مارافونچە يۈگۈرۈش قانداق كېلىپ چىققان

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-27 14:20:00

مارافونچە يۈگۈرۈش قانداق كېلىپ چىققان ھازىر كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تازا يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا .كىشىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكتە . مەسى...

    مارافونچە يۈگۈرۈش قانداق كېلىپ چىققان

             ھازىر كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تازا يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا .كىشىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكتە . مەسىلەن، يۈگۈرۈش ، سەكرەش تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، سىز  مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟
            مارافون گىرىتسىيىدىكى بىر يەرنىڭ نامى . مىلادىيىدىن ئىلگىركى-490يىلى ئافېنا قوشۇنى بىلەن پىرسىيە قوشۇنى مارافون تۈزلەڭلىكىدە ئۇرۇش قىلغان. خەۋەرچى فىدرېپىست بۇيرۇققا بىنائەن بۇ خەۋەرنى ئافېنا خەلقىگە يەتكۈزگەن . بۇ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي ، مارافوندىن ئافېناغا(پۈتۈن مۇساپە40 كىلومېتىر)يۈگرەپ بارغان . ئافېناغا يېتىپ بارغاندا ئۇ ھېرىپ  ھالىدىن كەتكەچكە پەقەت «بىز غەلىبە قىلدۇق» دېگەن شۇ بىر جۈملە سۆزنى قىلىپ، مەيداندىلا كۆز يۇمغان. تارىختىكى مۇشۇ ئىشنى خاتىرلەش ئۈچۈن 1896-يىلى ئافىنا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە، مۇشۇ ئارىلىقنى بىر مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىپ، مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دەپ ئاتىغان.


    «تەنتەربىيە ۋە سالامەتلىك» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
     ھاۋاگۈل مۇسا(ت)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق