3D ھايات

يوللىغۇچى : hilali يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 21:29:00

3D ھايات ئايىغىمدىن سورىۋىدىم، «ماڭغان ئىزىڭغا دىققەت قىل» دېدى. ئايىغىم گاھىدا 35 سوملۇق ئاياغدەك، گاھىدا 530 سوملۇق ئاياغدەك. 35 سوملۇق ئاياغنىڭ ئىزى داڭلىق ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدىن قۇيۇلغان ئىز...

     
    3D ھايات

       ئايىغىمدىن سورىۋىدىم، «ماڭغان ئىزىڭغا دىققەت قىل» دېدى. ئايىغىم گاھىدا 35 سوملۇق ئاياغدەك، گاھىدا 530 سوملۇق ئاياغدەك. 35 سوملۇق ئاياغنىڭ ئىزى داڭلىق ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدىن قۇيۇلغان ئىزدەك،530 سوملۇق ئاياغنىڭ ئىزى قىش كۈنلىرىمۇ ياز كۈنلىرىنىڭ ئىزىدەك كۆرىنىدۇ.
    ئىز توغرىسىدىكى تەئەجۈپلىرىم ھايات گىرافىكىمنى سىزىپ چىقىتى. ئوتتورا مەكتەپتە سۆزلىنىدىغان x,y ئوقلىرىدىن تۈزۈلگەن كوردىنات سېستىمىسى، ئەمدىلىكتە ھاياتىمىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خوشاللىق ھەم قايغۇنىڭ ئوقى بولدى. ھاياتىمىنىڭ دولقۇنلىرى بىلەن تەسۋىرلەنگەن سىنوس سىزىقى بولسۇن ياكى كوسىنوس سىزىقى بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھېكمەتلىرى مېنى تارازا ئۈستىگە ئاجايىب بىر كۈچ بىلەن چىقىرىپ قويدى.
       بۇخىل ئاجايىباتلاردىن كەلگەن كۈچنىڭ تەسىرى،كۈچ توغرىسىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئابدۇسالام دوكتۇرنى ئەسلەتتى. دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى ئالغاندا سۆزلىگەن نۇتقى:"ئۈچ خىل كۈچنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر مەنبە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كىيىنكىلەرنىڭ ئىزدىنىشى بولۇپ قالغۇسى"دېگەن سۆزلىرى، ئەمدىلىكتە ئۈچ، بىر دېگەن سانلارغا مېنى قىزىقتۇرۇپ قويدى. قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى پىلانىتلارغا قارىغىنىمدا، ياشاۋاتقان زىمىنىمىزنىڭ ئۈچىنجى ئورۇندا ئىكەنلىكى ماڭا ئاجايىباتلاردىن بىر سىگىنال بەردى. ھايات گىرافىكىمنىڭ x,y ئوقلىرىغا قارىغىنىمدا،ئۇنىڭ يەنە بىر ئوقى باردەك بىلىندى. ئەقىلنىڭ تەكەممۇللىشىغا قاراپ، ھايات گىرافىكىمنىڭ يەنە بىر ئوقىنىڭ دەل ئىنسانلار ئانچە دىققەت قىلمايدىغان،يوشۇرۇن ئېڭىدا مەۋجۈت بولغان، ھەرىكەت ئۈستىدە بولغاندا، ئاندىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئوقنىڭ دەل z ئوقى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.دەل مۇشۇ زامانغا كەلگەندە ئۈچ خىل ئوقنىڭ مەھسۇلاتى بولغان نادىر كىنولار رويابقا چىقتى. بولۇپمۇ كىنولارنىڭ ئارىسىدىكى :"مۇز ئېراسى"دېگەن كىنونى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. بۇخىلغا ئوخشاش كىنو كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر زىيارەتچىلىرىنىڭ كۆپ سورايدىغان ھەم ئۇلاردىن كۆپ ئاڭلىغىلى بولىدىغان بىر جۈملە:"بۇنى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۈشكۈلاتقا ئۇچرىدىڭىز؟". دېگەنگە ئوخشاش سوراشلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
       نەتىجە مۈشكۈلاتسىز رويابقا چىقمايدۇ، ئەلۋەتتە. كۆز x,y ئوقلىرى ئۈستىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرىدۇ. كۆز ئالدىراش ھەرىكەت قىلىدىغان مايانتىك. باش كەينىگە بۇرۇلۇشقا ماھىر بولغان بولسا، كۆزمۇ مايانتىكلىق خۇسۇسىيەتتىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان، 360  گىرادۇسلۇق كۆرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بولاتتى.لىكىن بەدەن بۇرۇلۇش مىخانىكىسىغا ئىگە.ھورۇن بەدەننىڭ مىڭىسى فانتازىيلىك كىنولاردىكى ئالاھىدە ئادەملەرنىڭ بورۇلۇش سەنئتىنى ھەمىشەخىيال قىلىدۇ. مىڭىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان شىرىن خىيال، بەدەننىڭ تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەيدۇ. كۆزىڭىزدىن قايتقان قۇياشنىڭ نۇرى بەدىنىڭىزگە چۈشكەندە،خۇددى تەسىر ۋەئەكىس تەسىر كۈچنىڭ مەنتىقىسى بويىچە قۇياش كۆزىڭىزدىن نېمىنى ئېلىپ قايتقان بولسا،شۇ خىل تەسىرنى سىزگە شۇ پىتى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ھالبۇكى،" بۇنى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۈشكۈلاتقا ئۇچرىدىڭىز؟"دەپ سورىغۇچى ئۇيغۇرنىڭ كۆزىمۇ كۆز. ئۈچ خىل ئوقنىڭ بىلىمىدە سۇغۇرۇلۇپ،نادىر ئەسەرلەرنى رويابقا ئېلىپ چىققان ئامىرىكىلىقنىڭ كۆزىمۇ كۆز. ئاستورنومىيە تەتقىقادى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرجايلىرىدىن كەلگەن ناسادىكى ئالىملارنىڭ كۆزلىرىمۇ كۆز.ئابدۇسالام دوكتۇرنىڭ كۆزىمۇ كۆز.
       كۆز مۇشۇ يورۇق ۋە قاراڭغۇھاياتنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنى كۆرىدىغان ھاياتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى. كۆز قۇبۇلخانىسىدىكى زەرىچىلەر بىۋاستە يۈرەك يەنى قەلب بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.كۆزلىرىم ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاق بېتىدىكى قارا ئىزنالارغا ئىنكاس قايتۇردى:"بارلىق شەيىئنىڭ قەلبى ۋە دىلى باردۇر، قۇرئاننىڭ قەلبى، دىلى ۋە يۈرىكى سۈرە ياسىندۇر. "بۇ مەنانىڭ ھېكمىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۇنى ئاڭلىنىدىم.ئاڭلاش...قەلب تەۋرىگىننى ئاڭلاش كۆزنى بەندە بىلمەيدىغان يۇسۇندا ھەرىكەت قىلدۇرۇپ،ھېكمەتلەر ساھىبى بولغان ياشنى كۆزلىرىمىدىن گورزىنتال ئېتىلغان جىسىم ھەركىتى قىلدۇردى. تارازىنىڭ قوشكىزىكى بولغان قوللۇرۇم، يېڭى توغۇلغان بوۋاقنىڭ بارماقلىرىغا ئۆزگىرىپ ، بىگىز بارمىقى بىلەن يۈزىنى سىلىۋىدى، بارماقلار بىلەن تۇتاشقان قەلب ھۆللىكنى سەزدى.بىراۋنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغان ياشلىق كۆز ، سۇ بىلەن ھاپىلا-شاپىلا ياشلىرىنى يوقاتقىلى تۇردى. يەنە قوللىرىغا ئۇرۇلغان ھۆللۈك، كۆز بۇ ھۆللۈك بىلەن ياشىنىڭ قېرىنداش جەمەت ئىكەنلىكىنى قەلبى بىلەن كۇسسۇرلاشقاندىن كېيىن، سۇنىڭ ھېكمىتىنى كۆرۈش كۆزنىڭ ئارزۇسى بولدى.
     كۆز،ئەقىل كۆزى ھېكمىتىنىڭ مۆجىزە بەتلىرىدىن :"سۇدىن باشقا جىسىملار ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقلىقتىن تارىيدۇ."دېگەن مەنانىڭ "سۇ"ئىزاھاتىغا دىققەت بىلەن تىكىلىپ قالدى. سۇ ئىسسقلىقتىن كېڭىيىپ، 4-سىللىسسىيە گىرادۇسغىچە تارىيىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كېڭىيدۇ. X ئوقى ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆز،تۇيۇقسىز z ئوقى تەرىپىدىن پىروگرامما كۆزدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتال"كۆزنىڭ ۋاقىت كارىدورى"نىڭ قوزغالغان دائىرىسىگە كىرىپ قالدى.ئۇ :"ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى 6 كۈندە ياراتتى .(ئاسمان –زىمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى)ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى.سىناش ئۈچۈن ئاللاھ(ئۇلارنى ياراتتى).سۈرە ھۇد 7-ئايەتنىڭ بىرقىسمى"دېگەن ھېكمەت قۇرلىرىدا توختاپ قالدى.سۇ 104 گىرادۇس 30 مېنۇتلۇق بۇلۇڭلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.بۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەرقانداق جىسىمنى ئېرىتەلەيدۇ.ئالتۇنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.سۇ نېيتىراللىق يەنى مۆتىدىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە .ئۇنىڭ ئىئولىنىش تەڭلىمىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايرىقى بولالايدۇ.سۇ- كىسلاتالىقنى بەلگىلەيدىغانH ئىئونى ھەم ئىشقارلىقنى بەلگىلەيدىغان OH ئىئونى دىن تۈزۈلگەن سۇ مولىكۇلاسى. سۇنىڭ تەركىبىدىكى قايسى ئىئوننىڭ خۇسۇسىيىتى كۈچىيدىكەن، سۇ شۇخىل ئىئوننىڭ خۇسۇسىيتىگە ماس تەركىبكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.ئەمدىلا ياشنىڭ سۇ ئىكەنلىكىنى بىلگەن كۆز،بىر نەرسىدىن دەرگۇمانغا كەچكەندەك بولۇپ،يۇمشاق دېتالدىن چىكىنمەكچى بولدى.
    مائۇسنى چېكىۋىدى:"ئاللاھ ئاسمانلارنى،زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. سۈرە ئەنئام 73-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا،ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىنداياراتقان شەيئىلەردە(ئاللاھ دىن) قورقىدىغان قەۋىم ئۈچۈن،ھەقىقەتەن(ئاللاھ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.سۈرە يۇنۇس6-ئايەت."دېگەن ئۇچۇر پەيدا بولدى.كۆز y ئوقى ئۈستىدىكى ھەرىكىتىنى ئاجايىب سېزىملار بىلەن يەنە داۋاملاشتۇردى.سۇ..."مەندىن پەيدا بولغان ياش ئۈچ خىل خۇسۇسىيەتلىك، نىيتىراللىق، كىسلاتالىق، ئىشقارلىق"دېگەن كۆزنىڭ خىتابى يۈرەك بىلەن ئۇچراشتى.
    يۈرەك دائىم كۆزنىڭ كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق ياشلىرىدىن بەكلا بىئارام بولاتتى. كۆزنىڭ بىرەر قېتىممۇ نىيتىراللىق يىغلاپ باققىنىنى يۈرەك ھېچ ئېسىگەئالالمىدى. ئادەم ئەلەيھىسالامدىن ئۇرۇقلانغان بۇ يۈرەك، ئاتىسىنى ئەسلەپ قالدى. ئادەم ئەلەيھىسالام گۇناھى ئۈچۈن،ياراتقۇچىسىغا 300يىل يىغلاپ گۇناھىنى تىلىگەن، لېكىن ئۇنىڭ كۆزى ئاززىراقمۇ خىرەلەشكىنى يوق.
    "ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭىلى-كۆكسى كەڭ،كۆپ ئاھ چەككۈچى(يەنى دىلى يۇمشاق)،(ھەممە ئىشتا)ئاللاھ غا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر. سۈرە ھۇد75-ئايەت"بويىچە سۈپەتلەنگەن ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسالامنى ئەسلىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسالام،ئوغلى يۈسۈپ ئەلەيھىسالامدىن ئايرىلىپ قىلىپ،ئوغلىنىڭ ۋىسالى ئۈچۈن،كۆپ يىغلىغىنىدىن كۆزلىرى خىرەلىشىپ،ئاخىرى قارىغۇ بولغان.پەرقى شۇ بولدىكى، ئادەم ئەلەيھىسالام ئۆز ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ غا تۆۋبە-ئىستىغفار ئىزدەپ،ئاللاھ نىڭ كەچۈرۈم-رەھمىتى ئۈچۈن يىغلىغان.دەل بۇ يىغىدىكى ياش، نىيتىراللىق ياشدۇر.يۈرەك،كۆزگە بەرىكەتلىك ئىنكاس يوللىدى.
       كۆز، ئەقىل كۆزىگە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيۋاتقانلىقىنى بىلدى.
       كۆز ۋە ئەقىل كۆزىلىرى كۆزگە ئەگىشىپ،ھەمىشە y x ئوقلىرى ئۈستىدە يىغلايدۇ،كۈلىدۇ.
       Z ئوقىنىڭ بارلىقىنى ئەمدىلىكتە بىلگەن كۆز ۋە ئەقىل كۆزى، z ئوقى ئۈستىدە تېخى كۆپ ئويلانغىنى يوق.خاتىرجەملىكنى ھېس قىلغان كۆز،كۆز ۋە ئەقىل كۆزلىرىنى باشلاپ، zئوقى بوسۇغىسىغا كەلدى.بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا "كۆزنىڭ ۋاقىت كارىدورى" ئۆزلىكىدىن قوزغالدى.ئۆزىگە يېڭىچە ئىقتىدار قوشۇلغان كۆز،360 گىرادۇسلۇق ھەرىكەت قىلالايدىغان، شەيىئلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم كەمچىلىكىنى تېز كۆرەلەيدىغان بولدى. 23 ئەقىل كۆزى ئەزالىرىنى باشلاپ،بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئىچىگە كىرىۋىدى،ئۇلارنىڭ سانى ئەمدىلىكتە 23 ھەسسىلىنىپ529بولغىننى كۆرگەن كۆزھەيرانۇ –ھەستە قالدى.كۆز بۇ خوشاللىقنى دوستى يۈرەككە ئېيتماقچى بولۇپ،ئالدىراپ ئەزالىرىنى باشلاپ مېڭىۋىدى،529ئەزاسىدىن506ئەزا ئىگىسىگە ئىتائەت قىلدى. كونا23 ئەزا بانا – سەۋەبلەر بىلەن ماڭغىلى ئۇنمىدى.كۆز ئاچچىقلىنىپ،23ئەزانى يالاپ ئېلىپ مىڭىشقا506يېڭى ئەزانى بۇيرىدى.
    بۇ ۋاقىتتا 506يېڭى ئەزا ئىگىسىدىن" ئۆزلىرىنى دائىم بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ تۇرۇشى"نى ئۆتۈندى.
    ئەقىل كۆزلىرىنى كونا- يېڭى ئەزالىرى y xئوقلىرى ئۈستىگە كېلىپ،يىغلىدى، ئۈنسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. پىيالىلەپ تۆكۈلگەن ياشلار كۆزنى جىددىي ئەھۋالغا دۇچار قىلدى.يۈرەك راھەتلەندى...ئۆمرىدىكى ئەڭ خۇشال مېنۇتلارنى،يۈرەك مۇشۇ تاپتا تېپىۋالدى.ئۇ خۇشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ،
    كۆزگە بەخت تىلەپ ئۇچۇر يوللىدى. كۆز تېخىمۇ ھەيران قالدى،ئۇمۇ يۈرەككە خۇشاللىقىنى دېمەكچى ئىدى.يۈرەك دائىم كۆزنىڭ يىغلىغىنىدىن بىئارام بولاتتى.يۈرەكنىڭ ئۇچۇر قوللىرىدا شۇنداق ئىبارىلەر بار ئىدىكى،ئۇ بولسىمۇ:"قەلب تارىم بولغان دوستۇم كۆز،بۇ ھاياتىمدا نىيتىراللىق يىغىدىن ھۇزۇر
    ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان ئوخشايمەن ،دەپ ئويلىغان ئىدىم.مۇشۇ دەمدەئۇنىڭ ھۇزۇرى ئەقلىمنى لال قىلىپ،ئالەمچە خۇشاللىقى بىلەن مېنى سۆيدى.
    سەن ئاخىرى ئەقىل كۆزلىرىڭنى تېپىۋاپسەن دوستۇم..."دېگەن ھەقىقىي خۇشاللىقىنى تاپقان شۈكۈر سۆزلىرى بولدى.
    ئەسلىدە ،يېڭى ئەزا بولغان ئەقىل كۆزلىرى zئوقى ئۈستىدە قىلىدىغان ئىبادىتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قىلىپ،ياراتقۇچىسىدىن ئۆز گۇناھلىرىنى تىلەپ،
    شۇنداقلا ئىگىسى بولغان كۆزگە رەھمەت ھەم ھىدايەت قىلىشىغا،شۇ ئارقىلىق قىبلىگاھىغا دائىم ۋاقتى- ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىشىغا مۇناجات قىلغان ئىدى.
    يۈرەك بارلىق دوستلىرىغا بۇ خۇشاللىقنى ئېيتتى.
       كونتىرول سۇپىسى بولغان مىڭە، ئۆز ئىگىسى بولغان "مەن"نى ئەسلىگە قايتۇردى.
    مەن بۇ خۇشاللىقتىن ئالەمچە بەختكە ئىرىشكەندەك بولدۇم. كۆزلىرىم ئاللاھ نىڭ ئۆيىدىكى تاملىرىنىڭ ئۈستىدىكى :"يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق.ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. سۈرە يۈسۈف22-ئايەت"دېگەن ئايەتكە چۈشتى."مەن"مۇكاپاتلاندىم. مەن ئۆيگە كىرىپ، قاتتىق دىسكامنى قوزغاتتىم. ھېكمەت بىلەن مۇكاپاتلانغان بۇ يۇمشاق دېتالنى ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ، مائۇسنى"يوللا"دېگەن كونۇپكىنىڭ ئۈستىگە ئەكەلدىم.چېكىشتىن بۇرۇن بىر سۆزنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.
    ھاياتىم ئەمدى باشلاندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق