مىجەز ۋە ئىرسىيەت

يوللىغۇچى : asigulmamat يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-19 21:28:19

ئادەتتە تۇرمۇشتا بەزىدە بىر قور ساقتىن تۇغۇلغان تۇغقانلارنىڭ ھەرىكىتى ياكى مىجەزىنىڭ ناھايتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭغا ئىرسىيەت ئامىلى بولغاندىن باشقا بىللە تۇر مۇش كەچۈرۈش ئامىلىمۇ ناھايتى مۇھىم سەۋەپ بولغان

    مىجەز ۋە ئىر سىيەت

      مىجەز ھەققىدىكى بىر خىل قاراشتا مىجەز تۇغما بۇلىدۇ، يەنى ئىرسىيەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ «مىجەز تۇغما بۇلىدۇ» ياكى «مىجەزنى ئىرسىيەت بەلگىلەيدۇ» دەيدىغانلارنىڭ قارىشىدىن ئىبارەت. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ئادەم تۇغۇلغاندا  بىر ۋاراق ئاق قەغەزدەك پاك بۇلىدۇ، مىجەزى بولسا پۈتۈنلەي تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ «مىجەز تۇغۇلغاندىن كىيىنكى تەجرىبىدىن شەكىللىنىدۇ» ياكى «مىجەزنى مۇھىت بەلگىلەيدۇ» دېگەن قاراشتۇر .
      ناۋادا مىجەز تۇغما بۇلىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ قارىشى توغرا بولسا، بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا بەزى ناچار مىجەز بىلەن تۇغۇلىدۇ-دە، ئۇنى ئۆمۈر بۇيى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇھالدا بارلىق تەربىيلەش تەدبىرلىرى كېرەكسىز ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەممە نەرسە بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان-دە.
      يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، «مىجەز تۇغۇلغاندىن كىيىن شەكىللىنىدىغان» بولسا، ئالاھىدە مۇھىتتىمۇ ئادەمنىڭ مىجەزى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ-دە، بىر بولسا ياخشى تەرەپكە، بىر بولسا يامان تەرەپكە ئۆزگىرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مۇھىت ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ھەمدە تەجرىبىلەرنى تاللاپ قۇبۇل قىلىىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىجەزمۇ ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىجەز ۋە ئىرسىيەت