زىيىنى ئەڭ ئېغىر كەشپىياتلار

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:21:36

خىمىيەۋى ئوغۇت: 19-ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرى كەشىپ قىلىنغان، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇردى. تۇپراقتىكى مىكرو ماددا ۋە ھاشاراتلارنى زور دەرىجىدە يوقاتتى.

    زىيىنى ئەڭ ئېغىر كەشپىياتلار
     
    خىمىيەۋى ئوغۇت: 19-ئەسىرنىڭ 30-، 40-يىللىرى كەشىپ قىلىنغان، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇردى. تۇپراقتىكى مىكرو ماددا ۋە ھاشاراتلارنى زور دەرىجىدە يوقاتتى. ئۇ يەنە يەر ئاستى سۈيىگە سىڭىپ كىرىپ، بېلىقلار ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېل: 1876-يىلى گېرمانىيەلىك ئالىملار دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تۆت تاكىتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېلنى ياسىغان. 1885-يىلى تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتېللىق ئاپتوموبىل ياسالغان. ھازىر دۇنيا بويىچە ئاپتوموبىلنىڭ سانى 700 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئوتتۇرىچە ھەر بىر ئاپتوموبىل يىلىغا تۆت توننىدىن ئارتۇق ئوكسگېن خورىتىدۇ. 800 كىلوگىرام كاربون ئوكسىدى، 40 كىلوگىرام ئازوت ئوكسىدى، شۇنداقلا 200 كىلوگىرام پارنىك گازى قويۇپ بېرىدۇ.
    دېڭىزدا نېفىت يۆتكەش: ھازىر دېڭىز-ئوكيانلاردا قاتناۋاتقان ماي پاراخوتلىرى 4000 دىن ئاشىدۇ، ئۇلار يىلىغا 2 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىت يۆتكەيدۇ، پەقەت بۇ خىل پاراخوتلار بۇزغان ئېكولوگىيە كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.
    ئاليومىن ياساش: ھەر بىر توننا ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا 40 كىلوگىرام زەھىرى ئىنتايىن يۇقىرى فىتور-گۈڭگۈرت دىئوكسىد، كاربون ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى ۋە ئېغىر مېتاللار پەيدا بولىدۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

    \
    ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى:okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زىيىنى