تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى ھەققىدە

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-30 16:22:28

تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى ھەققىدە تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالىنىش مەقسىتىدە ق...

     

     

     

     تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى ھەققىدە
     
       تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالىنىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ۋە ھازىر دەل 31  يىلنى ئارقىدا قالدۇرغان ۋەقپەنىڭ ، قايتىدىن قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىمۇ سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. قۇرۇلغاندىن بۇيان يالغۇز خەلقنىڭ ياردىمى، ئىئانە ۋە ئۆز تىرىشچانلىقلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن شارائىتلىرى ئارقىلىق، ئالەم تېخنولوگىيەسى بىرلەشتۈرگەن ئىككى قۇتۇپلۇق ئەۋرىشكە مۇئەسسەسىسى بارلىققا كەلتۈرگەن تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى، يېڭى بۆلۈملەرنى ۋە قولىدىكى بارلىق مېدىتسىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئەڭ يېڭى تېخنىكا بىلەن قورالاندۇردى. ۋەقپە ئىككى قۇتۇپلۇق مۇئەسسەسىسى ۋە يېتىشكەن خادىملىرى بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىنغان نېرۋا ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىمۇ جانلاندۇردى. دۇنيا بويىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتالىيەدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەركەز، تۈركىيەدە تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى دائىرىسىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. نېرۋا ۋە يۈرەك مەركىزى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ بۆلۈم، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەسىلىسىدە دىئاگنوز خاتالىقىنى پۈتۈنلەي تۈگەتتى. روھىي ۋە پىسخىلىك قاتارلىق كۆپلىگەن كېسەللىك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىلگىرى دىئاگنوز، داۋالاش ۋە يېتەكلەش مەسىلىسىدىمۇ تىگىشلىك ۋە پايدىلىق خىزمەت بېرىپ كېلىۋاتقان بۇ مەركەز، دۇنيادا تۇنجى قېتىم نېرۋا ۋە يۈرەك كېسەللىكى بويىچە 1- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىستانبۇلدا چاقىردى. بۇنىڭدىن باشقا، نېرۋا يۈرەك كېسەللىكلىرى دەرنىكى، تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى دائىرىسىدە قۇرۇلدى. تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى ۋە نېرۋا يۈرەك دەرنىكى بىرلىكتە، پاركسون (ئەنگلىيەلىك دوختۇر) خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىمۇ ئىستانبۇلدا چاقىردى.

        تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئۈلگىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش يولىدا خەلقىمىزنى مەلۇماتلاندۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنداپ كەلمەكتە.

    .....كەچىش.....

        تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى، شىشلى سەھىيە مەركىزىدە يۈرەك كېسەللىكى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، تەجرىبىلىك سېسترا ۋە سەھىيە خادىملىرى بىلەن يۈرەك كېسەللىكى ساھەسىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق كېسەللەرگە تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە. سەھىيە مەركىزى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى، رېنتگېن مەركىزى ۋە ئەڭ يېڭى يادرو مېدىتسىنا مەركىزى بىلەن قورالاندۇرۇلغان.

         ۋەقپەنىڭ سەھىيە مەركىزى دائىرىسىدىكى « ئىلمىي شەكىلدە ئوزۇقلىنىش، تاماقتا پەرز ۋە ئورۇقلىتىش مەركىزى »، كەسپىي ئوزۇقلىنىش مۇتەخەسسىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئىلمىي مەركىزى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئالدىن كېلىشىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن بارلىق مۇلازىمەتلەر بېرىلىدىغان كۈتۈش زاللىرى، سەھىيە بۆلۈملىرى، كېسەللەرگە غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان تەرىقىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

         تۈرك يۈرەك ۋەقپەسىنىڭ مۇتەخەسسىس دوختۇر، تەجرىبىلىك سېسترا ۋە كېسەلدىن خەۋەر ئالغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان سەييارە سەھىيە ئەترەتلىرى، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەكتەپلەردە، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىدا بىمارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ يۈرەككە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ھەيئەتلەر، ھازىرغىچە 55 مىڭ كىشىگە مۇلازىمەت قىلدى.

         ۋەقپە خادىملىرى داۋالىنىشقا تىگىشلىك بىمارلارنى ئەتراپلىق دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن  سەھىيە مەركىزىگە ئەۋەتىپ، داۋالىنىشنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى تاشلايدۇ. مەكتەپلەردە ۋە رايونلاردا سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر باشلىقلىرى ۋەقپىگە ئىلتىماس قىلسىلا بولىدۇ. 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆزدە تۇتقان ۋەقپە، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ۋەقپە قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرىنەرلىك خىزمەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر يىلى مىڭلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلمەكتە، كېسەل ياكى كېسەل بولۇش ئېھتىمالى بولغانلارغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلمەكتە. مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە ئائىلىلەر بۇ ھەقتە ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. ھازىرغىچە 500مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك رىماتىزىمىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئېنىقلىنىپ داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىپ بېرىلگەن.

    ....كەچىش.....

         ۋەقپە تۈركىيەدە سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ، خەلقنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش، مەلۇماتلاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە «يۈرەك ھەپتىلىرى» نى ۋە «دۇنيا يۈرەك كۈنى» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق بۇ ساھەدە تۇنجى قەدەمنى تاشلىغان ئىدى.

         يۈرەك ھەپتىلىرىنى تەشكىللەش پائالىيىتى ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە مەملىكەت مىقياسىدا بىر ھەپتىلىك تەنتەربىيە، سەنئەت، كۈلتۈر، خەلق بىلەن پۈتۈنلىشىش، ئىلمىي يىغىنلار تەرىقىسىدە، ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ۋەقپە، ياۋروپا يۈرەك ئىتتىپاقىغا 1995-يىلى رەسمىي ئەزا بولغان بولۇپ، دۇنيا يۈرەك فېدېراتسىيىسى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپى ۋە قارارى بىلەن دۇنيا يۈرەك فېدراتسىيەسىغا قوبۇل قىلىنغان. ۋەقپە دۇنيا يۈرەك كۈنىنىمۇ پۈتكۈل دۇنيادىكىگە ئوخشاش، مەملىكىتىمىزدىمۇ سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپىتىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەپتە بويىچە، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە ئىلمىي يىغىنلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

         ۋەقپە، 2007-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى چوڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. ۋەقپە تۈركىيە مىللىي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ « ئىجتىمائىي ئورۇن مۇكاپاتى » ساھەسى بويىچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن بولسا، ئىستانبۇل ژورنالىستلار دەرنىكىنىڭ « كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات مۇكاپاتى » مۇ 2007-يىلى 26-ئاپرېل كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ۋەقپىگە بېرىلگەن.

          ۋەقپەنىڭ بۇ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى، خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن « ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى » ئېلان قىلىنغان، بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يىغىندىسدىنمۇ كۆپ ۋە رېكورت سەۋىيەدە ئۆلۈم خەۋپى بولغان، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارشى، سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچلىك مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەنلىكىدىن بولغان. يەنە، ناھايىتى چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان، دۇنيادا يىلدا 17 مىليون 500 مىڭ، دۆلىتىمىزدە 200مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان يۈرەك ۋە قان تومۇرلىرى كېسەللىكىگە قارشى جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇش، مەلۇماتلاندۇرۇش ۋە تەدبىرىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنىمۇ جايىدا ئورۇنداپ كەلگەنلىكتىن بولغان.

        2006 -يىلىنىڭ بېشىدا « ياخشى نىيەتلىك بولغىن » شوئارلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە كۈنتەرتىپىگە كەلگەن تۈرك يۈرەك ۋەقپەسى، 2006-يىلى 2-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە بارسېلونادا 44 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغان 15-نۆۋەتلىك دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلىرى يىغىنىدا 50 ئالاھىدە مېھمان قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. دۇنيا يۈرەك فېدېراتسىيىسى ۋە ياۋروپا يۈرەك ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يۈرەك ھەپتىسى ۋە دۇنيا يۈرەك كۈنى پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن، بەش قىتئە ۋەكىللىرىگە ئۆلگە كۆرسىتىلىپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋەقپە