غەرپنىڭ ئەقىل پاراسىتى(10)-تاھىر ھامۇت

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-05 01:26:00

غەرپنىڭ ئەقىل پاراسىتى(10)-تاھىر ھامۇت «غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(10) ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە ...

    غەرپنىڭ ئەقىل پاراسىتى(10)-تاھىر ھامۇت

    «غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(10)
    ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش
    بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)
    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

        سوقراتتىن ئاۋۋال(8) ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشچان دۇنيانى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ئېنىقكى، چۈشەندۈرۈشنىڭ خاراكتېرى شۇكى، دۇنيانى ھاسىل قىلغان ئاساسنىڭ ئۆزى ئۆزگىرىشچان بولماسلىقى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغانلار دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مىلېتۇسلۇقلار ئىدى. بىز ئۇلاردىن كېيىنكى ئېقىملارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداقلارچە بارا-بارا ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە تېخىمۇ ئىنچىكە بايان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئاخىر يەنە بىر مىلېتۇسلۇق مۇتەپەككۇر بۇ مەسىلىگە ئەڭ ئاخىرقى جاۋابنى بەرگەن. بۇ كىشى دەل ئاتومىزمنىڭ ئىجادچىسى لۇكىپپۇس (Lucippus ) ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىز بۇ كىشىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيمىز. ئاتومىزم ئېلىئانىزمنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولۇپ، مېلىسسۇس ئۇنى بايقاشقا ئازلا قالغانىدى. لۇكىپپۇسنىڭ نەزەرىيىسى «بىر» بىلەن «كۆپ» نىڭ مۇرەسسە قىلىنىشى ئىدى. ئۇ سانسىز بولغان «تەركىبىي زەررىچە» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشكىل قىلغۇچى رولغا ئىگە ھەر بىر زەررىچە پارمېنىدېسنىڭ شارسىمان گەۋدىسىگە ئوخشاشلا قاتتىق، ئۇيۇل ۋە پارچىلانماس ئىدى. بۇ دەل پارچىلانماس نەرسە، يەنى ئاتوم ئىدى. ئۇلار بوش بوشلۇق ئىچىدە ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئاتوملارنىڭ تەركىبى ئوخشاش دەپ قارالغان، ئەمما شەكلى ھەر خىل ئىدى. بۇ ئاتوملارنىڭ پارچىلانماسلىقىدىكى سەۋەپ شۇ ئىدىكى، ئۇلارنى فىزىكا جەھەتتە پارچىلىغىلى بولمايتتى. ئۇلار ئىگىلىگەن بوشلۇق ماتېماتىكا جەھەتتە ئەلۋەتتە چەكسىز پارچىلىناتتى. ئۇلارنى ئادەتتە كۆرگىلى بولماسلىقتىكى سەۋەپ، ئۇلار ناھايىتى كىچىك ئىدى. مانا ئەمدى «ئۆزگىرىش»نى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشچان بولۇشى دەل ئاتوملارنىڭ ھەر خىل بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. ئەگەر پارمېنىدېسنىڭ سۆزلىرى تەدبىقلانسا، ئاتومىزمچىلار چوقۇم شۇنداق دەيدۇكى، يوق نەرسىلەر خۇددى بار نەرسىلەرگە ئوخشاشلا چىن بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بوشلۇق دېگەن نەرسە بار. ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەس. بۇ جەھەتتە، مېنىڭچە بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەدىمكى گرىكلاردىن ئېشىپ كېتەلمىدۇق. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بوش بوشلۇق گېئومېترىيىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇشۇنداق دېيەلەيمىز. ماتېرىيالىزمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قىيىنچىلىقى ئۇنىڭ مەۋجۇدات چوقۇم ماددىي شەكىلگە ئىگە بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىدا ئىدى. پەقەت پارمېنىدېسلا قۇرۇق بوشلۇققا قارىتا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، ئەلۋەتتە ئۇ قۇرۇق بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، يوق نەرسىنى بار دېيىش گرىك تىلىدا سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى زىددىيەت ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ گرىك تىلىدىكى ئىككى «يوق» سۆزىدە ئىدى. ئۇنىڭ بىرى ھۆكۈم خاراكتېرلىك بولۇپ، «مەن پالانچىنى ياخشى كۆرگىنىم يوق» ياكى «مەن پالانچىنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېگەن تۈستە ئىشلىتىلەتتى. يەنە بىرى پەرەز خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇيرۇق، ئارزۇ قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگەندە ئىشلىتىلەتتى. ئېلىئالىقلار ئىشلەتكەن «يوق نەرسە» ياكى «يوق» دېگەن سۆزلەردىكى «يوق» مانا مۇشۇ خىل پەرەز خاراكتېرلىك سۆز ئىدى. ئەگەر ئاشۇ ھۆكۈم خاراكتېرلىك «يوق» سۆزى ئارقىلىق «يوق نەرسە بار» دېيىلسە، ئەلۋەتتە تولىمۇ غەلىتە بولۇپ قالىدۇ. ئېنگلىز تىلىدا بۇنداق پەرق يوق، شۇڭا بۇ يەردە تېمىدىن چەتنىگەن بۇ گەپلەرنى دەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس. بەزىلەر دائىم قەدىمكى گرىكلارنىڭ ئاتومىزم نەزەرىيىسى كۆزىتىشنى ئاساس قىلغانمۇ ياكى ئۇلار تاسادىپى ئامەتكە ئۇچراپ، پەلسەپىۋىي خىيالدىن باشقا ئاساسقا تايانمىغانمۇ، دەپ سورىشىدۇ. بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس. بىر تەرەپتىن، خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئاتومىزمنىڭ ئومۇمىي ساۋاد بىلەن ئېلېئانىزم ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان مادارا ئىكەنلىكى ئېنىق. ئېلىئا ئېقىمىنىڭ نەزەرىيىلىرى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ماتېرىيالىزمغا بولغان ئەقىلگە ئۇيغۇن تەنقىد ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، لۇكىپپۇس مىلېتۇسلۇق بولغاچقا، بۈيۈك يۇرتداشلىرىنىڭ ۋە ئۆزىدىن بۇرۇىقىلارنىڭ نەزەرەيىلىرىنى پىششىق بىلەتتى. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ ئالەمشۇناسلىق نەزەرىيىسى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى بۇ جەھەتتە ئۇ پىتاگوراسقا ئەگەشمەستىن، ئاناكسىماندېرنىڭ نۇقتىئىينەزەرلىرىگە قايتقان. ئاناكسىمېنېسنىڭ ئۇيۇش ۋە تارقىلىش تەلىماتى ئېنىقكى ئازدۇر-كۆپتۇر كۆزىتىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، مەسىلەن، تۇماننىڭ تەكشىلىكتە ئۇيۇشى قاتارلىقلار. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئېلىئا ئېقىمىنىڭ تەنقىدلىرىنى زەررىچە تەلىماتىغا ئېلىپ كىرىش مەسىلىسى ئىدى. ئاتوملار تىنىمسىز ھەرىكەت ئىچىدە تۇرىدۇ دەيدىغان كۆزقاراشنىڭمۇ مۇشۇ خىل كۆزىتىشنىڭ ياكى چاڭ -توزانلارنىڭ قۇياش نۇرىدا ئۇچۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ھالبۇكى، ئەگەر بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدا ئىنتايىن زىچ بىر تۈركۈم زەررىچە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئاناكسىمېنېسنىڭ نەزەرىيىسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، گرىتسىيىنىڭ ئاتومىزمى ھەرگىزمۇ ئامەتنىڭ ئوڭ كەلگەنلىكىدىن ئۇچراپ قالغان ئەمەس. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، دالتون (Dalton) ئاتومىزم نەزەرىيىسىنى قايتا گۈللەندۈرگەندە، قەدىمكى گرىكلارنىڭ بۇ تېما توغرىسىدىكى نۇقتىئىينەزەرلىرى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ خىمىيىۋىي ماددىلارنىڭ مۇقىم نىسبەتتە بىرىكىشىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاساس بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتومىزمنىڭ بۇ تاسادىپىي بايقىلىش ئەمەسلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان تېخىممۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يەنە بىر ئاساس بار. بۇ «چۈشەندۈرۈش»نىڭ ئۆزىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم بىر شەيئىنى چۈشەندۈرۈش دېگەن زادى نېمە؟ ئۇ دەل ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنىڭ شەيئىلەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. شۇڭا، بىر جىسىمدىكى ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم پەرەز قىلىنغان ھەرقايسى تەركىپلەرنىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك، بىراق پەرەز قىلىنغان ئاشۇ تەركىپلەرنىڭ ئۆزى يەنىلا چۈشەندۈرۈلمەيدۇ. پەقەت مەسىلە ئاتومنىڭ ئۆزىگە چېتىلمىسىلا، ئاتومنىڭ چۈشەندۈرۈش رولى يەنىلا زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر مەسىلە ئاتومنىڭ ئۆزىگە چېتىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئاتوم تەجرىبىۋى تەتقىقاتنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئاتومغا نىسبەتەن ئىككىلەمچى بولغان زەررىچە چۈشەندۈرىلىدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ، نۆۋەت مۇشۇ زەررىچىلەرگە كەلگەندە، ئۇلار يەنە چۈشەندۈرۈلمەيدۇ. ئاتومىزمىنىڭ بۇ تەرىپىنى فرانسىيىلىك پەيلاسوپ مېيېرسون (Meyerson) تەپسىلى مۇلاھىزا قىلغان. دېمەك، ئاتومىزم سەۋەپ-نەتىجىلىك چۈشەندۈرۈشنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاتومىزمنى دېموكرىتۇس (Demucritus ) يەنە بىر قەدەم راۋاجلاندۇرغان. ئۇ ئابدېرادا تۇغۇلغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇىقى 420-يىللىرى كامالىغا يەتكەن. بولۇپمۇ ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەيئىنىڭ ئەسلىيىتى بىلەن شەيئىنىڭ زاھىرىيىتىنى پەرقلەندۈرگەن. شۇڭا، ئاتومىزمىنڭ قارىشىچە، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاتوملاردىن تۈزۈلگەن، ئەمما بىز بۇ دۇنيادىن ناھايىتى ئۆزگىرىشچان تەجرىبىلەرگە ئېرىشىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىيلىك ۋە بېقىندىلىق دەپ ئاتالغان پەرق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر تەرەپتە شەكىل، چوڭ-كىچىكلىك ۋە ماددا بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتە رەڭ، ئاۋاز ۋە تەم قاتارلىقلار بولىدۇ. بېقىندىلىق ئاتومنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئەسلىيلىك ئارقىلىق چۈشەندۈرىلىدۇ. بىز بۇ كىتابىمىزدىكى تەتقىقات جەريانىدا ئاتومىزمنى كېيىن يەنە بىرنەچچە قېتىم تىلغا ئالىمىز. بۇ نەزەرىيىنىڭ چەكلىمىلىكىنى مۇۋاپىق جايلارغا بارغاندا مۇلاھىزە قىلىمىز. بۇ يەردە بىز پەقەت شۇنىڭغىلا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئاتومىزم ھەرگىزمۇ خىيالنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى، 150 يىللىق ئىزدىنىشتىن كېيىن، ئەينى چاغدا مىلېتۇسلۇقلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە بېرىلگەن رەسمىي جاۋابتىن ئىبارەت. تەبىئىي پەنگە بولغان مۇھىملىقىدىن باشقا، ئاتومىزم يەنە يېڭى بىر جان تەلىماتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ يېڭى تەلىماتنىڭ قارىشىچە، جانمۇ خۇددى باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاشلا ئاتومدىن تەركىپ تاپقان. جاننى تەشكىل قىلغۇچى بۇ تەركىپلەر باشقا ئاتومغا قارىغاندا تېخىمۇ ساپ بولىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولىدۇ. بۇ خىل نۇقتىئىينەزەر بويىچە، ئۆلۈم جاننى تەشكىل قىلغۇچى ئاتوملارنىڭ پارچىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆلمەسلىكى مەۋجۇد ئەمەس. بۇ خۇلاسىنى ئېپىكۇرۇس ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى تۈرلەپ چىققان. بەخت (ھاياتنىڭ مۇددىئاسى) دەل جاننىڭ مۇۋازىنەت ھالىتىدۇر. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە، ھەرقايسى پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار پەلسەپىنىڭ گىرۋىكىدە تۇرغان. بۇ كىشىلەر ئادەتتە «سوفىستلار»①دەپ ئاتالغان. سوقرات ئۇلارنى كەمسىتكەن تەرىزدە ئەيىپلەپ، بۇ كىشىلەر يولسىز نەرسىلەرنى يوللۇق دەيدۇ، دېگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ھەمدە گرىك جەمئىيىتىدە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم. پەلسەپىۋى مۇنازىرە سەھنىلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالمىشىپ تۇرۇشى تۈپەيلىدىن كىشىلەر ھەقىقەتنىڭ زادى قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتچىل ئادەملەر ئۆز ۋاقتىنى ئايىقى چىقمايدىغان مەسىلىلەرگە سەرپ قىلىشنى خالىمىغان. بەزىلەر پەقەت ئەمەلىي مۇددىئا ئۈچۈنلا ئىش قىلغان، بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخى ھەل بولمىغان مەسىلىلەر ئىنتايىن يىرگىنىشلىك ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مانا بۇ سوفىستلارنىڭ ئەھۋالى ئىدى. پەيلاسوپلارنىڭ بىر-بىرىگە زىت نەزەرىيىلىرى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر بىلىمگە چۇقۇم ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا كېڭەيگەن تەجرىبىلەر ئوخشاش بولىمغان مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىغان. بۇ جەھەتتە ھېرودوتۇس مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى بايان قىلغان: پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردىسىغا جاي-جايلاردىن كەلگەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلىپتۇ. ئۇلار باشقا قەبىلىلەرنىڭ دەپنە قىلىش ئادەتلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق چۆچۈپ كېتىپتۇ. بىر قەبىلىدىكىلەر جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلسا، يەنە بىر قەبىلىدىكىلەر جەسەتنى ئاچ بۆرىلەردەك تالاپ يەۋېتىدىكەن. شۇڭا ھېرودوتۇس شائىر پىنداس (Pindas) نىڭ مۇنۇ مىسراسى بىلەن خۇلاسە چىقارغان: «ئۆرپ-ئادەت شاھتۇر ھەممىگە». سوفىستلار بىلىمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىغاچقا، ئۇلار: بىلىم مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەسقاتىدىغان پىكىر دېگەن. ئەلۋەتتە بۇ سۆزدە ئازراق ھەقىقەت بار. ئەمەلىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە سوقراتنىڭ نۇقتىئىينەزەرى بۇنىڭغا قارشى ئىدى. سوفىستلار ئۈنۈملىك ئەمەلىيەتكە قىزىققان، بىراق سوقراتنىڭ قارىشىچە، بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، تەكشۈرۈلمىگەن تۇرمۇش قىلچە ئەھمىيەتسىز ئىدى. گرىتسىيىدە سىستېمىلىق مائارىپ يوق ھېساپتىكى چاغدا، سوفىستلار مۇشۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغان. ئۇلار ئادەم تەربىيىلەشنى كەسپ قىلغان سەييارە ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. سوقراتنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەپنىڭ بىرى ئۇلار ئوقۇش ھەققى ئالاتتى. كىشىلەر بۇ جەھەتتە بەلكىم سوقراتنىڭ ئانچە ئادىللىق قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى قۇقۇق گەپ قىلىدىغان ئادەممۇ تاماق يەپ تۇرۇشى كېرەك. دىقەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئەنئەنىسىدە مائاش بىر خىل ھەق ھېسابلىنىدۇ، ئۇ پروفېسسورلارنى ماددىي مەسىلىلەرنى ئويلىمايدىغان قىلىدۇ. سوفىستلار ئىلىم ئۆگەتكەندە، ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان دەرسلەرنى تۇتقان. ئۇلارنىڭ پائالىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئەڭ ئېرىشىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن جەھەتتىكى تەربىيىسى ئىدى. يەنە بەزى سوفىستلار تېخىمۇ بىۋاسىتە ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە دەرسلەرنى ئۆتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە، دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇتۇق قابىلىيىتى بارغانسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن، ستىلىستىكا ئۆگىتىدىغانلار بۇ ئېھتىياجغا تازا ماسلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە سىياسىي دەرس ئۆتىدىغان بىر تۈكۈم ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىغا يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئاخىردا يەنە مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگىتىدىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار يولسىز ئىشلارنى يوللۇق دېيەلىگەن، بۇنداق قابىلىيەت سوتتا تولىمۇ ئەسقاتاتتى. سوتتا جاۋابكار ئۆزىنى ئاقلايدىغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى كىشىلەرگە مۇنازىرىنى قانداق بۇرمىلاپ، تەتۈر يەكۈن چىقىرىشنى ئۆگەتكەن. بىز چوقۇم ئۇستاتلىق بىلەن دېئالېكتىكىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك. ئۇستاتلار غەلىبە قىلىشنى بىردىنبىر مەخسەت قىلىدۇ، دېئالېكتىكىچىلار بولسا ھەقىقەتنى بايقاشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەم مۇنازىرە بىلەن مۇلاھىزە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ئىبارەت. گەرچە سوفىستلار مائارىپ جەھەتتە قىممىتى بار بەزى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەلسەپە جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە زىيانلىق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىر خىل ئۈمىدسىز گۇمانىزم بولۇپ، ئۇلار بلىمى مەسىلىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان. بۇ خىل تەشەببۇسنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغىنى پروتاگوراس (Protagoras ) نىڭ مۇنۇ مەشھۇر سۆزى ئىدى: « ئادەم مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆلچىمى، بار نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنىڭ ئۆلچىمى ھەمدە يوق نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنىڭ ئۆلچىمى». دېمەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ پىكىرى ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، سوفىست تراسىماكۇس (Thrasymachus)نىڭ : ھەققانىيەت كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈستۈنلىكى، دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمما، گەرچە پروتاگوراس ھەقىقەتنى ئىزلەشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا پراگماتىزمنى چىقىش قىلىپ، بىر خىل پىكىرنىڭ يەنە بىر خىل پىكىر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندەك تۇراتتى، بىراق، بۇ خىل تەشەببۇس پراگماتىزمغا بولغان مۇقەررەر لوگىكىلىق تەنقىدنى ناھايىتى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. چۈنكى، ئەگەر بىز ئىككى خىل پىكىردىن ئەمەلىيەتتە قايسىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، بىز دەرھاللا مۇتلەق ھەقىقەت ئۇقۇمىغا قايتىشقا مەجبۇر بولىمىز. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، پروتاگوراس پراگماتىزمنىڭ ئىجادىيەتچىسى ئىدى. مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايە سوفىستلارنىڭ كىشىلەردە قانداق تەسىر قالدۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ:پروتاگوراس ئۆز تەلىملىرىنىڭ كالۋا ئادەملەرنىمۇ ئۇستات قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نامرات بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئۇنىڭ بىرىنجى قېتىملىق دەۋا دېلوسىدا باشقىلارنى ئاقلاپ يېڭىپ پۇلغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى ئېيتقان. بىراق بۇ ئوقۇغۇچى تەربىيىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، باشقىلار ئۈچۈن دەۋالىشىدىغان كەسىپنى قىلمىغان. پروتاگوراس سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سوتتا مۇنداق دېگەن: بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇش ھەققىنى چوقۇم تاپشۇرۇشى كېرەك، چۈنكى، ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچى دەۋادا يەڭسە، ئۇ ئەينى چاغدىكى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشى لازىم؛ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچى دەۋادا يېڭىلسە، ئۇنداقتا ئۇ سوتنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئويلىمىغان يەردىن بۇ جاۋابكار ئۆچ ئالغان ھەمدە ئۇستازىنى بېسىپ چۈشكەن. ئۇ ئوقۇش ھەققىنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى، ئۆزى دەۋادا يەڭسە، سوتنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى؛ئەگەر دەۋادا يېڭىلسە، ئەينى چاغدىكى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سوفىست دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاقىل دېگەن مەنىسى بار. سوقراتمۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ئەينى چاغلاردا تېگى-تەكتىنى ئۇقمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۇنى سوفىست دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. خۇددى بىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇنداق تۈرگە ئايرىش ئەلۋەتتە خاتا. بىراق، پىلاتو دەۋرىگە كەلگەندىلا، كىشىلەر ئاندىن ئۇلارنىڭ پەرقىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەيلاسوپلار بىلەن سوفىستلارنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى تەسىرى ئوخشاش ئىدى. يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا، پەلسەپە ئېڭى ئاجىز كىشىلەر ئادەتتە پەلسەپىگە غەلىتە ۋە ئىزچىلسىز مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن. بىر تەرەپتىن، ئۇلار كەمسىتىش ئارىلاشقان ياخشى نىيەت بىلەن پەيلاسوپلارنى كالتە پەم ئەخمەقلەر، غەلىتە ئادەملەر، ئۇلار قالايمىقان نەرسىلەرنى ئويلاپ ماڭىدۇ، كۈلكىلىك سۇئاللارنى سورايدۇ، ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئىشنىڭ ئېپىنى ئۇقىدىغان ئادەملەر چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، پەلسەپىۋىي مۇزارابىيەت مۇئەييەن قائىدە-تۈزۈم ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئاساسىنىڭ تەۋرىنىشىگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيلاسوپلار كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ، ئۇلار دىنغا ئىشەنمەيدۇ، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ، باشقىلار ناھايىتى ياخشى ھېسابلىغان ئادەت ۋە پىكىرلەرگە قەتئىي قوشۇلمايدۇ. بەزى كىشىلەردە مۇستەھكەم ئېتىقاد بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئېتىقاد چەتكە قېقىلسا، بۇنىڭغا چىدىيالمايدىغان كىشىلەر دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، ئۇلاردا ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك پەيدا بولىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، سوقراتمۇ سوفىستلارغا، بولۇپمۇ ئۇستاتلىقنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش قارىلىپ، باشقىلارنى مالىمانچىلىق چىقىرىشقا قۇتراتقان دەپ ئەيىپلەنگەن. ____________________ ①سوفىستلار ( Sophists ) ــ بەزىدە «ئاقىللار» ياكى «كاززاپلار» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ

    . (ئۇ ت ) (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.