گىرامماتىكىلىق باغلىنىش يوق سۆزلەر توغرسىدا

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-12 17:52:00

تىلىمىزدىكى جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىش يوق سۆزلەر توغرسىدا جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سنتاكىسسلىق مۇناسىۋەتتە بولالمايدىغان ئۆزىگە خاس ئىنتۇناتسىيە (تىنىش بەلگىلىرى )ئارقىلىق جۈملە بۆل...

                                      تىلىمىزدىكى جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىش يوق سۆزلەر توغرسىدا
     

     

        جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سنتاكىسسلىق مۇناسىۋەتتە بولالمايدىغان ئۆزىگە خاس ئىنتۇناتسىيە (تىنىش بەلگىلىرى )ئارقىلىق جۈملە بۆلەكلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ .
         بۇ خىل سۆزلەر ھەر قانداق ئەھۋالدا جۈملە تەركىبىدە باش بۆلەك ‏( ھالەت ، تولدۇرۇغۇچى ، ئېنىقلىغۇچى ) بولۇپ كېلەلمەيدۇ . بۇ سۆزلەر پەقەت ئاڭلىغۇچى ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.
    تىلىمزىدىكى جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    1. قاراتما سۆزلەر . قاراتما سۆزلەر كۆپ ھاللاردا جۈملىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىدۇ ، قىسمەن ھاللاردا جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسدا كېلىدۇ. قاراتما سۆزلەر جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە ، قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. جۈملىنىڭ ئوتتۇرسىدا كەلسە قاراتما سۆزنىڭ ئىككى تەرىپىگە پەش قويۇلىدۇ. جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلسە ، قاراتما سۆزدىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسلەن ، 1) ھەي ، ھاماقەت ، بىز ھېچنىمىنى بىلمەيمىز . 2) ھە ، سوقۇشقاق خورازلار ، مۇشتلىشىشقا تاپقان يېرىڭلارغا لەنەت ؟! 3 )مەن سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇيالايمەن ، مۇئەللىم ؟
    2. قىستۇرما سۆزلەر . بۇ خىل سۆزلەر جۈملىدە سۆزلىگۈچىنىڭ پوزىتسىيسىنى بىلدۈرىدۇ . قىستۇرما سۆزلەر بەزىدە بىر سۆز شەكلىدە ، بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ، ئايرىم ھالدا جۈملە شەكلىدىمۇ قوللىنلىدۇ. مەسىلەن : 1 )ھەببەللى ، بۇ مالنى سىزگە ئوخشاش كۆزى بار ئادەملەر تونۇيدۇ . 2 )گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا ، مەن بۇ ئىشنى زادىلا بىلمەيمەن . 3)« ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دېگەندەك خەتەردىن قۇتۇلۇپ ، يەنە خەۋپكە يولۇقتۇم .
    3. ئىملىق سۆزلەر - جۈملىدىكى پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېس - تۇيغۇسىنى بىلدۈردىغان سۆزلەردۇر . ئىملىق سۆزلەر بىر سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن : 1 )پاھ ، نېمېدېگەن گۈزەل جاي بۇ !  2 )خەپ ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر ! مېنىڭ كۈنۈممۇ تۇغۇلۇپ قالار !  3 )ۋاي ئېسىت ، بۇ بىگۇناھ ئادەم ئەمدى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولارمۇ ؟ ( ئەسكەرتىش : تەقىلدى سۆزلەر جۈملىدە مەلۇم ۋەزىپىدە كەلگەچكە جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرگە كىرمەيدۇ ). مەسىلەن : 1 )كۆزۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. 2 )بېشىم زىڭىلداپ ئاغىرىپ كەتتى . بۇ جۈملىلەردىكى « ۋاللىدە « ، « زىڭىلداپ » دېگەن سۆزلەر جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن .
    4. ئىزاھلىغۇچى سۆز - جۈملىدىكى بىر بۆلەكنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش ، روشەنلەشتۈرۈش رولىدا كېلىدۇ . ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملىدە ئىزاھلانغۇچى سۆزدىن كېيىن كېلىدۇ. ئۇ سۆزلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ يېزىلىدۇ.
    مەسىلەن : « بىڭتۈەن گېزىتى » بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ ئورگان گېزىتى ( ھەپتىلىك گېزىت ) 2. تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن ( پەيشەنبە ) يامغۇر ياغدى . 3) جوڭگۇلۇقلار 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى دوستلۇق ( ھەمكارلىق ) يغىنى قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ .

    ئاپتورى : يېزا ئىگىلىك 3- شى 53- تۈەن 2- مەكتەپتىن ئابلىكىم تۇرغۇن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.