گېتلىر دۇنيادىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساتقان

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 02:51:37

گېتلىر دۇنيادىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساتقان گېرمانىيىدىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ياسالغىنىغا 70نەچچە يىل بولدى.بۇ تاشيول دۇنيا بويىچە ئاڭ قەدىمكى تېز سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپلا ...

    گېتلىر دۇنيادىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساتقان

     

     گېرمانىيىدىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ياسالغىنىغا 70نەچچە يىل بولدى.بۇ تاشيول دۇنيا بويىچە ئاڭ قەدىمكى تېز سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپلا قالماستىن،يەنە قۇرۇلۇش تارىخىدىكى نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.لېكىن،ئۆز ۋاقتىدا گېرمانىيىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول تەرەققىياتى قۇرۇلۇشىنى سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن گىتلېرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ.ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى يەنىل گىتلېر دەۋرىدە ياسالغان تاشيوللار.يېقىندا گېرمانىيىدە چىقىدىغان <<سۈزۈك ئەينەك>> ھەپتىلىك گېزىتى ناتسىسىتلار گېرمانىيىسىنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى ياسىغانلىقى توغرىسىدىكى سىرنى ئاشكارىلىدى.

                          گىتلېر ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل ماگناتلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن،ئۇنىڭدا تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساش خىيالى تۇغۇلغان

     بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،سىياسىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ،شۇ چاغلاردا تېخى ئانچە نامى يوق گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان.ئۇ ميۇنخېندىكى چاغلىرىدا،<<بېنز>>ئاپتوموبىل شىركىتى ميۇنخېن تارمىقىنىڭ يېڭى دىرېكتورى جكوب ۋېلىن بىلەن تونۇشاتتى.گىتلېر 1923-يىلى11-ئايدا پىۋىخانا توپىلىڭىنى قوزغاپ مەغلۇپ بولغان.ئۇزاق ئۆتمەي،لاندسبېرگ تۈرمىسىگە قامالغان.ۋېلىن تۈرمىگە بېرىپ،گىتلېرنى يوقلاپ تۇرغان ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىتاب يەتكۈزۈپ بەرگەن.ئۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە،ئامېرىكا ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ماگىناتى ھېنرى فوردنىڭ <<ھاياتىم ۋە خىزمىتىم>> دېگەن تەرجىمىھالىمۇ بار  ئىدى.گىتلېردا بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن،گېرمانىيىدە تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساش ئىستىكى تۇغۇلغان.
    1933-يىلى 1-ئايدا،گىتلېر گېرمانىيىنىڭ زۇڭلىسى بولغان.ئۇ تەختكە چىقىپ 11 كۈندىن كېيىن،بېرلىن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،تېز سۈرئەتلىك تاشيول پىلانىنى تەشۋىق قىلغان.شۇ چاغدا،گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئىدى.شۇڭا،پۇل-مال ئىسراپ قىلىنىدىغان بۇنداق يول ياساش پىلانىغا نۇرغۇن ئادەم قارشى چىققان.گىتلېر خۇسۇسىيلارنىڭ مەبلىغىگە تايىنىشنىمۇ ئويلاشقان.بۇنداق قىلغاندا،يول پۈتكەندىن كېيىن،ھەق ئېلىشقا توغرا كېلەتتى.ئەمما قانۇندا يول ھەققى ئېلىش چەكلەنگنىدى.قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسىمۇ،گىتلېرنىڭ لوگىكىسىغا ئاساسەن،ئالدى بىلەن يول ياساشقا توغرا كېلەتتى.چۈنكى،يول بولمىسا،ئاپتوموبىل ياسىغان بىلەنمۇ ئۇنى ھەيدىگىلى بولمايتتى،ئىقتىساد تەرەققى قىلمايتتى.بۇ ئىش گىتلېرنى كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىقارار قىلغان.ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرغان مەزگىلدە،بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان ئامال،يەنى تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساش پىلانىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشسىزلارغا قۇتقۇزۇش بېرىش پىلانىغا ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ تاپقان.بۇنداق قىلغاندا،ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى پەسەيتىپ،نۇرغۇن ئىش ئورنىنى تەسىس قىلغىلى ھەم ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى قۇرۇلۇشقا ئىشلەتكىلى بولاتتى.
      گىتلېر بۇ پىلانىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن،مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ،قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدە شوئار توۋلىغان.ئويلىمىغان يەردىن،گېرمانىيە پۇقرالىرى بۇ يېڭى تۈرنى ئاجايىپ ئالقىشلىغان.1933-يىلى 6-ئايدا،بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنت تېزلا ماقۇللىغان.گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدە يەنە<<ئىمپېرىيە يول شىركىتى>> قۇرۇلۇپ،بۇ تۈرنى باشقۇرۇشقا ماسئۇل بولغان.دوكتۇر فېرز توت بۇ تۈرگە مەسئۇل بولغان.گېرمانىيە ئەمگەك تارماقلىرى قۇتقۇزۇش بېرىلىدىغان 120مىڭدەك ئىشسىزنى تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

       گىتلېر <<ئادېنائۇئېرنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيولى>>نىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن

      گىتلې دۇنيا بويىچە تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتقان چاغلاردا،دەسلەپكى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى كيولىن شەھىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى باشلىقى،كېيىن گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولغان ئادېنائۇئېر ياساتقان،دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچقان.ئەسلىدە،ئادېنائۇئېر كيولىن شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن،شەھەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش،قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا زور كۈچ چىقارغان.1926-يىلى ئادېنائۇئېر ئاپتوموبىللا ماڭىدىغان يول ياساشنى پىلانلىغان.بۇ يولنى ياساش جەريانىدا،<<تېز سۈرئەتلىك تاشيول>> دېگەن ئاتالغۇ بارلىققا كەلگەن.
      1932-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى،گىتلېر تەختكە چىقىشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى،كيولىن ۋە بونن شەھىرىنى تۇتاشتۇرغان تاشيولداقاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئاران 20 كىلومېتىر بولۇپ،تۆت ئاپتوموبىل قاتار ماڭالايدىغان تۈز يول ئىدى.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توساقمۇ يوق ئىدى.بۇ يولدا ۋېلىسىپىتلىكلەر ياكى پىيادىلەرنىڭ مېڭىشى چەكلىنەتتى.شۇ چاغكاردا،كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتى 60كىلومېتىردىن ئاشمىسىمۇ،يولنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سۈرئىتى سائىتىگە 120 كىلومېتىر،دەپ بېكىتىلگەن.بىراق تەشۋىقات يېتەرلىك بولمىغاچقا،ئادېنائۇئېر ياسىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىن نۇرغۇن ئادەم خەۋەرسىز قالغان.گىتلېر <<تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇنجى قېتىم ياسىغان>> دېگەن نامنى ئېلىش ئۈچۈن،فېرز توت قاتارلىقلارغا بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى قايتا باھالاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەم ئۇنىڭ دەرىجىسىنى تاشيول دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋەتكەن.

      تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى رولىنى تەكىتلەش                                
     
      1933-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى،بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغا گىتلېر فرانكفورتتىن دارمۇستقىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىنىڭ ئۇل سېلىش نەق مەيدانىغا كېلىپ،يول قۇرۇلۇشىغا لېنتا كەسكەن.شۇنىڭدىن كېيىن،ئۇ تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ،تېز سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىنى تەشۋىق قىلغان.شۇ چاغدا،ئامېرىكا<<نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى>>دە،گىتلېر ھەر يىلى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدارغا قارىغاندا ئۇزاق مۇساپە بېسىۋاتىدۇ،دېيىلگەن.120مىڭ ئىشچى گىتلېرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن،ئىش ھەققى،تەمىنات دېگەنلەر بىلەنمۇ ھېسابلاشماي،تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان.گىتلېر يەنە چىرايلىق ناملار بىلەن،18ياستىن 25ياشقىچە بولغانلارنى ئالتە ئايلىق دۆلەت ئىجتىمائىي تەربىيىسىگە قاتنىشىدۇ دەپ،ئۇلارنى يول ياساش ئەمگىكىگە ھەقسىز قاتناشتۇرغان.نۇرغۇن يېزا،كەنتلەر ۋە بازارلار تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى سېلىنغاندا نابۇت بولغان.نەچچە مىڭ پومېشچىكنىڭ قورۇقلىرىنى ناتسىسىتلار ھۆكۈمىتى تارتىۋالغان.مەبلەغنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن،ناتسىسىتلار ھۆكۈمىتى گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئاددى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.ئۇلار قورساق تويسا بولدى،ھەشەمەتچىلىك قىلمايمىز،دەپ،كىشىلەرنىڭ گۆش ئورنىغا بېلىقمئاق بولكا ئورنىغا قارا بولكا،سېرىق ماي ئورنىغا سۈنئىي سېرىق ماي يېيىشنى تەشەببۇس قىلغان.ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىكلەردىن،مەسلەن ياۋا كۆكتات،قۇلۇلە تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى،بېلىق مەلھىمى،غاز جىگىرى ۋە ئىمپورت قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق قاتارلىقلارنى چوڭ-چوڭ مېھمانسارايلار ۋە ئالىي يېمەكلىكلەر دۇكىنىدا سېتىش،بۇ مەززىلىك تائاملاردىن  بەھرىمەن بولۇش گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئادىتى ئەمەس،ئۇنداق قىلىش گۇناھ،ھالاكەتكە يۈزلىنىش قىلمىشى بولىدۇ،دېگەننى تەشۋىق قىلغان.
      گىتلېر قۇرۇلۇش سۈپىتىگىمۇ،ئادەتتە تۆت ئاپتوموبىل قاتار ماڭالايدىغان يولنىڭ كەڭلىكى 34 مېتىر بولىدۇ،ئوتتۇرىدا بەش مېتىر ئايرىش بەلبېغى ياسىلىدۇ،ئوت-چۆپ تېرىلىدۇ ۋە ئورمان بىنا قىلىنىدۇ؛چىراغ ئورنىتىلمايدۇ،ھەر 200مېتىرغا بىردىن تۆمۈردە قاپلانغان سېمۇنت تۈۋرۈك ئورنىتىلىدۇ،كېچىدە ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ يورۇقى سۇنۇپ،پۈتۈن يولدا<<نۇر بەلبېغى>>ھاسىل قىلىنىدۇ؛يول يۈزى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنىپ،خۇددى بارماق چوڭلۇقىدا رەتلىك كاتەك ئۇيۇلىدۇ،يامغۇردا يول تېيىلغاق بولۇپ قالمايدۇ،يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولۇپ،ئەتراپنى ئېنىق كۆرگىلى بولۇشى كېرەك،ئەگىلمىلەرنىڭ رادىيۇسى ئازادە بولۇشى كېرەك،دېگەندەك قاتتىق تەلەپلەرنى قويغان.فرز توت ئارقىدىنلا جىددىي ئاپتوموبىل توختىتىدىغان جاي،ئۆتۈشمە كۆۋرۈك،ستېرىئولۇق كۆۋرۈكلەر ئارىسىدا مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ،ماي قاچىلاش پونكىتى،ئاشخانا قاتارلىقلارنى لايىھىلەشنىمۇ ئويلاشقان.
      ئەلۋەتتە،گىتلېر ئۇرۇش مەزگىلىدە،تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى ئەڭ كۆپ ئويلىغان.ئۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى ھەربىي ئاپتوموبىللار بىر كۈندە گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىن غەربىگە،جەنۇبىدىن شىمالىغا بارالايدىغان،ھەتتا بەزى بۆلەكلەرنى ئايرۇپىلان قونۇپ-ئۇچالايدىغان قىلىپ ياساشنى تەلەپ  قىلغان.گىتلار نىشان تارقاق بولۇش ۋە سان جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى ھازىرلىغاندا،بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى،كۈرەشچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىكى بەلگىلەر نۇر قايتۇرۇشچان ماتېرىياللار بولۇپ،يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورنىتىلغان رېشاتكىلاردىكى نۇر قايتۇرغۇچى تاختىلار ئايرۇپىلانغا يول باشلاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايتتى.خالىغان چاغدا يۆتكەشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن،تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش يولىدىكى مەركىزىي ئايرىش بۆلىكى ۋە يول ياقىسىدىكى ئەسلىھەلەر ھەرىكەتچان بولۇشى كېرەك ئىدى.يول يۈزىگە يۇقۇرى ھارارەتكە چىداملىق،دەرىجىسى يۇقۇرى ئاسفالت ياتقۇزۇلماقچى بولغان.

     گىتلېرنىڭ <<بېرلىندىن موسكۋاغا بىۋاستە قاتناش>> خىيالى  بەربات بولغان

    ناتسىسىتلار گېرمانىيىسى 1939-يىلى 3046كىلومېتىر تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساپ بولغان.بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرى ۋە مۇھىم شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان،ھەتتا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تۇتاشتۇرۇلغان.بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېز چۈشۈرۈپلا قالماستىن،يەنە باشقا تەدبىرلەرگىمۇ ماس كەلگەن.گىتلېر يەنە خارابلاشقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەنى قىسقا مۇددەتتە ئوڭشاپ،ئۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ،مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئاساس سالغان.بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ .ىككى تەرىپى ئىنتايىن مەنزىرىلىك بولۇپ،ئىلغار تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەنىدى.ناتسىسىتلار گېرمانىيىسى بۇ ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى تەشۋىق قىلغان.گىتلېر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنى تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.
      2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا شەكىللەنگەن ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تېز ترانسپورت تورى گىتلېرغا كۆپ ئەسقاتقان.يول ترانسپورتى سۈرئەت ۋە  ترانسپورت كۈچى جەھەتتە تۆمۈر يول بىلەن رىقابەتلىشىپ،گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تېز يۆتكىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.گىتلېر ھەتتا بېرلىندىن موسكۋاغا تۇتىشىدىغان،ھەر 40كىلومېتىر ئارىلىقتا بىر ماي قاچىلاش پونكىتى سېلىنغان تېز سۈرئەتلىك تاشيول ياساش پىلانىنىمۇ تۈزۈپ بولغان.گىتلېر ئاغدۇرۇلغاندا،ناتسىسىتلار گېرمانىيىسى دەسلەپتە لايىھىلىگەن 7000كىلومېتىر تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 4000كىلومېتىرىنى ياساپ بولغان.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،گېرمانىيىدىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12مىڭ 400 كىلومېتىرغا يەتكەن.بىراق 25پىرسەنت يول يەنىلا گىتلېر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ياسالغان ئاتالمىش<<داھىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيولى>>دۇر.

     مەنبە: پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى    

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-21 21:50:32]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گېتلىر تۇنجى تاشيول