پېچەتلەنگەن ئون چوڭ ھۆججەت

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 16:24:31

بۇ ۋەقە 1945-يىلى 3-ماي ھىتلىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ 4 كۈندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ناتسىسىتلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلار لۇۋبېك قولتۇقىدا ئىككى پاراخۇتىغا قاچىلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇلارنى گېرمانىيە كونتىروللىقىدىكى نوۋېرگىيەگە قاچماقچى بولغان

    خاتا ئوت ئېچىش ۋەقەسى 


    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت-2045-يىلى  


     

     گەرچە بۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى  چوڭ تىرادىگىيە بولسىمۇ،لېكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كىشىلەر ئەڭ بىلمىگەن سىرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ھەتتا تارىخ كىتاپلاردىمۇ بۇ توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇماتلار يوق دىيەرلىك. 

    بۇ ۋەقە 1945-يىلى 3-ماي ھىتلىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ 4 كۈندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ناتسىسىتلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلار لۇۋبېك قولتۇقىدا ئىككى پاراخۇتىغا قاچىلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇلارنى گېرمانىيە كونتىروللىقىدىكى نوۋېرگىيەگە قاچماقچى بولغان ناسسىت ئوفېتسىرلىرى دەپ ئويلاپ قالغان ئەنگىلىيە ھاۋا قىسىمى كوماندىرلىرى بۇ ئىككى پاراخوتنى بومباردىمان قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەنگىلىيە تەيفېڭ بورىنى بومباردىمانچى ئەترىتى ئۇلارنى بىر قانچە يۆلىنىشلىك ئايلانما بومباردىمان قىلغان. 2800 مەھبۇس قاچىلانغان پاراخۇت 20 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا چۆكۈپ كەتكەن ۋە 50 مەھبۇستىن باشقا ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان.4500 مەھبۇس قاچىلانغان يەنە بىر پاراخۇت سەل ئۇزاقتىراق چۆككەن بولسىمۇ مەھبۇسلارنىڭ سۇغا چۆكۈپ ئۆلمىگەنلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن. ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جازا لاگىرىدىن ئېلىپ چىقىلغان 7000 دىن ئارتۇق مەھبۇس جېنىدىن ئايرىلغان. بەزىلەر ئەگەر ئەنگىليە ئۇلارغا ئوت ئاچمىغان تەغدىردىمۇ ناتسىستلار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە چۆكتۈرۋىتەتتى دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئەنگىليە تەرەپ ئاللىقاچان پاراخوتتا كىملەر بارلىقى توغىرسىدا يوشۇرۇن ئاخپاراتقا ئىگە بولغان دەپمۇ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا قىسمى بۇ قېتىملىق ۋەقەگە ئائىت بارلىق ماتىرياللارنى 100 يىللىق پېچەتلىگەن. 

    2. خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى 

    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت-2040-يىلى  

     

    1940-يىلى 17-ئىيۇن ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لانكاستىرا ناملىق پاراخوتى ئەنگىلىيە ئارمىيسى ۋە بىر قىسىم فىرانسىيەدىن قېچىپ چىققان مەھبۇسلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئىدى. ئەتىگەن سائەت 6 دە ،كاپىتان شارىپ يولۇچىلار سانىغا قويۇلغان خەلىقئارالىق چەكلىمە بىلەن كارى بولماسىتىن ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئارمىيە ۋە مەھبۇسلارنى قاچىلاش توغۇرلۇق بۇيرۇق تاپشۇرۋالغان.  چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە پاراخوت 6000-9000  ئادەم بىلەن توشۇپ كەتكەن. يېقىن ئەتراپتىكى بىر كىچىك ئۇرۇش پاراخوتى لانكاستىرانى يولغا چىقىشقا سىگنال قىلغان بولسىمۇ لانكاستىرا قىمىرلىمىغان. چۈشتىم كېيىن سائەت 3:48 دە گېرمانىيە بومباردىمانچى قىسمى كېلىپ تۆت بومبا تاشلىغان.20 مىنۇتتىدىن كېيىن بۇ پاراخوت 4000-7000 مڭغىچە بولغان ئادەم بىلەن بىللە دېڭىزغا غەرىق بولغان. بۇ ۋەقەگە ئائىت ماتىرياللار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەركىتى ئاستىدا 100 يىللىق پېچەتلەنگەن.2007-يىلى ئىيۇندا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ۋەقەگە ئائىت ھۆججەتلەرگە ئېرىشىش تەلىپى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم رەت قىلىنغان. بۇ ۋەقە ئەنگىلىيە ئارمىيسى تارىخىدىكى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى  تاكى بۈگۈنگىچە يا ئۆلگەنلەرنى يا ساق قالغانلارنى رەسمى ئېتراپ قىلمىدى. 

    3. مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ ئۈن لېنتىسى 

    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت---2027-يىلى  

     

    FBI مارتىن لۇتىر كىڭنى  كومۇنىستلار پارتىيىسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەدلىيە مىنىستىرى روبېرىت كېننىدىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈشى بىلەن كىڭنىڭ ئۆيى ،تۇرغان مېھمانخانىلىرىغا مىكروفونلارنى ئورنۇتۇپ 


     ئۇنى بىر قانچە يىل پايلىغان. ھەم ئۇنى ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە خەتەرلىك نېگىر رەھبەر دەپ ئەنگە ئالغان. 

    FBI  گەرچە    

    كىڭنىڭ كومۇنىستلار پارتىيىسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ،لېكىن كىڭنىڭ شەخسى تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى  تولۇق ئۈنگە ئېلىۋالغان.ھەمدە كىڭغا نامسىز بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ جىنسى سەتچىلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى،ئەگەر ئۇ تەسلىم بولمىسا ئۇلارنىڭ ئامىرىكا خەلقىگە ئۆزلىرى قوللاۋاتقان كىڭنىڭ ئەسلىدە شەيتاندىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ھايۋان كەبى بىر جىنسى تەلۋە ئىكەنلىكىنى  ئاشكارلايدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىد سالغان.بىراق كىڭ يەنىلا تەسلىم بولمىغان. 1977-يىلى 31-يانۋار سوتچى جون لۇيىس نىڭ 1963-1968-يىلغىچە كىڭنى نازارەت قىلىپ ئېرىشكەن بارلىق يازما ۋە ئۈن ماتىرياللىرىنى پېچەتلەپ 50 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئاممىغا ئاشكارلاش توغىرسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.  

      

    4.ماتا خارىنىڭ سوت خاتىرسى 

    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت-1985-يىلى  

     

    ماتا خارى بولسا ناھايىتىمۇ شۆھرەت قازانغان بىر گوللاندىيەلىك يالىڭاچ ئۇسۇلچىنىڭ سەھنە ئىسمى. ماتا كەسپى سەۋەپلىك چېگرا ئاتلىغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلغان.1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى قايىل قىلىپ ئىسپانىيەگە جاسوسلۇققا ئەۋەتكەن. ماتا ئۇ يەردە گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئالاقە قىلىپ پارىژغا ئاخپارات يوللىيالايتى. 1917-يىلى يانۋاردا گېرمانىيە قىسمى بېرلىنغا مەخپى نومۇرىبولغان جاسوسنىڭ پايدىلىق پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلەپ رادىئو ئۇچۇرى يوللىغان.فىرانسىيە تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ئوغىرلاپ 
    H-21نىڭ ماتا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ماتانىڭ نېمە ئۈچۈن  قوش سالاھىيەتلىك جاسوس بولغانلىقى توغىرسىدا ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. بەزى مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە بۇ فىرانسىيە تەرەپنىڭ بىر قېتىملىك سىتىرادىگىيەلىك ئويۇنىدىن ئىبارەت. فىرانسىيە تەرەپ ماتانى گېرمانىيە ئۈچۈن جاسوسلىق قىلىپ 50،000 فىرانسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولدى دەپ ئەيىپلىگەن.1917-يىلى 15-ئۆكتەبىر ماتاغا 41 يېشىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ماتا تاكى كۆكرىكىگە ئوق يېگۈچە ناھايىتىمۇ مەردانە قىياپەتتە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا سوت تەرەپ بۇ دېلوغا ئائىت ئۇچۇرلارنى مەخپى تۇتقان بولۇپ سوت ئاخىرلاشقاندا بارلىق بارلىق خاتىرە ۋە ماتىرياللارنى 100 يىللىق مۆھلەت بىلەن پېچەتلىگەن. 1985-يىلى تەزكىرە يازغۇچىسى راسسىل فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنى قايىل قىلىپ ماتا دېلوسىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى مۆھلىتىدىن 32 يىل بۇرۇن ئاچتۇرغان. 


        5. كېننىدىنىڭ قەسىتكە ئۇچراش خاتىرسى 

    ھۆججەت ئېچىلدىغان ۋاقىت—2017-يىلى  

     

    1964- -يىلى ھاررىن كوممىتىتى كېنىددىنىڭ قەسىتكە ئۇچىرشىغا ئائىت خاتىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنمىغان قىسىملىرىنى دۆلەتلىك ئارخىپ ساقلاش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.  پىلان بويىچە بۇ خاتىرلەر شۇ يەردە 2039-يىلغىچە پېچەتلىنىپ ساقلىناتتى. لېكىن رېجىسسور ئولىۋېر ئىشلىگەن «جون ئېف كېننىدى »ناملىق فىلىمنىڭ تەسىرى قوزغىغان ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى تۈپەيلىدىن 1992-يىلى نىيۇيورىكتا پرېزىدىنت كېننىدىنىڭ قەسىتكە ئۇچرىشىغا ئائىت ماتىرياللارنى  قايتىدىن توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەت بارلىق ماتىرياللارنى دۆلەتلىك ئارخىپ-ماتىرياللارنى ساقلاش مەركىزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھەمدە بۇ مەركەزدىن ھەربىر ماتىريال ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 25 يىل ئىچىدە چوقۇم ئاممىغا ئاشكارلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. خاتىرە،سۈرەت ،ئۈن خاتىرسى ۋە سىن خاتىرسى  قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان5 مىليوندىن بەتتىن ئارتۇق بۇ ھۆججەتلەر 2017-يىلى ئاممىغا ئاشكارلىنىدۇ. 

    6. فىرانسىيەنىڭ ئۇچار تەخسىگە ئائىت مەخپى ھۆججەتلىرى 

    ھۆججەت ئېچىلغان ۋاقىت-2007-يىلى  

     

    2007- -يىلى فىرانسىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 50 يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئۇچار تەخسىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى. ئارخىىپلار پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تور بېتىغا قويۇلدى.ھۆججەتلەر ئۇچار تەخسىنىڭ مۇمكىن دەپ قارالغان سۈرەتلىرى،كۆرگۈچىلەرنىڭ بايانلىرى،مۇشۇ ساھەنىڭ ژۇرناللىرى ۋە بۇ توغىرسىدىكى ھۆكۈمەت ئىچكى ماتىرياللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،بىرىنچى ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ ئۈچ سائەتنىڭ ئىچىدىلا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى تور بېتىنىڭ مۇلازىمىتىرى غايەت زور كۆرۈرمەنلەر دولقۇنى تۈپەيلىدىن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. نامەلۇم ئالەم بوشلۇقى ھادىسىلىرى تەتقىقات گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى ياكۇپنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئېلان قىلغان بۇ ھۆججەتلەر ھېچقانداق بىر تاشقى پىلانىتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىكەن ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بۇنداق ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايدىكەن. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ بۇ تۈردىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئاممىغا ئاشكارلىغاندىن كېيىن،2008-يىلى ئەنگىليە ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قولىدا بار بولغان بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ئاممىغا ئاشكارلىغان. 

    7. قوشماقلار تەتقىقاتى 

    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت—2066-يىلى  


    1960- -يىللىرى  نيۇيوركلىق داڭلىق پىسخولۇگ بېرنارد خىزمەتدىشى دوكتۇر پېتېر بىلەن بىرلىشىپ خارەكتىر بىلەن تەربىيلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغىرسىدا قوشماقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلار بىر بالا بېقىۋىلىش مەركىزىنى قايىل قىلىپ قوشماق بالىلارنى ئايرىم-ئايرىم ئائىلىلەرگە بېقىىلىشقا بېرىشكە يەنە كېلىپ بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ قوشماق ئىكەنلىكىنى ئېيتماسلىققا   ماقۇل كەلتۈرگەن.1963-يىلى دوكتۇر پېتېر بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ خارەكتىر تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشنى تەبىئى تەجىربە مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى توغۇرسىدا بىر پارچە ماقالا ئېلان قىلىپ قوشماقلارنىڭ ئايرىۋىتىلگەندە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل سالاھىيىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى خارەكتىرلىنىدىغانلىقى دەلىللەپ قوشماقلارنى تۇغۇلىشىدىنلا بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىش كېرەكلىكىنى تەسەببۇس قىلغان. بالىلار بېقىلىشقا بېرىلگەندە گەرچە ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ بىر تەتقىقاتنىڭ ئويبىكتى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ لېكىن تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق تەپسىلاتلىرى توغىرسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن.  ئۇلار 12 يىل جەريانىدا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنى ھەر ئايدا دېگۈدەك بېقىۋىلىش مەركىزىگە ئەكەلدۈرۈپ ئۇلارغا قارىتا ئەقىلى قابىليەت ۋە تاۋۇش ئانالىزى سىناقلىرىنى ئېلىپ بارغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ بالىلارنى سۈرەتكە ئالغان. بۇ تەتقىقات 1980-يىلى ئاخىرلاشقان. بىر يىل ئۆتۈپ نيۇيورك شەھەرلىك  ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىپ بالا بېقىۋىلىش مەركەزلىرىنىڭ قېرىنداشلارنى ئايرىۋىتىشىنى چەكلىگەن.بۇ تەتقىقاتنىڭ ئويبىكتى تاشلىۋىتىلگەن ياكى يېتىم بالىلار بولغاچقا،ئاممنىڭ ئىنكاسى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغان.شۇنىڭ بىلەن دوكتۇر پېتېر تەتقىقات نەتىجىسىنى نەشىر قىلدۇرالمىغان. يېل ئۇنۈېرسىتتى بۇ تەتقىقاتقا دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلى ئىگەللىگەن بولۇپ،2066-يىلى يەنى بۇ تەتقىقات ئويبىكتى قىلىنغانلار ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاندىن ئېچىش شەرتى بىلەن دوكلاتنى پېچەتلىگەن. 

      

    8.  مارىك تىۋىننىڭ تەرجىمىھالى 

    ھۆججەت ئېچىلغان ۋاقىت-2010-يىلى  

     

    مارىك تىۋىن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن  تەرجىمىھالىنىڭ ئۆزى ۋاپات بولۇپ 100 يىلغىچە يەنى 1910-يىلى 21-ئاپىرىلغىچە نەشىر قىلىنماسلىقى توغىرسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان. مارىك تىۋىن مىڭ بەتتىن ئوشۇق تەھرىرلەنمىگەن ئەسلىمە ۋە قول بىلەن يېزىلغان خاتىرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەسلىمىنىڭ 400 دىن ئارتۇق بېتىدا ئاساسلىقى ئايالى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن ئېزابىل بىلەن بولغان   ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتىى تەپسىلى خاتىرلەنگەن بولۇپ، خاتىرلىنىشىچە ئېزابىل ئۇنى ئازدۇرۇپ گېپنۇز قىلىپ ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۋالغان. بۇلاردىن سىرىت ئەسلىمىدە ئۇنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە بولغان گۇمانلىرى ۋە ئامىركىنىڭ كۇبا،پورتۇرىكا ۋە فىللىپىنلاردا يۈرگۈزگەن جاھانگىرلىك خارەكتىردىكى ھەربى ھەركەتلىرىگە بولغان كۆز-قاراشلىرى قاتارلىق دىننى ۋە سىياسى پوزىتسىيەلىرى خاتىرلەنگەن. تەخمىنەن يېرىم مىليون خەتلىك  بۇ تەرجىمال ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ بىرىنچى بۆلىمى كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن 2010-يىلى نويابىردا نەشىر قىلىندى.قالغان قىسمى تېخىچە كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدا پېچەتلەنگەن ھالدا ساقلاقلىق. 

    9. مەيسون ۋەقەسى 

    ھۆججەت ئېچىلىدىغان ۋاقىت—مە ڭگۈلۈك ئېچىلمايدۇ 

     
     

    شىرلى مەيسوننىڭ ھاياتى يازغۇچى فىلورا رىتانىڭ «ئايال پېرىخۇن» ناملىق كىتابىدا تەپسىلى خاتىرلەنگەن. بۇ كىتاپ 1973-يىلى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن 1976-يىلى كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ تېلىۋىزوردىمۇ قويۇلغان.مەيسون 50-يىللاردا كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇنىڭدا قىسقا مۇددەتلىك خاتىرسىنى يوقۇتۇش ۋە ھېسىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ  پىسخىك دوختۇر ۋىلبۇرنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلغان. ۋىلبۇر دوختۇر مەيسونغا   ئىنساننىڭ كۆپ تەرەپلىمە خارەكتىرىنىڭ قالايمىقانلىشىش ئۇنۋېرسال كېسەللىكى دەپ دېئاگنۇز قويغان ۋە ئەينى چاغدا مەيسوندا 16 خىل خارەكتىرنىڭ تەڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. كىتاپ نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن جىنايى ئىشلار ئەدىليە مەكتىۋىدىن روبېرىت بىلەن جون دوختۇر ۋىلبۇرنىڭ كىتاپنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن مەيسونغا قەستەن خاتا دېئاگنۇز قويۇپ ئۇنىڭغا ئېغىې روھى كاشىلا ئېلىپ كەلگەن دەپ ئەيىپلىگەن. ۋىلبۇر دوختۇر دەم ئالغان چاغلاردا مەيسوننى ۋاقىتلىق داۋالاپ تۇرغان دوختۇر خېربىرتمۇ مەيسونغا قويۇلغان دېئاگنۇزنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىغان ھەمدە پېرىخۇنلاردا كۆپ تەرەپلىمە خاراكتىرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەكىسچە ئۇلاردا خارەكتىرنىڭ ئايرىم-ئايرىم پارچىلانغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقنى ئوتتۇرغا قويغان. 1998-يىلى مەيسون 75 يېشىدا كۆكرەك راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ دېلو توغىرسىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ھازىرغىچە ئاخىرى چىقمىغان بولسىمۇ. لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ مەيسوننىڭ پىسخىك داۋالىنىش خاتىرلىرىنىڭ جامائەتكە مەڭگۈگە ئاشكارلانمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

    10. دەيۋىد كېللىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش خاتىرسى 

    ھۆججەت ئېچىلدىغان ۋاقىت-2073-يىلى  

     

    دەيۋىد كېللى ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكىدە بىئولوگىيىلىك قوراللار مۇتەخەسىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ب د ت نىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن ئەڭ ئاساسلىق قورال-ياراغ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ بىرى.2003-يىلى ئۇ ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئىراقتا كەڭ كۆلەمدىكى قىرغۇچى قوراللارنىڭ بارلىقى توغىرسىدا چىقارغان بىر قاتار باياناتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 

    BBC 

    نىڭ بىر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتنى نامسىز قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىراقتا قىرغۇچى قوراللارنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە تۇتقان گۇمانلىرىنى بايان قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئاۋارىچىلىق  باشلانغان. كېللىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئەنگىليە پارلامېنتى كومىتتىت تەشكىللەپ ئىراقتىكى ئاخبارات توغىرلىق تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ كېللىنى سوتقا چىقىشقا چاقىرغان. كېللى سوتتا ئۆزىنىڭ زىيارەتتە دېگەنلىرىنىڭ ھەممسىنى ئىنكار قىلغان.سوت ئېچىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېللى كۈندىكىدەك سەيلىگە چىققاندىن كېيىن ئۆيىدىن بىر مىل يىراقلىقتىكى ئورمانزارلىقتا جەسسىتى تېپىلغان. ساقچى تەرەپ ئۇنى 29 دانە ئاغرىق توختىتىش تابلىتىنى ئىچكەندىن كېيىن سول قولىنىڭ تومۇرىنى كېسىۋالغان دەپ دېئاگنۇز قويغان. ئەنگىليە ھۆكۈمىتى كېللىنىڭ ئۆلۈمىنى ئېنىقلاشقا مەسئۇل دەپ ئېلان قىلغان لورىد خاتتۇننىڭ 2004-يىلى 28-يانۋاردىكى دوكلاتىدە كېللىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ ئېلان قىلىنغان. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ كېللىنى رەسمى ھالدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم تىببى مۇتەخەسسىلەر پاكىتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى توغىرسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ گۇمانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.2010-يىلى يانۋاردا لورىد خاتتۇن دەيۋىد كېللنىڭ جەسسىتىنى تەكشۈرۇشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتىريال  ھۆججەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆلگەن كۈنىدىن باشلاپ 70 يىلغىچە پېچەتلىنىلدىغانلىقى ھەققىدە  بۇيرۇق چۇشۇرگەن. بىراق بۇنىڭ سەۋەبى توغىرلۇق ھۆكۈمەت تەرەپ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.  
                                                             



    Lady-Uyghur  
    تەرجىمىسى 

    ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پېچەتلەنگەن