ئادەم ھاياتىدا

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 12:02:34

يۆۋەندىكى سان دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بولغان 78.5ياشنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېلىندى. ئادەم تاكى بۆشۈكتىن قەبرىگە بارغىچە تەخمىنەن 2 مىليارد 475مىليون 576 مىڭ مىنۇت ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ش...

    يۆۋەندىكى سان دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بولغان 78.5ياشنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېلىندى.

     

     ئادەم تاكى بۆشۈكتىن قەبرىگە بارغىچە تەخمىنەن 2 مىليارد 475مىليون 576 مىڭ مىنۇت ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

       شەھەرلەردىكى بالىلار ئۈچ ياشقا كېرىشتىن بۇرۇن 3800 پارچە تەرەپ لاتىسىنى ئىشلىتىپ بولىدۇ؛ ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمىرى 78.5 ياش بولىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئۆمرىمىزدە 4239 بولاق تازىلىق قەغىزىنى ئىشلىتىپ بولىمىز.

       ھەر بىر ئادەم ھاياتىدا تەخمىنەن 1700 ئادەم بىلەن تونۇشىدۇ. بىز ھاياتىمىزدا يەنە 3.5 كىرئالغۇ، 3.4 توڭلاتقۇ، 3.2 مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، 4.8 تېلېۋىزور، 9.8 DVD ئاپپاراتى، 15 كومپيۇتېرنى ئىشلىتپ كاردىن چىقىرىپ بولىدۇ، ئادەم ئۆمرىدە ئاز بولغاندىمۇ 40 توننا ئەخلەت پەيدا قىلىدۇ.

       بىز ھەر كۈنى 648 مىنۇت ۋاقتىمىزنى تېلېۋىزور كۆرۈشكە سەرپ قىلىمىز، شۇنداق ھېسابلىغاندا يىلدا 900 سائەت تېلېۋىزور كۆرگەن، ئۆمرىمىزنىڭ 2944كۈننى تېلېۋىزور كۆرۈشكە سەرپ قىلغان بولىمىز. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بۇ ‹‹ ساندۇقىچە›› ئالدىدا نەق سەككىز يىلى ئولتۇرىمىز.

       ھاياتىمىزدا بىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 533 كىتاب، 2455 پارچە گېزىت ئوقۇيمىز، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1.5 توننىغا يېتىدۇ؛ بۇ كىتاب گېزىتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىز 24 تۈپ دەرەخنى كېسىۋىتىمىز.

       ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز ھاياتىمىزدا 314 قېتىم كېسەل كۆرسىتىمىز، ھەر قېتىمدا بىر پارچە رېتسىپ ئالدىغانلىقىمىز ئېنىق، 60 ياشقا كېرگەن چىغىمىزدا بولسا، بىزنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قېتىم سانىمىز يىلغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 قېتىمغا يېتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىزدە يەۋىتىدىغان دورىمىز 30 مىڭ تال تابلېتكىدىن كەم بولمايدۇ.

       ھاياتىمىزدا بىز ئۈچ قېتىم مۇھەببەتلىشىشىمىز مۇمكىن، بۈگۈنكى كۈندە نىكاھ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 يىرىم يىل ساقلىنىۋاتىدۇ، بىراق %70 ئادەم ھاياتىدا پەقەت بىر قېتىم نىكاھلىنىش يولىنى تاللىۋاتىدۇ.

       ھاياتىمىزدا بىز داۋاملىق چۈش كۆرۈپ تۇرىمىز، 78.5 ياشقا يەتكەن چېغىمىزدا بىز 104 مىڭ 390 قېتىم چۈش كۆرۈپ بولغان بولىمىز. چۈش خۇددى ئەستە ساقلاشقا ئوخشاش ئادەمگە تولىمۇ مەۋھۇم تەسىر ئاتا قىلىدۇ، ئەمدى ئەمەلىيەتتە ئەستىلىك ۋە چۈش بىزنىڭ بىردىنبىر مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىز.

       بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىز 400 مىليون 150 مىڭ 77 قېتىم كۆز چىمچىقلىتىش ئىچىدە ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كېتىدۇ...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھايات