ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 15

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 17:12:33

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 15(گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى، ئەنقەرەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ۋە خوجا تەھسىن ئەپەندى ھەققىدە)ئەزىز قېرىنداشلار!ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېماتىكاشۇناس ئالىمىمىز گەلەنب...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 15

    (گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى، ئەنقەرەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ۋە خوجا تەھسىن ئەپەندى ھەققىدە)

     ئەزىز قېرىنداشلار! ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېماتىكاشۇناس ئالىمىمىز گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندىنى تونۇشتۇرىمىز.

    تۈرك ئىلىم ـ پەن تارىخىنىڭ نوپۇزلۇق زاتلىرىدىن بىرى بولغان ئىسمائىل ئەپەندى، «تىرىك كۈتۈپخانا» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق ئالىم مەھمەت ئەپەندىنىڭ  ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنىڭدىن دىنى ۋە پەننى بىلىملەرنى ناھايىتى پىششىق ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە، لوگىكا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىدى. گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى توختىماي ئوگىنىش، دەۋرنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن دەرس ئېلىش بىلەنلا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆز ۋەتىنىگە خىزمەت قىلدى.

    تۈرك دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنىڭ تۇنجى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسكەرلەرگە گېئومېتىرىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بۇ جەرياندا داۋاملىق يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ 35 كە يېقىن ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.

    گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ئەسلىدە ئايدىن شەھرىمىزنىڭ گەلەنبە ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئالىم كىشى ئىدى. گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ئەپەندى ھەققىدە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر ھىكايە بار:

    پادىشاھ 3 ـ سەلىمنىڭ دەۋرىدە ئىستانبۇل كاغىتخانە دېگەن جايدا توپ ئېتىش مەشقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. بىراق توپچىلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى بەلگىلەنگەن نىشانغا تەگمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتچىلەر پادىشاھقا گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ ئىلمى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى چاقىرتقاندىن كېيىن، ئۇ پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدىلا ماتىماتېكا ئىلمىنى ئىشقا سېلىپ، بەلگىلەنگەن نىشانلارنىڭ مۇساپىسىنى ھېسابلاپ چىقىپتۇ. ئاندىن توپلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، نىشاننىڭ قانچىلىك ئازاقتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ چىققاندىن كېيىن، توپلارنىڭ يۆنىلىشىنى شۇنىڭغا كۆرە توغرىلاپتۇ. توپ ئۇچىنىڭ يۆنىلىشى تۈزىتىلگەندىن كېيىن ئوق دەل نىشانغا بېرىپ تېگىپتۇ.

    ***************************************************

    گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى «لوگارىفما رىسالىسى» ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر ئەسلىمە بار؛

    1780 ـ يىللىرى فىرانسىيەلىك بىر ئىنژېنېر پارىژدىن ئىستانبۇلغا كەپتۇ، سارايغا بىر لوگارىفما جەدۋىلى تەقدىم قىپتۇ. ئەمما ھېچ كىشى بۇنىڭ قايسى خىل ھېساب ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن فارنسىيەلىك ئىنژېنېرنى گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. فىرانسىيەلىك ئىژېنېر ئۆزى تەقدىم قىلغان كىتابنىڭ جاۋابىنى كېلەر قېتىم كەلگەندە ئالسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىراق قىممەتلىك ئالىمىمىز بۇرۇندىنلا ئۆزى يېزىپ قويۇپ قويغان لوگارىفما جەدۋىلىنى ئۇنىڭغا ئۇزۇتۇپتۇ. فىرانسىيەلىك ياش ئىنژېنېر بۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قاپتۇ.

    ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى «ھىسابۇل كۇسۇر» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، بەش بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. كىتابنىڭ تۆت بۆلۈمى ئارىفمېتىكىغا، بەشىنچى بۆلۈمى ئالگېبراغا ئائىت ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى «ئىزاھاتلىق لوگارىفما جەدۋىلى» ناملىق كىتابى ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر تىرىگونومېتىرىيەگە ئالاقىدار رىسالىسىمۇ بار. مانا ئەمدىلىكتە ئىستانبۇلدىكى بىر مەھەللە  بىلەن بىر مەكتەپ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. 

    *************************************************  

    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار! ئەمدى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ قىممەتلىك ئالىملىرىدىن ئەنقەرەلىك ئىسمائىل ئەپەندىنى ھەمدە غەرىپلىشىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان مۇتەپەككۈر خوجا تەھسىن ئەپەندىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۈپ ئۆتىمىز.

    تېگى ـ تەكتىدىن ئەنقەرەلىك بولغان ۋە ھاجى بايرام ۋەلى تەرىقتى شەيخلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ مەۋلىۋى تەرىقىتىگە كىرگەن ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى مەسنىۋىنى فارىسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشقان ئىدى. كۆزلىرىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن 6 توملۇق بۇ ئەسەرنى ئىنتايىن مۇكەممەل بىر شەكىلدە تەرجىمە قىلپ چىققان ۋە مۇھىم ئىزاھاتلارنى بەرگەندىن باشقا يەنە، ئىسلام پەلسەپىسىگە ئالاقىدار قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسىرى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن  بولۇپ، ئۇ مەسنىۋىدىكى مىسرالارنىڭ مەنىسىنى سوپىستىك ئۈسلۈب بىلەن چۈشەندۈرگەن ئىدى.

    ئىسمائىل ئەپەندى يەنە سوپىزمچە شىئىرلىرى بىلەنمۇ نام چىقارغان بولۇپ، ئۇ 17 ـ ئەسىردىكى قالاق ئىدىيەلەرگە قارشى كۈرەش قىلغانلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا سانىلىدۇ. ئەۋلىيا چەلىبىي ۋە كاتىپ چەلىبىي قاتارلىق كاتتا ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئەشۇ دەۋرلەردە ياشىغان بۇ ئۇلۇغ شائىر ۋە ئالىمنىڭ مەقبىرىسى ئىستانبۇل گالاتا مەۋلىۋىخانىسىدە ساقلانماقتا.

    *************************************************** 

     

    ئەزىز قېرىنداشلار! تەنزىمات دەۋرىدە باشلانغان غەرپلىشىش خاھىشى  بىلەن ئەدەبىياتچىلىرىمىز، غەرپ ئەدەبىياتىدىن نۇرغۇنلىغان ئۆرنەكلەرنى دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پەننى بىلىملەرمۇ ئاستا ـ ئاستا كېلىشكە باشلىدى. ئەينى چاغدىكى مەدرىسىلەر سىناق ۋە تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلىدىغان بۇ ئىلىملەرگە ئانچە كۆڭۈل بولمىگەن ئىدى. بىراق مەدرىسە ئالىملىرى ئىچىدە شۇنداق بىر زاتمۇ بولغانكى، ئۇ دەل بېشىغا سەللە ئورايدىغان، ئەمما پەننى بىلىملەرگە ئاشىق ئۇلۇغ ئالىم خوجا تەھسىن ئەپەندى ئىدى. ئۇ مەدرىسىدە دىنى ئىلىمەرنى ئۆگۈنۈپ يېتىشىپ چىققان ئىدى. بىراق پارىژدا قۇرۇلغان ئوسمانىيە مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئەرەبچە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا غەرپ دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن پەننى بىلىملەرنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا فىزىكا، خىمىيە ۋە تەبىئىي پەن بىلملىرىنى ئۆگەندى. ماتېماتىكا بىلەن ئاستىرنومىيە ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىسى بولغان ئىدى. ئۇ يۇقىرىقى بۇ ئىلىملەرنىڭ ھەممىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ۋەزىرى ئەزەم مۇستاپا رەشىت پاشا تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ پەننى بىلىملەرنى ياخشى كۆرىدىغان ياشلارغا دەرس بېرېپ، ئۇلارنى زامانىۋى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس رەھبەرلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. كېيىنكى چاغلاردا بولسا، ئاساسەن دېگۈدەك ئاستىرنومىيە بىلەن شۇغۇللاندى. خوجا تەھسىن ئەپەندى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم پىسخىئولوگىيە ھەققىدە ئەسەر يازغان ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىسىمۇ ئىنتايىن مەشھۇر بولغان ئىدى. خوجا تەھسىن ئەپەندىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «رۇھ ئىلمى» ۋە «ھاۋانىڭ سىرى» قاتارلىق كىتابلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن،  ئەڭ يېقىن دوستى شۇنداقلا ئاستېرنومىيە تەتقىلاتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان فەۋزى بەي تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئۇ شەرقنىڭ مەنىۋى ئىلمى ۋە تاتلىق تىلى بىلەن غەرپنىڭ پەننى بىلىملىرىنى شۇ قەدەر ياخشى ئىگىلىگەن ۋە مەسىلىلەرنى شۇ قەدەر مۇكەممەل چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىكەنكى، بۇ جەھەتتە «تۈرك مۇتەپككۈرلىرى ئارىسىدا ئۇنى سېلىشتۇرۈشقا بولغۇدەك ئالىم يوق دېيەرلىك» دېيىشكە بولىدۇ.

    ****************************************************

    ئەزىز قېرىنداشلار! گەلەنبەلىك ئىسمائىل ئەپەندى، ئەنقەرەلىك ئىسمائىل ئەپەندى ۋە خوجا تەھسىن ئەپەندى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزغا ئوخشاش ئۆز ئىدىئولوگىيەسىدە مەھكەم تۇرغان، ئۆزى ئىشەنگەنگە ياشقىلارنىمۇ ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان يەنە بىر مۇتەپەككۈرىمىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى زىيا گۆكئالىپ ئىدى. ئۇنى پىروگراممىمىزنىڭ قالغان قىسمىدا، يەنى بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئاڭلىتىش ۋە تونۇشتۇرۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.

    چۈنكى زىيا گۆكئالىپ تۈرك مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ئوسمانلى تۈركچىسىدىن ھازىرقى تۈركچىگە ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئالىملارنىڭ بىرسىدۇر. ئۇنىڭ گويا ئۆز پىرىنسىپىغا ئايلاندۈرىۋالغان «شەخس يوق، خەلق بار» دېگەن سۆزى دەل پىكىر ـ تەپەككۈرىنىڭ تۈپ ئاساسىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    تۈرك خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۇنجى قېتىم «تۈركچىلىك» دەپ ئاتىغان زىيا گۆكئالىپ، ئىلمىنىڭ چۇڭقۇرلۇقىدا گوياكى تېگى يوق بۇلاققا ئوخشايتتى. كېلەر ھەپتە ئىنشائاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ۋە پىكىر ـ قاراشلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىمىز. ئۇنىڭ تۈرك خەلقىگە نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە كىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىمىز.  

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _