاق دېڭىزدۇر .
         قارا دېڭىز ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىزى بولۇپ، ئەتراپىنى  سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ،تۈركىيە ،بۇلغارىيە ،رۇمىنىيە قورشىغان ،ئۇنىڭ شەرقىي شىمالى ئازوۋ دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي غەربىي جەنۇبىي بوسپۇرۇس بوغۇزى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتىدۇ. قارا دېڭىزنىڭ سۈيى يىراقتىن قارىغاندا،قاپقارا كۆرۈنىدىغان بولۇپ،قارا سىياھقىلا ئوخشايدۇ،لېكىن سىز ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ قارىسىڭىز ،بۇ قارا دېڭىز سۈيىنىڭ باشقا دېڭىز سۈيىدەكلا ، پاكىز ، نۇر ئۆتكۈزۈشچان ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالالايسىز . ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى ؟ ئەسلىدە قارا دېڭىز دوناي دەرياسى بىلەن دىنېپىر دەرياسى قۇيۇلىدۇ ، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى تاتلىق ،ئاستىنقى قىسمى تۇزلۇق،قوچۇلغان سۇ پاكىز ،نۇر ئۆتكۈزۈشچان تاتلىق سۇ بولۇپ،ئادەتتىكى سۇغا ئوخشايدۇ.دېڭىزنىڭ ئۈستۈنكى قىسىم سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى يۇقىرىراق،ئاستىقى قىسىم سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن، ئۈستۈنكى قىسىمدا تۇز تەركىبى يوق بولۇپ زىچلىغى نىسبەتەن كىچىك، ئاستىنقى قىسمىدا تۇز تەركىۋى كۆپرەك بولۇپ، زىچلىغى ناھايىتى يۇقىرى ، ئككى خىل سۇنىڭ ئارىسىدا "زىچلىق ئاتلاش قەۋىتى" بولۇپ تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق سۇ ئۆزئارا ئۇچراشمايدۇ . يەنە قارا دېڭىزنىڭ 200مېتىر چوڭقۇرلۇغىدا ئېغىر دەرجىدە ئوكسىگىن كەم . ئۇزاق يىللىق چۆكۈندىلەر  كۆپلەپ سېسىغان ، قۇياش نۇرى چۈشكەندە، پۈتۈنلەي سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا يىراقتىن قارىغاندا ئۇ قاپقارا كۆرۈنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق