دۇنيادا نىمە ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان؟

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-20 17:30:42

تېلېس قەدىمكى گىرىتسىيەنىڭ تۇنجى پەيلاسوپى. ئۇ ئاستىرونومىيە بىلەن ماتىماتىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان. بىر قېتىم تېلېس ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن پاتقاققا چۈشۈپ كېتىپتۇ.

     
    دۇنيادا نىمە ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان؟
     
     
    سىياسىئونلارنىڭ زېرەكلىكى
     
    كۆزىمىزنى ئاچساق...
     
    جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش ئىپىسكوپى تۇتۇ 1984-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى قەھرىمان، يەنە ناھايىتى پاراسەتلىك كىشى ئىدى.
    1984-يىلى ئۇ نيۇيوركتىكى بىر قېتىملىق خرىستىئان دىنى مۇراسىمىدا مۇنداق دىگەن:
    - دىن تارقاتقۇچىلار ئافرىقىغا يېڭى كەلگەندە ئۇلارنىڭ قولىدا «ئىنجىل»، بىزنىڭ قولىمىزدا زېمىن بار ئىدى. دىن تارقاتقۇچى: «ئىبادەت قىلايلى» دېدى. بىز كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىبادەت قىلدۇق. كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق، ھەممە ئەكسىچە بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا «ئىنجىل»، ئۇلارنىڭ قولىدا بولسا زېمىن تۇرۇپتۇ.
     
    كىم پېتىنالايتتى؟
     
    ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىغىنىدا خرۇششىف ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپتۇ. تۇيۇقسىز بىر كىشى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
    - سىز ستالىننىڭ خىزمەتدىشى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى توسمىدىڭىز؟ دەپتۇ.
    - كىم ئۇ بۇنداق سورىغان؟ دەپ ۋاقىراپتۇ خرۇششىف. يىغىن ئەھلى جىممىدە بولۇپ كېتىپتۇ. ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ.
    - ئەمدىغۇ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەنسىلەر؟ دەپتۇ خرۇششىف ئاخىردا پەس ئاۋازدا.
     
     
    ھەقىقىي ئايال كىم؟
     
    بىسمارك-گىرمانىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى مەشھۇر سىياسىئونى.
    بىر كۈنى ئۇ سانكىت پىتىربورگدا بىر خانىم بىلەن تانسا ئويناۋىتىپ، ئۇ خانىمنى «پەرىشتىدەك چىرايلىق ئىكەنسىز» دەپ ماختاپتۇ.
    - دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە زادىلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپتۇ ئۇ خانىم.
    - نېمىشقا؟
    - بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ «بولىدۇ» دېگىنى-«مۇمكىن» دېگىنى. «مۇمكىن» دېگىنى-«بولمايدۇ» دېگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولمايدۇ» دېگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق كىشى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولالمايدۇ.
    - خانىم، دېگىنىڭىز تامامەن توغرا. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كىرەك. بىزگە شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق. لېكىن، سىلەر ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.
    - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
    - بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ ئاياللارنىڭ «بولمايدۇ» دېگىنى-«مۇمكىن» دېگىنى. «مۇمكىن» دېگىنى-«بولىدۇ» دېگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولىدۇ» دېگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق ئايالنى ھەقىقىي ئايال دېگىلى بولمايدۇ.
     
     
    ئەر-خوتۇننىڭ ئىش تەقسىماتى
     
    پومپىدو فرانسىيەنىڭ پرېزدېنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بىر كىشى ئۇنىڭغا: «يېقىندىن بېرى خوتۇنۇم مەن بىلەن بەك ئۇرۇشىدىغان بولۇپ كەتتى» دەپ دەرد تۆكۈپتۇ.
    - مەن ئەزەلدىن خوتۇنۇم ئۇرۇشۇپ باققان ئەمەس،-دەپتۇ پومپىدو ئۇ كىشىگە بىر مۇنچە نەسىھەت قىلغاندىن كىيىن،- چۈنكى، ھەر قانداق مۇھىم ئىشنى ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ساياھەتكە بېرىش، بىرەر نەرسە سېتىۋىلىش، تاماق بۇيرۇتۇش، ئۆي جاھازىلىرىنى تاللاش، ئويۇن ۋە كىنو كۆرۈش قاتارلىقلار. مەن پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىشلارغىلا مەسئۇل.
    - قانداق ئىشلار ئۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
    - گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى، ئىشچىلارنىڭ مائاشى، قورال ئىمپورت قىلىش، پۇل پاخاللىشىش دېگەندەك ئىشلار. - دەپتۇ پرىزدىنت.
     
     
    ئالدىرىماي تۇرۇڭ
     
    ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىلسون بىر كۈنى نۇتۇق سۆزلەۋاتسا بىر بۇزغۇنچى ئۇنسۇر:
    - ئىتنىڭ پوقى! ئەخلەت! دەپ ۋاقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇپتۇ.
    بىراق، ۋىلسون تەمتىرىمەي مۇلايىم ئاۋازدا ئۇ كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
    - ئەپەندىم، ئالدىرىماي تۇرۇڭ، سىز ئېيتقان پاسكىنىچىلىقلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرۇلۇق سەل تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن.
     
     
    سىياسىئون بولۇشنىڭ شەرتى
     
    بىر كىشى چېرچىلدىن سوراپتۇ:
    - سىياسىئون بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك؟
    - سىياسىئونلار ئەتە، كېلەر ئايدا، كېلەر يىلى، ھەتتا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.
    - ئەگەر شۇ چاغدا پەرەز قىلىنغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشمىسىچۇ؟
    - ئۇنداقتا، شۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرەلىشى كېرەك. دەپ جاۋاب بىرىپتۇ چېرچىل.
     
     
    ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا قانداق كىردى؟
     
    بىر كۈنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئېرى ھوجرىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    - كىم؟-سوراپتۇ ئېرى.
    - ئايال پادىشاھ. -تەكەببۇرلۇق بىلەن جاۋاب بىرىپتۇ ۋىكتورىيە. بىراق ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئۇ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    - كىم؟ -سوراپتۇ ئېرى يەنە.
    - ۋىكتورىيە،-دەپتۇ ئايال پادىشاھ. بىراق يەنىلا ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئايال پادىشاھ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
    -كىم؟-سوراپتۇ ئېرى يەنە.
    -سىزنىڭ خوتۇنىڭىز،-دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال پادىشاھ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. بۇ قېتىم ئىشىك ئېچىلىپتۇ.
     
     
    ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار
     
    رىگان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۆز ئورنىغا چىقىدىغان بوشنىڭ ئاقسارايغا «بوش» ئىسىملىك كىچىك بىر ئىتنى ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. بوش «بۇ ئىت تىيىن قوغلاشقا ئامراق» دەپتۇ. تىيىن بولسا رىگاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋىنى ئىكەن.
    بوش ئاقسارايغا كىرگەن تۇنجى كۈنى ئاقسارايدىكى بەزى بۇلۇڭلارغا تىيىننىڭ رەسىمى ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە رىگاننىڭ ئىمزاسى بىلەن «تىيىنلار، ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
     
     
    كايىش
     
    لىندون.ب.جونسون–ئامېرىكىنىڭ 36-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى.
    بىر كۈنى ئۇ بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ شىرەسىنىڭ ئۈستى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەستەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
    -ئىدىيىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قالايمىقان بولمىسۇن،-دەپتۇ.
    جونسون ئىككىنچى قېتىم كېلىپ تەكشۈرگىچە، بۇ خىزمەتچى شىرەنىڭ ئۈستىنى چىرايلىق رەتلەپ قويۇپتۇ. بىراق، جونسون بۇ قېتىم شىرەنىڭ ئۇستىدە ھېچنىمە يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەنە كايىپ:
    -كاللىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ قالمىسۇن. -دەپتۇ.
     
     
    نۇتۇق ۋە ۋاقىت
     
    ۋودروۋ ۋىلسون–ئامېرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى.
    بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
    -ئون مىنۇتلۇق نۇتۇق ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت تەييارلىق قىلىسىز؟
    -ئىككى ھەپتە،-دەپتۇ ۋىلسون.
    -بىر سائەتلىك نۇتۇققىچۇ؟
    -بىر ھەپتە.
    -ئەمىسە ئىككى سائەتلىككىچۇ؟
    -بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش كەتمەيدۇ. چىقىپلا سۆزلەۋەرسەم بولىۋىرىدۇ.
     
     
    سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟
     
    ئابراھام لىنكولىن–ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى.
    لىنكولىن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئايىغىنى مايلاۋاتسا، چەتئەللىك بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ سوراپتۇ:
    -پرېزدېنت ئەپەندى، ئايىغىڭىزنى ئۆزىڭىز مايلايدىكەنسىز-ھە؟
    -شۇنداق،-دەپتۇ لىنكولىن،-سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟
     
     
    باشقىلارغىمۇ پۇرسەت بېرىڭلار
     
    بىر خانىم لىنكولىننى ئىزدەپ كېلىپ، خاپا بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
    -پرېزدېنت ئەپەندى، سىز مېنىڭ ئوغلۇمنى چوقۇم ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك. بۇ سىزدىن شەپقەت تىلىگىنىم ئەمەس. بەلكى بىز شۇنداق تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق. چۈنكى، بوۋام لىستون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. تاغام برادونس قەلئەسىدىن قېچىپ كەتمىگەن بىردىنبىر ئادەم. دادام نائورىنس ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئېرىم مانتېللې ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان. شۇڭا...
    -خانىم،-دەپتۇ لىنكولىن ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، سىلەر ئۈچ ئەۋلاد ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپسىلەر. تۆھپەڭلار ھەقىقەتەن زور ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. لېكىن، بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنىڭمۇ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار بوپتىكەن.
     
     
    پەيلاسوپلارنىڭ پاراسىتى
     
    پەيلاسوپ بىلەن ئادەتتىكى ئادەمنىڭ پەرقى
     
    ئارىستوتىل قەدىمقى گىرىتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى.
    بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
    -سىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن قانداق پەرقىڭىز بار؟
    -ئۇلارنىڭ ياشىشى تاماق يېيىش ئۈچۈن،  دەپتۇ پەيلاسوپ،-مېنىڭ تاماق يېيىشىم بولسا ياشاش ئۈچۈن.

     
     سوقراتنىڭ سەزگۈرلىكى
     
    سوقراتمۇ قەدىمقى گىرىتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى.
    سوقرات نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىشىغا تەككەچكە، ئۇلاردىن بىرسى ئەرز قىلىپ سوقراتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بىر ئايال يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:
     -سىز بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز!  دەپتۇ.
     -مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى،- دەپتۇ سوقرات كۈلۈپ تۇرۇپ، -ئەجىبا بىرەر جىنايەت بىلەن ئۆلۈپ كەتسەم ئوبدان بولاتتىمۇ-يا؟
     
     
    دۇنيادا نىمە ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان؟
     
    فرانسىيە پەيلاسوپى مونتەينى بىر كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ:
    -قارىغاندا دۇنيادا ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغىنى ۋىجدان ئوخشايدۇ.-دەپتۇ.
    -نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟-دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
    -چۈنكى،-جاۋاب بېرىپتۇ مونتەينى،-كىشىلەر دائىم ئۇ نېمەم كەم، بۇ نېمەم كەم دەپلا يۈرىشىدۇ، لېكىن ھېچكىم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى كەم دېمەيدۇ.
     
     
    قانداق كىشىلەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟
     
    تېلېس قەدىمكى گىرىتسىيەنىڭ تۇنجى پەيلاسوپى. ئۇ ئاستىرونومىيە بىلەن ماتىماتىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان.
    بىر قېتىم تېلېس ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن پاتقاققا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
    بەزىلەر ئۇنى مازاق قىلىپ:
    -سەن ئاسماندىكى نەرسىلەرنى تونۇغان بىلەن يەرنىڭ ئويمان-دۆڭىنى ئىلغا قىلالمايدىكەنسەن.  دېگەن ئىكەن.
    تېلېس تەمكىنلىك بىلەن:
    -مەڭگۈ پاتقاق ئىچىدە ياشايدىغان، ئاسمانغا بىرەر قېتىممۇ قاراپ قويمايدىغان كىشىلەرلا پاتقاققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ.-دەپتۇ
     
    مەنبە: «مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەزىللىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىل 10-ئاي نەشرى
    توردىكى مەنبەسى: باغداش مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.