ئەدەپ - ئەخلاق ھەققىدە تەلىمات(لاۋزى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 16:56:58

ئەدەپ - ئەخلاقتەلىماتىرىلاۋزىنۇرگۈل ھېيت تەرجىمىسى تەرجىماندىن: لاۋزىنىڭ «ئەدەپ - ئەخلاق تەلىماتلىرى» جۇڭگو قەدىمكى زامان كلاسسىك ئەسەرلىرى ئىچىدىكى تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ داڭلىق ئەسەر....

    ئەدەپ - ئەخلاق تەلىماتىرى
    لاۋزى
    نۇرگۈل ھېيت  تەرجىمىسى


        تەرجىماندىن: لاۋزىنىڭ «ئەدەپ - ئەخلاق تەلىماتلىرى» جۇڭگو قەدىمكى زامان كلاسسىك ئەسەرلىرى ئىچىدىكى تەسىر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ داڭلىق ئەسەر. بۇ ئەسەر نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى،  كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ئەخلاق قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. «ئەدەپ - ئەخلاق تەلىماتى» ئىككى قىسىم 81 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمى «تەرىقەت دەستۇرى»، ئىككىنچى قىسمى بولسا «ئەخلاق دەستۇرى»دۇر. تۆۋەندە بۇ كىتابنىڭ بىر قىسىم بابلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.

    2 - باب
    دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىكنى پەرقلەندۈرەلىشى دەل دۇنيادا رەزىللىكنىڭ بولغانلىقىدا. ئەگەر رەزىللىك بولمىسا گۈزەللىكنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر قارا نىيەتلەر بولمىسا ياخشىلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. يوقلۇق بىلەن مەۋجۇتلۇق ئۆزئارا بىر - بىرىدىن شەكىللەنگەن، تەس بىلەن ئاسان، ئۇزۇن بىلەن قىسقا، ئېگىز بىلەن پەس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كۈي بىلەن ئۈن بىر - بىرىگە تەڭكەش بولىدۇ. ئالدى بىلەن كەينى بىر - بىرىگە ئەگىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قائىدىنى چۈشەنگەن ئەۋلىيالار ھۆكۈمران بولسا ئەلنى شەخسىيەتسىز، تەبىئىي يوسۇندا باشقۇرىدۇ. ئۈنسىز تەربىيە بېرىدۇ. ھەرقانداق يېڭى شەيئى مەيدانغا كەلسە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. بىر ئىش قىلغاندا ئۆزىنىڭ پايدا - مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەيدۇ، كىشىلەرگە ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، نام - ئاتاق تالاشمىغاندىلا ئاندىن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس تۆھپە ياراتقىلى بولىدۇ.


    5 - باب
    ئەۋلىيالار ئۆلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار چىشى جانلىقلار نەسىل قالدۇرغاندەك، ئىلىمدىن نەسىل قالدۇرىدۇ. چىشى جانلىقلارنىڭ بالىياتقۇسى ئاسمان - زېمىننىڭ يىلتىزىدۇر. ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.


    7 - باب
    ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى گويا سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ جىمى جانلىقلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلاردىن تەمە قىلمايدۇ. ئۇ كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان يەر ئاستىدا تىپتىنچ ئېقىۋېرىدۇ. ئۇ بارغانلا يەردە تۇپراقنى نەمدەيدۇ، قەلبلەرنى قاندۇرۇپ، يۈرەكلەرنى ياشارتىدۇ.
    ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتلىك ئادەم ئۆزىنى باشقىلارغا بېغىشلاشنىلا بىلىدۇ، ئەخلاق - پەزىلەتنى تەرغىپ قىلىدۇ. سۆزلىرى تولىمۇ ئىشەنچلىك، ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ. ئىش قىلغاندا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ. ئۇ ھېچكىمدىن تۆھپە تالاشمىغاچقىلا مەڭگۈ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ.


    8 - باب
    خىلمۇخىل رەڭلەر كىشىنىڭ كۆزىنى تورلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خىلمۇخىل ئاۋازلار ئادەمنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىۋېتىدۇ. خىلمۇ خىل تەملەر كىشىنى  تەم سېزەلمەس قىلىۋېتىدۇ. دائىم ئاتقا مىنىپ ئوۋ قىلىش كىشىنىڭ قەلبىنى غالجىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېسىل بۇيۇملار ئادەمنىڭ قەلبىگە ۋەسۋەسە سالىدۇ. شۇڭلاشقا ئەۋلىيالار دۇنيانى تەرك ئېتىپ، نەغمە - ناۋا، ئويۇن - تاماشاغا بېرىلمەيدۇ. بارلىق ھاۋايى - ھەۋەسنى ئۆزىدىن نېرى قىلىپ، قەلبنىڭ سۈكۈتىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ.


    23 - باب
    كەمتۈكلۈكتىن مۇكەممەللىك چىقىدۇ، ئادالەتسىزلىكتىن ھەققانىيەت تۇغۇلىدۇ. چوڭقۇر ئورەكلەرمۇ تاغ بولىدۇ، كونا نەرسىلەردىن يېڭى نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ، ئاز نەرسىلەردىن كۆپ نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ، ئاچ كۆزلۈك قىلىپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرسە ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئەۋلىيالار ھەممە ئىشنى ئۆز يولى بويىچە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ كۆرەڭلەپ يۈرمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا نامى جاھانغا تارىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى كۆرسىتىپ مەمەدانلىق قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خەلق ماختايدۇ، ئۆزىنى دانا چاغلاپ يۈرمەيدۇ، شۇنداق بولغاچقىلا ئەلگە يولباشچى بولالايدۇ.


    28 - باب
    بىلىملىك  باتۇردۇر، بىلىمسىز بولسا ئاجىزدۇر. دۇنيانىڭ ئەڭ پەس ئورنىدا تۇرۇشنى خالىغان كىشى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەڭگۈ ئۆز  ئەخلاق - پەزىلىتىنى ساقلىيالىغان ئادەملا ئاندىن پاك بوۋاقتەك تەبىئىيلىك ھالىتىگە قايتالايدۇ. بىلىم  يورۇقلۇقتۇر، بىلىمسىزلىك  زۇلمەتتۇر. دۇنيانىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىدا ياشاشنى خالىغان ئادەم مەڭگۈ دۇنيانىڭ تۆرىدە ياشايدۇ. ئەخلاق - پەزىلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرالىغان ئادەم مەڭگۈلۈكلۈك مۇقامىغا يېتەلەيدۇ. بىلىش  شەرەپتۇر، بىلمەسلىك  نومۇستۇر. دۇنيانىڭ تەكتىدە ياشاشنى خالايدىغانلار مەڭگۈ شۇنداق ئۆتىدۇ. ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى ئاددىي - ساددا ياشايدۇ. ئاددىي  - ساددىلىق ئەڭ ياخشى قورالدۇر. شۇڭا، ئەۋلىيالار ئەلنى باشقۇرغاندا ۋە ياكى ئادەم ئىشلەتكەندە بولسۇن، مۇكەممەل تەبىئىي سىياسەت بويىچە باشقۇرىدۇ. خالىغانچە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلمايدۇ.


    33 - باب
    بىلىملىكلەر  دانادۇر، ئۆزىنى بىلگەنلەر  ئاقىلدۇر، باشقىلارنى يەڭگەنلەر  كۈچلۈكتۇر.
    ئۆز - ئۆزىنى يەڭگەنلەر  باتۇردۇر، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلەر  بايدۇر، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەر  ئىرادىلىكتۇر، بۇ پەزىلەتلەرنى يوقىتىپ قويماي ياشىغۇچىلارنىڭ ھاياتى ئۇزۇن بولغۇسىدۇر. ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ تىرىكلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلمىغانلار ھاياتتۇر.


    44 - باب
    نام - ئابرۇي بىلەن ھاياتنىڭ قايسىسى قىممەتلىك؟ ھاياتلىق بىلەن مال - دۇنيانىڭ قايسىسى مۇھىم؟ ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنىڭ قايسى ئادەمنى بەكرەك ئازابلايدۇ؟ چېكىدىن ئاشقان مۇھەببەت چوڭ بەدەللەرنى تۆلىتىدۇ. قەلبىدىكى مۇھەببەتنى بەك پىنھان تۇتۇشمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    شۇڭلاشقا، قانائەت كىشىنى ئار - نومۇستىن ساقلايدۇ. چېكىگە يەتكەندە توختاشنى بىلىش كىشىنى خەتەردىن ساقلايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەم ئۆز ھاياتىنى قوغدىيالايدۇ، ئۇنى مەڭگۈ قەدىرلىيەلەيدۇ.


    47 - باب
    ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇرۇپمۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. پەنجىرىدىن سىرتقا قارىمىسىمۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئادەم قانچە يىراققا بارسا، بىلىدىغانلىرى شۇنچە ئازىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، تەرىقەت يولىغا ماڭغان ئەخلاقلىق ئادەم ھېچيەرگە بارمىسىمۇ ھەممە ئەھۋالنى بىلەلەيدۇ. ھېچنەرسىنى كۆرمىسىمۇ ھەممە ئىش كۆڭلىدە ئايان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يېتىدۇ.


    49 - باب
    ئەۋلىيالارنىڭ شەخسىي ئارزۇسى يوق. ئاۋام - پۇقرالارنىڭ ئارزۇسى  ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدۇر. ياخشىلار ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. يامانلارمۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. سەمىمىي كىشىلەر ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ساختىپەزلەرمۇ ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى  سەمىمىيلىك يولىغا ماڭىدۇ. تەرىقەتپەرۋەر ئەۋلىيالار ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقسا، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خەلقنىڭ قەلبىنى پاكلاشتۇرىدۇ. پۇقرالارنىڭ پۈتكۈل دىققەت - نەزىرى ئاشۇ ئەۋلىيالارغا مەركەزلىشىدۇ. ئەۋلىيالار پۇقرالارنىمۇ پاك ھەم مەسۇم بوۋاقتەك ھالەتكە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


    53 - باب
    ئەگەر مەن ھەقىقىي ئەقىل - پاراسەتلىك ئادەم بولسام، تەرىقەتنىڭ توغرا يولىدا ماڭىمەن. بۇ چاغدا مېنىڭ بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنىم  تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشتۇر. تەرىقەتنىڭ يولى تۈز ھەم تەكشى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئەگرى - بۈگرى يوللاردا مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. خانلارنىڭ ئوردىسى قانچە ھەشەمەتلىك ھەم چىرايلىق بولغانسېرى دېھقانلارنىڭ ئېتىزى شۇنچە قاقاسلىشىپ كېتىدۇ، ئامبارلارمۇ قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. شۇنداق چاغدىمۇ شايى - دۇردۇن كىيىملەرنى كىيىپ، قىلىچ - قالقانلارنى ئېسىپ، ئېسىل نازۇ  نېمەتلەرنى يەپ، مال - دۇنيا توپلاش كويىدا يۈرگەن ئەمەلدارلار قاراقچى ئەمەلدارلاردۇر. بۇنداق قاراقچى ئەمەلدارلار ماڭغان يول ئەلۋەتتە تەرىقەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تۇيۇق يولدۇر.


    57 - باب
    ئەلنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇش، لەشكەرنى تەدبىر بىلەن باشقۇرۇش كېرەك. تىنچ ھەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھالدا جاھاننى بويسۇندۇرۇش كېرەك. پېقىر بۇ قائىدىنى قانداق بىلىپ يەتتى؟ جاھاندا چەكلىمە بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئاۋام نامراتلىشىپ كېتىدۇ. ئاۋامدا قورال - ياراغ كۆپىيىپ كەتسە، دۆلەت مالىمانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ. ئاۋام ئەقىل - پاراسەتلىك بولۇپ كەتسە، ئالدامچى - ساختىپەزلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. قانۇن - تۈزۈم قانچە كۈچەيسە، ئوغرى - قاراقچىلار شۇنچە كۆپىيىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەۋلىيالار مۇنداق دېگەن: «مەن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ئەلنى تەبىئىي يوسۇندا ئىدارە قىلىمەن، ئاۋام ئۆزلۈكىدىن تىنجىيدۇ، مەن تىپتىنچ سۈكۈت قىلىمەن، ئاۋام ئۆزلۈكىدىن توغرا يولغا قايتىدۇ، مەن ئاۋامنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايمەن، ئاۋام ئۆزلۈكىدىن ھاللىنىپ بېيىدۇ، مەن نەپسانىيەتچىلىك قىلمىسام ئاۋام ئۆزلۈكىدىن سەمىمىيلىشىدۇ».


    58 - باب
    سىياسەت كەڭ - كۇشادە بولسا، ئاۋام سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بولىدۇ. سىياسەت چىڭىپ كەتسە، ئاۋام قۇۋلىشىپ كېتىدۇ. ئاپەت  ئامەتكە ياندىشىپ كېلىدۇ. ھەي، ئۇلارنىڭ چەك - چېگرىسىنى كىم بىلىدۇ؟ جاھاندا ئادالەت قالمىدى، ئادالەت جاھالەتكە، ياخشىلىق يامانلىققا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلەر ياتلىشىپ كەتتى. بۇنى توسىمەن دەيدىكەنسەن، يامانلارنى تۈپتىن يوقىتىمەن دېمەي، ئۇلارنى كۆزەت. قىلىچنى تەڭلەپ ھەيۋە قىل، لېكىن چاپما! ئادىل بول، ئىشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمە! ئاۋام قەلبىنى نۇرلاندۇرغىن، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزىنى چاقناتما!


    68 - باب
    ئىشەنچلىك گەپنىڭ ھەممىسى چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ. چىرايلىق گەپنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك بولمايدۇ. ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەممىسى بىلىملىك بولمايدۇ. بىلىملىك ئادەمنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق بولمايدۇ. سېخىيلارنىڭ ھەممىسى باي ئەمەس. بايلارنىڭ ھەممىسى سېخىي ئەمەس. ئەۋلىيالار بايلىق توپلىماي، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆزىنى باشقىلارغا بېغىشلىغانسېرى ئۆزىنىڭ ئېرىشىدىغانلىرىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭا، تەرىقەتپەرۋەر كىشى ھەرقانداق ئىش قىلسا، باشقىلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدۇ. ھەرگىز كىشىلەرگە زىيان سالمايدۇ. كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەرگىز يول تالاشمايدۇ.


    70 - باب
    قەدىمدىن بۇيان شۇنداقكى، لەشكەر ئىشلىتىشكە ماھىر سەركەردە قورالدىن قۇسۇر تاپمايدۇ، جەڭ قىلىشقا ماھىر سەركەردە بىردەملىك غەزەپ بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرمەيدۇ. دۈشمەننى يېڭىشكە ماھىر سەركەردە دۈشمەننى جەڭ قىلمايلا يېڭەلەيدۇ. ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر رەھبەر قول ئاستىدىكىلەرگە كەمتەر مۇئامىلە قىلىدۇ. مانا بۇ گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئادەم ئىشلىتىش ھۈنىرى جاھاندارچىلىق يولىدۇر. بۇلار قەدىمدىن بۇيانقى قائىدىدۇر.


    72 - باب
    مېنىڭ ئېيتقانلىرىم ئىنتايىن چۈشىنىشلىك گەپلەر ئىدى. ئۇنى ئەمەلدە كۆرسەتمەكمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى. لېكىن جاھاندا ئۇنى چۈشىنىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئەمەلدىمۇ كۆرسەتمىدى. مېنىڭ بايانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىتى بار. قىلغان ھەربىر ئىشىمنىڭ ئاساسى بار ئىدى. لېكىن كىشىلەر بۇ قائىدىنى چۈشەنمىگەچكە، مېنىمۇ چۈشەنمىدى. مېنى چۈشىنىدىغانلار ئاز بولغاچقا، مېنىڭ گەپ - سۆزۈمنىڭ قىممىتىمۇ ئېشىپ كەتتى. ئەۋلىيالار گويا پاخال ئارىسىغا يۆگەپ قويۇلغان قاشتېشىغا ئوخشايدۇرلەر.


    73 - باب
    ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىش  دانالىقتۇر. ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىك  يامان كېسەلدۇر. شۇڭلاشقا ئەۋلىيالار بۇنىڭ ئىنتايىن يامان كېسەللىكىنى بىلگەچكە، بۇنداق خاتالىقنى زىنھار سادىر قىلمايدۇ.


    74 - باب
    ئاۋام ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان بولۇپ كەتسە، چوڭ خەتەرنىڭ كەلگىنى شۇ. ئاۋامنى خاتىرجەم ياشايدىغان جايىدىن قوغلىما! ئاۋامنى تىرىكچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ قويما! ئاۋامنى قىستاپ ئۇلارغا زۇلۇم سالمىغاندىلا ئاندىن ئۇلار سېنى ئۆچ كۆرمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەۋلىيالار ئۆزىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۆزىنى چوڭ چاغلىمايدۇ. ئۆزىنى سۆيىدۇ، لېكىن ئۆزىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالمايدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا ئاۋام ئۇلارنى سۆيىدۇ، ئۇلارنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لاۋزى نۇرگۈل ھېيت