دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھەسەل

يوللىغۇچى : NURLANN يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-30 02:35:00

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھەسەل تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە كەنت خوجۇلۇق مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئىيتىلىشىچە ، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى رىزا ئۆلكىسىنىڭ ئەنزەر يايلىقىدىن چىققا...

    دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھەسەل

       تۈركىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە كەنت خوجۇلۇق مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئىيتىلىشىچە ، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى رىزا ئۆلكىسىنىڭ ئەنزەر يايلىقىدىن چىققان "ئەنزەر " ماركىلىق ھەسەل دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھەسەل بولۇپ قالغان بولۇپ .
        بۇ ماركىدىكى ھەسەلنىڭ ھازىرقى خەلقئارا بازاردىكى بىر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 245 ئامىرىكا دوللىرى ئىكەن . تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايۇنىغا جايلاشقان ئەنزەر يايلىقى 70 دىن ئارتۇق رەڭگارەڭ گۈل - گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ ، بۇ گىياھلار يىل بويى قارادېڭىز يامغۇرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ تۇرغاچقا ئالاھىدە دورىلىق ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان .  بۇ يەردىكى ھەرىچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان ھەرىلىرى 25 مىلىيۇندىن ئاشىدۇ .ئەنزەر ھەسەللىرى ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ شۇ يەردىكى 70 دىن ئارتۇق ئوخشاشمىغان گۈل - گىياھلارنىڭ گۈل شىرنىلىرىنى يىغىپ ئۆز قارنىدا پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن كەلگەن .
        بۇنداق ئېسىل ھەسەل راكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچى دورا بولالايدىكەن . ئۇندىن باشقا ماددا ئالمىشىش( مىتابولىزىم )نى تەڭشەپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن بۇ ھەسەل خەلقئارا ھەسەل بازىرىدىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتكەن .
       يېقىندا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شۇ يەردىكى ھەرىچىلەرنى زور مەبلەغ بىلەن يۆلەپ ھەسەلچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنزەر دىھقانلىرى بارلىق ئەنزەر ھەسىلىنى ئىتالىيەگە سېتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن يېزا خەلقى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان . ھەمدە ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئەنزەر ھەسىلىنىڭ سېتىش ھوقۇقىنى يالغۇز ئىگىلىۋالالمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان ، چۈنكى دۇنيادا كۆپلىگەن بىمارلار مۇشۇ ھەسەلنى يەپ شىپاھ تاپىدىكەن . - -----

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنزەر ھەسىلى