غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:11:00

ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈشبېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان سوقراتتىن ئاۋۋال(6) تۇنجى بولۇپ ئاتېنغا كېلىپ ئولتۇراقلا...

     ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش
    بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)
    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

          سوقراتتىن ئاۋۋال(6) تۇنجى بولۇپ ئاتېنغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان پەيلاسوپ ئاناكساگوراس (ئاناخاگوراس) ئىدى. ئۇ پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن تارتىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئاتېندا 30 يىل ياشىغان. ئۇ ئىئونىيىلىك بولۇپ، كلازومېنادا تۇغۇلغان. ئۇ قىزىقىش جەھەتتە، مېلۇتۇستىكى ئىئىونىيە ئېقىمىنىڭ ۋارىسى ئىدى. ئىئونىيە قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، پارىسلار ئۇنىڭ يۇرتىنى ئىشغال قىلغان. ئۇ ئاتېنغا پېرسىيە قىسىملىرى بىلەن بىللە كەلگەن بولسا كېرەك. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئۇ پېرىكلېسنىڭ ①ئۇستازى ۋە دوستى بولغان. بەزىلەر ھەتتا ئېۋرىپېدېس بىر مەزگىل ئۇنى ئۇستاز تۇتقان دەپ قارايدۇ. ئاناكساگوراسنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئاساسلىقى پەن ۋە ئالەمشۇناشلىق مەسىلىلىرى ئىدى. كام دېگەندە، بىز بىلىدىغان مۇنداق بىر پاكىت ئۇنىڭ بىر ئۆتكۈر كۆزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ:مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 468- ۋە 467-يىللىرى ئېگوسپوتامېس دەرياسىغا غايەت زور بىر مېتېئورىت چۈشكەن. قىسمەن جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، ئاناكساگوراس يۇلتۇزلار كۆيۈپ تۇرغان تاشلاردىن تەركىپ تاپقان دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە ئاناكساگوراسنىڭ ئاتېندا بەزى كۈچلۈك دوستلىرى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىچى تار ئاتېن كونسېرۋاتىپلىرىنىڭ دۈشمەنلىكىنى قوزغىغان. ھەتتا زامان گۈللەنگەن مەزگىللەردىمۇ، باشقىلار قوبۇل قىلالمايدىغان مۇستەقىل پىكىردە بولۇش خېلىلا چاتاق ئىش ئىدى، بۇنداق مۇستەقىل پىكىر ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ دىنىي بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى بىلەن توقونۇشۇپ قالغاندا، بۇ شۇ يەرنىڭ دىنىغا بويسۇنمىغان ئادەم ئۈچۈن مۇتلەق خەتەرلىك ئىدى.
       يەنە مۇنداق بىر ئىش ئەھۋالنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرىۋەتكەن:ئۇ ياش ۋاقتىدا پارىسلارغا ھېسداشلىق قىلغان. قارىغاندا، 2500يىلدىن بۇيان بۇنداق ئىشلاردا ھەقىقەتەن ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئاناكساگوراس ئىلاھقا ئىشەنمەسلىك، پارىسلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە گرىتسىيىگە سادىق بولماسلىق جىنايەتلىرى بىلەن سوتلانغان. ئۇنىڭ قانداق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەمدە يەنە قانداق قېچىپ چىققانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللار مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ دوستى پېرىكلېس ئۇنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ قاچۇرىۋەتكەن بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىئىونىيىدىكى لامپۇساكېستا ئولتۇراقلىشىپ، تا ۋاپات بولغۇچە داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ماختاشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ شەھەردىكى كىشىلەر ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە تەرەققىيپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلغان. تارىختا، ئاناكساگوراس مەكتەپلەر يىلدا مەخسۇس بىر كۈن دەم ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلىگەن بىردىنبىر پەيلاسوپ ھېسابلىنىدۇ.
       ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئۆگەتكەن تەلىماتلىرى بىر كىتاب قىلىپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ بەزى پارچىلىرى باشقا ماتېرىياللاردا ساقلىنىپ قالغان. كېيىن سوقراتمۇ ئىلاھقا ئىشەنمەسلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەندە، سوتچىغا ئۆزىگە جىنايەت قىلىپ تېڭىلغان ئەنئەنىگە قارشى ئەشۇ كۆزقاراشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاناكساگوراسنىڭ تەشەببۇسلىرى ئىكەنلىكىنى، ئاناكساگوراسنىڭ كىتابىنى ھەرقانداق ئادەم پەقەت بىر دراكما خەجلىسىلا سېتىۋالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاناكساگوراسنىڭ تەلىماتلىرى خۇددى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئېمپېدوكلېسنىڭ تەلىماتلىرىغا ئوخشاشلا، پارمېنېدېسنىڭ تەنقىدلىرىنى قايتىدىن ھەزم قىلىشقا ئۇرۇنغان.
       ئېمپېدوكلېس ئىسسىق بىلەن سوغۇق ۋە قۇرۇق بىلەن ھۆلدىن ئىبارەت مۇشۇ قارىمۇ قارشى جۈپلەرنىڭ ھەر بىر تەرىپى بىر ئاساسىي ماتېرىيال بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاناكساگوراس ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئوخشىمىغان نىسبەتتە ھەر بىر پارچە ماددىدا بولىدۇ، بۇ ماددا ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ شۇنداق، دەپ قارىغان. بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ماددىلارنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشچانلىقىنى پاكىت قىلغان. قارىغاندا ئۇنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولغانكى، مەلۇم نەرسە ئۇششاق پارچىلانغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا نەرسىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، چۈنكى پارمېنېدېس ئاللىبۇرۇنلا بار نەرسە ھامان يوقاپ كەتمەيدۇ ياكى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ، دېگەن. ماددىلار چەكسىزپارچىلىنىدۇ دېگەن بۇ مۆلچەر تولىمۇ قىزىقارلىق. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئىدى. بۇ يەردە بۇ مۆلچەرنىڭ خاتالىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇ چەكسىز پارچىلىنىشچانلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئۇقۇمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بوشلۇققا ماس كېلەتتى. قارىغاندا بىز بۇيەردە بىر چىقىش نۇقتىسىغا ئېرىشكەندەك تۇرىمىز. كېيىن ئاتومىزمچىلار قۇرۇق بوشلۇق دېگەن ئۇقۇمنى مانا مۇشۇ چىقىش نۇقتىسى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرغان. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر بىز بۇ مۆلچەرنىڭ توغرىلىقىنى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا، ئاناكساگوراسنىڭ ئېمپېدوكلېسنى تەنقىد قىلىشى مۇشۇ يەرگىچە توغرا بولغان. ماددا بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەل ئاشۇ قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ مەلۇم بىرىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئاناكساگوراسنىڭ گېپى بويىچە، قار مەلۇم دەرىجىدە قارا بولىدۇ، لېكىن ئاق رەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن خالاس. بۇ يەردە ئازراق ھېراكلىتۇسچە پۇراق بار:قارىمۇ قارشى نەرسىلەر ئۆزئارا بېرىكىدۇ، ھەرقانداق نەرسە باشقا نەرسىگە ئايلىنالايدۇ.
        ئاناكساگوراس مۇنداق دېگەن:«دۇنيادىكى خىلمۇ خىل نەرسىلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ياكى پالتا بىلەن كېسىپ پارچىلانغان بولمايدۇ». » ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:«ھەرقانداق شەيئى باشقا شەيئىلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، پەقەت نۇس (نوئۇس) لا بۇنىڭ سىرتىدا؛بىراق بەزى شەيئىلەردە نۇسمۇ بولىدۇ. » بۇ يەردە ئېيتىلغان «نۇس» دەل قەلب ياكى ئىدراك بولۇپ، بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سۈپىتىدە ئېمپېدوكلېسنىڭ مۇھەببەت ۋە كۈرەش دېگەن ئۇقۇملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. بىراق ئۇ يەنىلا بىر خىل سۇبستانسىيە دەپ قارلغان بولۇپ، ئاناكساگوراس ئۇنى ناھايىتى شالاڭ ۋە نەپىس دەپ ئىزاھلىغان. «نۇس» نىڭ باشقا سۇبستانسىيىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ئىنتايىن ساپ ئىدى. شەيئىلەرنى «نۇس» ھەرىكەتلەندۈرەتتى، شۇنداقلا مەلۇم بىر نەرسىدە «نۇس»نىڭ بار ياكى يوقلۇقى ئۇنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيتى. ئۇنىڭ دۇنيانىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى يېڭىنقى زاماننىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلارغا ئازراق ئوخشاپ قالغان.
        «نۇس» مەلۇم بىر جايدا بىر قاينامسىمان ھەرىكەتنى قوزغىغان، بۇ ھەرىكەتنىڭ كۈچى بارا-بارا زورايغاندا، ھەر خىل نەرسىلەر ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەجمىگە ئاساسەن پارچىلانغان. يەر شارىنىڭ پىرقىراپ چۆگىلىشى تۈپەيلىدىن، يەر شارىدىكى ئېغىر تاشلار قاڭقىپ چىقىپ، باشقا نەرسىلەردىن يىراققا ئۇچۇپ كەتكەن. سۈئىتى ئىنتايىن تېز بولغاچقا، بۇ تاشلار قىزىپ يورۇقلۇق چىقارغان. مانا بۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ خاراكتېرى چۈشەندۈرۈلگەن. خۇددى ئىئونىيىلىكلەرگە ئوخشاشلا، ئاناكساگوراس نۇرغۇن دۇنيا بار دەپ قارىغان. تۇيغۇ جەھەتتە، ئۇ خاس ئىجادىي بولغان بىئولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەزگۈلەر سېلىشتۇرما ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىغان. شۇڭا، كۆرۈش سەزگۈسى يورۇقلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەكس تەرىپى بولغان قاراڭغۇلۇققا چۈشۈشىدىن ئىبارەت. زىيادە كۈچلۈك سېزىم ئادەمدە ئازاب ۋە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشلار فىزىئولوگىيىدە ھازىرغا قەدەر مودا بولۇپ كەلمەكتە. دېمەك، بەزى تەرەپلەردە ئاناكساگوراس ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ پۇختا نۇقتىئىينەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېچبولمىغاندا، بەزى ئالامەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ «قۇرۇق بوشلۇق» ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنغان. بىراق، گەرچە ئۇ بەزىدە «نۇس» نى سۇبستانسىيە ئەمەس تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئانچە غەلىبە قىلالمىغان. شۇڭا، ئۇ خۇددى ئېمپېدوكلېسقا ئوخشاشلا، پارمېنېدېسنىڭ تەنقىدلىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىگەن. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەكسىز پارچىلىنىشچانلىقتىن ئىبارەت بۇ تەشەببۇس دۇنيانىڭ قانداق ھاسىل بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى پارچىلىنىشچانلىقنىڭ بوشلۇققا تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يەنە بىر قەدەم قالدى، بۇ ئويۇننى ئاتومىزمچىلار ئوينايدۇ.

    ـــــــــــــــــــــــــ ① پېركلېس( 429م. ب-495 م. ب، پەرىكلەس )ئاتېنلىق چوڭ سىياسىئون، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى444-يىلى ئاتېننىڭ باش گېنېرالى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئاتېننىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. (خ ت)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.