بالىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك؟

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-25 23:18:00

ئانا بۇلۇش بۇيۇك بىر نېمەت ۋە تەڭداشسىز بىر شەرەپ .بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن سازاۋەر بولالايدۇ. بالا ...

       ئانا بۇلۇش بۇيۇك بىر نېمەت ۋە تەڭداشسىز بىر شەرەپ .بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن سازاۋەر بولالايدۇ. بالا تەربىيىسىدە ھەر تەرەپلىمە بىلىم ۋە تەجىربە ئىگەللەش ئىنتايىن زورۇر .
       بالا تەربىلەش ئاتا -ئانا بولغۇچىنىڭ  ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ  ،ئاساسى  مەسئۇلىيەت  يەنىلا ئانىنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.   بۇيۈك بىر زات شۇنداق ئېيتقان : بىر ئايالنىڭ ئەقلىنى ئولچىمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىلىگەن بالىلىرىغا قارىغىن. بۇنىڭدىن بالا تەربىيىسىدە ئانا رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمىز .
       ھازىرقى زامان كىشىلىرى مۇرەككەپ تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشاۋاتقاچقا ، كەيپىياتنىڭ ئۆزگۇرىشىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بالا تەربىيىسىدە ئاتا -ئانىلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقىنى زادى نىمە ؟
       نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئارانلا ساۋادى بار ھەتتا ساۋاتسىز ئانىلىرىمىز تەربىلىگەن  بالىلارنىڭ ساپاسىغا قارىغاندا  مەلۇماتلىق، بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ياش ئاتا -ئانىلار  تەربىيىلىگەن  بالىلارنىڭ ساپاسى  كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بالىنىڭ ساپا تەربىيىسىدىن باشقا يەنە ئەقىدە-ئەخلاق ۋە مىجەز خاراكتىر ھەققدىكى تەربىيەگە سەل قارىلىۋاتقانلىقى سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ.  ھازىرقى بالىلار ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق زىرەك. شۇنداق تۇرۇپ بۇ بالىلارنى تەربىيىىلەش ئويلىغىنىمىزدەك ئاسان بولمايۋاتىدۇ.
       بالا تەربىيىسى قوپاللىق ،قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەمەس ، بەلكى سەۋر -تاقەت، مېھرىبانلىق، شەپقەت، سەزگۈرلۈك بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق ئارىسىدا ئادالەت بىلەن تەربىيەت قىلىش  كېرەك. زىيان بىلەن پايدىنى ئايرىيالمايدىغان گۆدەكنى تىزگىنسىز تۇتۇش ئەڭ چوڭ خاتالىق. ئانىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا جازا ياكى تەنبىھتىن قورقۇپ ئەمەس ، ھۆرمەتلىك ھامىسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە سويگۇ سەۋەبىدىن ئىتائەت قىلغان بالا ئادالەت بىلەن تەربىلەنگەن بولىدۇ.
       ئادالەتلىك تەربىيبنىڭ شەرتى- ئاتا -ئانىغا بولغان ئىتائەتنى ،ئېتىقادقا بولغان ھۆرمەتنى ،ئەل-يۇرت ،خەلقىنى سويۇشنى،چوڭ -كىچىكلەر بىلەن ياخشى  مۇئامىلىدە بولۇشنى بالىلارنىڭ قېنىغا سۇت بىلەن سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.
    ھەرقانداق بىر ئاتا- ئانا  بالىسىنىڭ يارامسىز، بەتخۇيلۇق بۇلۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ ئەلۋەتتە .ئەمما ئۇسۇل ۋە پرىنسىپ جەھەتتىكى خاتالىق بالا تەربىيىسىدە ئوخشاش بولمىغان تەربىيىسىز ھاسىلاتلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.گەرچە ئانا بالىغا تىلى ئارقىلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆگەنسىمۇ ،لېكىن ئىش- ھەرىكىتى ناچار بولسا ئۇ بالىنى  يامان خۇلۇققا ئۆگەتكۈچى بۇلۇپ قالىدۇ. چۈنكى بالا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئاتا-ئانىسىغا تەقلىد قىلىشقا ئامراق بۇلۇپ ،ئاتا-ئانىنىڭ خۇلقى بالىلار ئۈچۈن  تەبىئەت ھۆكۈمىگە ئوخشايدۇ. بىر-بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ھېچكىمنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ يامان ئىللەتنى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆگەنگەن. مەرىپەتلىك ،ئەقىدىلىك ،ئىنساپلىق ئاياللار  تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن بالىلار  گۈزەل خۇلقلۇق ،غەيرەتلىك ،توغرا پىكىرلىك ،خەيرلىك ئىشلارغا ھېرىس ساغلام روھى ھالەت بىلەن چوڭ بولىدۇ. تەربىيىسىز مەسئۇلىيەتسىز ئانا تەربىيىلىگەن بالا ھەم ئانا تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغان بالا ھىممەتسىز، يامان خۇلقلۇق ، يارامسىز چوڭ بولىدۇ.ئۇلاردىن چىققان ئالىم رىياكار،سودىگەرلىرى يالغانچى ،بابلىرى ئاچ كۆز، گادايلىرى تەكەببۇر ،شاگىرتلىرى ھۈنەرسىز، ئاياللىرى ئەخمەق ،چوڭلىرى شەپقەتسىز رەھىمسىز ،كىچىكلىرى ئىتائەتسىز بەتپېئېل بۇلۇپ چوڭ بولىدۇ.
    ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئايال شۇنى ئېتىراپ قىلىۋاتىمىز  ھازىرقى تەربىيە كۆرگەن ئاياللىرىمىز تەربىيىلىگەن بالىلار قانداق چوڭ بولۇۋاتىدۇ؟!
    ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى مەقسىدى زادى نىمە ؟ نۇقۇل بىر قوسىقىنى بېقىشنى بىلىدىغان «ئىنسان» تەربىيىلەشمۇ ياكى ھەق-ناھەق قارىشى تىكلەنگەن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئىنسانى ھىسداشلىق ۋە ئادالەت قارىشىغا ئىگە ئادەمنى قاتارغا قوشۇشمۇ؟
        بالا تەربىيىسىدە
       1. مۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇش ،تەقدىرلەش ،ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلىگىلى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ.
       2. بالا باراۋەر مۇئامىلىدە ئادىللىقنى سەۋر-تاقەتنىڭ ئىچىدە قانائەتنى ئۆگىنىدۇ.
       3. بالىنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىش ،ئۇنىڭ ئارزۇسىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرۈش كېرەك.
       4. بالا بىلەن يۇزمۇ-يۇز  توقۇنۇشۇپ قىلىشتىن، ئاچچىقلانغاندا بالىغا ئىمكانىيەت بەرمەي  كۆتۇلداۋىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالا بېسىلغاندا ئاندىن ئۆز قارىشىڭىزنى ئېيتسىڭىزمۇ  كېچىكمەيسىز بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى چۇشۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
       5.بالىدا مەسئۇليەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ئىنتىلىش ۋە غەيرەتنىڭ كامالەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك.
       6.بالىنىڭ يۇرەك ساداسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تىڭشاش  قېيىداشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بىلەن قارا ش. كىچىك دەپ سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى كونىلاردا « ئەگرى دەرەخ بىر كۈندىلا چوڭ بولمىغان» دىگەن گېپى بار.
       7 . بالىلارنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەتخۇرلۇق ، تەكەببۇرلۇق ، چېقىمچىلىق ، يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق -ئىللەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ بۇيۈك مۇھەببەت ، جەسۇرلۇق ، ئېتىقاد ، ئادالەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش  بالىنىڭ گۈزەل ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولۇشىدىكى مۇھىم ئاساسىدۇر.
         بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىت مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە ، مۇشۇ ۋاقىتتىكى تەربىيە بالىنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە رولى ئىنتايىن چوڭ.  بىزنىڭ سەل قاراۋاتقنىمىز دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى تەربىيە بۇلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىزنىڭ  تۇرۇشىمىزغا پاراۋانلىقىنى، يۇقىرى ئىستىمالىنى  ئاتا قىلغان بولسا ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلىدە ،ئاتا-بالا ،ئاتا -ئانا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنمەس بوشلۇق پەيدا قىلىپ بىزنى بالىلىرىمىزغا بولغان مەسئۇليەت ۋە مىھرى-مۇھەببەتتىن ئاتا-ئانىغا بولغان ۋاپادىن ئايرىپ قويۇۋاتىدۇ.  بالىلىرىمىز بالا باققۇچىلارنىڭ،ياشانغان بوۋا -مومىسىنىڭ ئېشىپ كەتسە    يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، قولىدا تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بالىلار بىر بولسا ئەتىۋارلىق شاھزادە مەلىكە بىر بولسا تۇزۇك تەربىيە كۆرمىگەن گۆدەكلەرنىڭ سەۋرسىزلىكى تۈپەيلىدىن دەككە -دەشنام سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراپ چوڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا چوڭ بولىۋاتقان يۇرەك پارىلىرمىز بىز كۈتكەن ئۇمىدتە چوڭ بۇلامدۇ؟  زىيادە ماختاش ئىچىدە چوڭ بولغان بالا تەكەببۇر ، ئىزا-ئاھانەت ئىچىدە چوڭ بولغان بالا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ، ئۇرۇش -جېدەل ئىچىدە چوڭ بولغان باللا كاززاپلىقنى، بەك ئامراقلىق ئىچىدە چوڭ بولغان بالا ھەسەتخۇرلۇقنى، تاپا -تەنە ئىچىدە ئۆسكەن بالا باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ،مېھرى-شەپقەت كەمچىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا باشقىلارغا سوغاق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ. دىگەن ھۆكۈم بار. ئۇنداقتا ھەر بىر ئانا بولغۇچى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، قېنى بىز بالىلىرىمىزغا ئىنساپ ۋە مېھرىبانلىقنى ئۆگىتەلىدۇقمۇ؟ ھۆرمەت ۋە ئەدەپ ئۇرۇقلىرىنى سەبى قەلبلەرگە چاچالىدۇقمۇ؟
       بالىنىڭ مەكتەپتە قانداق ئوقۇشى ھەرگىز بالىنىڭ ياراملىق يارامسىز تەربىيەلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىزگە كېرىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلىش بىلەن بىللە ھەق ناھەق ئالدىدا ئالدىراپ ئۆز مەيدانىنى يوقاتمايدىغان، ئىنساپ ۋە ئېتىقاد، ۋەتەن- مىللەتنىڭ بۇرچىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان تىرىشچان ، رىقابەت تۇيغۇسىغا باي بالىلاردۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.