بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس

يوللىغۇچى : ROSE يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-15 18:10:00

بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس چىراي شەكلى ھەممىگە باقىۋەندە ئەمەس؛ ئەگەر چىراي شەكلىڭىز جايىدا بولمىسا، قابىيلىتىڭىزنى نامايەن قىلىڭ؛ ئەگەر قابىيلىتىڭىزمۇ بولمىسا، باشقىلارغا تەبەسسۇم بى...

    بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس

     

       چىراي شەكلى ھەممىگە باقىۋەندە ئەمەس؛ ئەگەر چىراي شەكلىڭىز جايىدا بولمىسا، قابىيلىتىڭىزنى نامايەن قىلىڭ؛ ئەگەر قابىيلىتىڭىزمۇ بولمىسا، باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن بېقىڭ.

        باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولىڭىزنى ئۇزاققىچە قويىۋەتمىسىڭىز، يات جىنىستىكىلەر باشقىچە خىيالدا بولۇپ قالىدۇ.

        باشقىلاردىن پۇل قەرىز ئېلىپ، ساخاۋەتچىلىك قىلىش خىيالىدا بولماڭ.

       ئۆزىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ. مەسىلەن: ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش جەريانىڭىز، باي بولۇش جەريانىڭىز قاتارلىقلار... بەزىدە ئائىلە ئالبومىمۇ باشقىلارغا سۆز-چۆچەك بولۇپ بېرىدۇ.

        بەزىلەر سىزگە باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بەرگەندە، پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ، باشقا ئىنكاس قايتۇرماڭ.

        ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يېتەرلىك ھۆرمتىڭىزنى ساقلاڭ.

        تەنقىد قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلىڭ؛ ماختاشقا توغرا كەلگەندە، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ.

       باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىماڭ.

       گەپ قىلغاندا ‹بىز› سۆزىنى كۆپ ئىشلىتىڭ، ھە دېگەندىلا‹مەن› دەپ گەپ باشلىماڭ.

       باشقىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ماختاڭ، مەدھىيلەڭ.

        تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، شۇڭا ئادەم كۆپ يەردە ئاز گەپ قىلىڭ.

        ‹ياق› دېگەننىڭ ئورنىغا ‹بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ›،‹مەن ئامال بار...›،‹بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن›،‹بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن سىزگە چوقۇم خەۋەر بېرىمەن›... دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.

        ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق