ئەڭ ئۇزۇن دەريا - نىل دەرياسى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-02 13:24:00

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا - نىل دەرياسى ئافرىقىدىكى پۈتۈن دەريالارنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان نىل دەرياسى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئافرىقىنىڭ شىمال ۋە شەرقىنى بېسىپ ئۆ...

          دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا - نىل دەرياسى

      ئافرىقىدىكى پۈتۈن دەريالارنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان نىل دەرياسى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئافرىقىنىڭ شىمال ۋە شەرقىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرىدا  شىمالى كەڭلىك قىرىق گىرادۇس ئەتراپىدا ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. 
           نىل دەرياسى ئافرىقىنىڭ شەرقى شىمال قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا شۇنداقلا بىر خەلقىئارالىق دەريا ئېقىنى. نىل دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى بۇرۇندى، رىۋاندا، تانزانىيەلەردىن باشلىنىپ، ئۇگاندا، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى مىسىز زىمىنىدا  ئوتتۇرا دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. تارماق ئېقىنى كېنىيە، ئېفئوپىيە ۋە ئېرتىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرقىسىم رايونلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، غول ئېقىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 6670 كىلومېتىر بۇلۇپ دۇنيا بويىچە ئېقىن مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن دەريا . ئېقىن رايونى 2 مىليون 87 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقى ئومۇمىي يۈزىنىڭ 9دىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. دىڭىزغا قۇيۇلۇش زاپاس سۇ مىقدارى 810 مىليارد كۇپ مېتىر، نىل دەرياسىنىڭ دەسلەپكى «نىل» دىگەن نامى 2000 يىل بۇرۇن قويۇلغان بۇلۇپ، كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار، بىرسى «نىل» دىگەن سۆز لاتىنچە دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ مەنسى مۇمكىن بولمايدۇ دىگەن مەنىدە دىگەن قاراش. يەنە بىرسى، مىسىر پادىشاھى  نىڭ ئىسمى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دىگەن قاراش. 
          نىل دەرياسى كاگىرا دەرياسى، ئاق نىل دەرياسى، كۆك نىل دەرياسى دىن ئىبارەت 3 دەريا ئېقىنىنىڭ بىرىشىشىدىن تۈزۈلگەن نىل دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنى دېلتا رايونى ئىنسانىيەت مەدىنيىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇن باشلانغان رايونلارنىڭ بىرى. قەدىمقى مىسىر مۇشۇ يەردە بارلىققا كەلگەن. بۈگۈنگە قەدەر مىسىردا %96 ئاھالىنىڭ يېزا ئىگىلىك، سانائەت ئىشلىرى يەنىلا مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن. شۇڭا نىل دەرياسى مىسىرنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نىل دەرياسى