قىز ۋە كېلىن

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 19:34:37

-قىزىمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك، كۆپچىلىكىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، قىزىم ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلمايدۇ،

    قىز ۋە كېلىن
    بىر ئايال ئۆزىنىڭ كېلىنى توغرىسىدا قوشنىسىغا رەنجىپ مۇنداق دەپتۇ:«مېنىڭ كېلىنىم بەكلا ھورۇن، كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلايدۇ، ئۆي ئىشى بىلەنمۇ كارى يوق، بىچارە ئوغلۇم كەچكىچە ئۆيى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپلا يۈرىدۇ».
    قوشنىسى بۇ ئايالدىن ياندۇرۇپ سوراپتۇ:«قىزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىچۇ، قانداقراق؟»
    -قىزىمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك، كۆپچىلىكىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، قىزىم ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلمايدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كېلىدۇ، بولمىسا چۈشكىچە ئۇخلايدۇ، كۈيئوغلۇم تاماقلارنى ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىز