غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى (3)-تاھىر ھامۇت

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 00:02:00

«غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(3) غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش برتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان سوقراتتىن ئاۋۋال(1) بىرەر ئادەم ئومۇ...

    «غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(3)

         غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش
    برتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)
    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

       سوقراتتىن ئاۋۋال(1)   بىرەر ئادەم ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا پەلسەپە باشلانغان،پەنمۇ ھەم شۇنداق.ئەڭ بۇرۇن بۇ خىل قىزىقىشنى ئىپادىلىگەنلەر گرىكلار ئىدى.ھازىر بىز بىلىدىغان پەلسەپە بىلەن پەن گرىتسىيىنىڭ كەشپىياتى.گرىك مەدەنىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بۇ خىل ئەقلىي پائالىيەتنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
       بۇ مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى تارىختىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ناھايىتى مىسلىسىزدۇر.قىسقىغىنا ئىككى ئەسىر داۋامىدا،گرىكلار سەنئەت،ئەدەبىيات،پەن ۋە پەلسەپە جەھەتتە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان.مانا مۇشۇ نادىر ئەسەرلەر غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەندىزىسىنى تۇرغۇزغان.   پەلسەپە بىلەن پەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئالتىنجى ئەسىردە مىلېتۇسلۇق تالېستىن باشلانغان.ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى قايسى ئىشلار بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان؟بۇ سۇئالغا بىز تىرىشىپ جاۋاپ تېپىشىمىز كېرەك.مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ئاخېئولوگىيە پېنىنىڭ ياردىمىدە،گرىك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا،بىز پارچە-پۇرات ئۇچۇرلارنى يىغىنچاقلاپ،خېلى ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيمىز.   دۇنيادىكى ھەرقايسى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىچىدە گرىك مەدەنىيىتى كېيىرەك بارلىققا كەلگەن. مىسىر بىلەن مىسسوپوتامىينىڭ مەدەنىيەتلىرى ئۇنىڭدىن بىرنەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئىدى.چوڭ دەريالارنىڭ بويلىرىدا شەكىللەنگەن بۇ يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىگە مۇقەددەس پادىشاھلار،ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ۋە كۈچلۈك روھانىيلار قاتلىمى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.بۇ روھانىيلار ناھايىتى پۇختا بولغان كۆپ ئىلاھلىق دىن سىستېمىسىنىڭ ھاكىملىرى بولۇپ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر يانچىلار ئىدى.   مىسىر ۋە بابىلوندا بارلىققا كەلگەن بەزى بىلىملەرگە كېيىن گرىكلار ۋارىسلىق قىلغان،بىراق ئۇ جايلاردا پەن ۋە پەلسەپە ۋۇجۇتقا چىقمىغان.بۇ زادى تالانتلىق كىشىلەرنىڭ كەملىكىدىن بولغانمۇ ياكى ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىدىن بولغانمۇ؟گەرچە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بەلگىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ،لېكىن بۇلار ھەل قىلغۇچ ئامىللار ئەمەس ئىدى،ئەڭ مۇھىمى دىننىڭ تەسىرى ئەقىلنىڭ يۈرەكلىك تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغان.

           مىسىردا دىن ئاساسلىقى ئۇ دۇنيالىققا كۆڭۈل بۆلگەن.ئېھراملار قەبرە ئىمارەتلىرى ئىدى.نىل دەرياسىغا كېلىدىغان كەلكۈننى مۆلچەرلەش ئۈچۈن،ئانچە-مۇنچە ئاسترونومىيە بىلىملىرى بولمىسا بولمايتتى.مەمۇرىي ئەمەلدارلار سۈپىتىدىكى روھانىيلار شەكىللىك يېزىقنى ئىجاد قىلغان.بىراق باشقا تەرەپلەردىكى تەرەققىيات جەھەتتە ھېچقانداق بۈيۈك نەتىجە مىراس قالمىغان.   مىسسوپوتامىيىدە بۈيۈك سىمىت ئىمپېرىيىسى بۇرۇنقى سۇمېرلارنىڭ ئورنىنى ئالغان.ئۇلار سۇمېرلارنىڭ شىنا يېزىقىنى ئىشلەتكەن.دىن جەھەتتە ئۇلار ئاسالىقى بۇ دۇنيادىكى بەختكە قىزىققان.يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پېرخونلۇق ۋە رەمچىلىك قاتارلىقلارمۇ ئاشۇ مۇددىئا ئۈچۈن ئىدى.
       شۇنىڭدىن سەل كېيىن سودا جەمئىيىتى راۋاجلانغان.بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كرېت ئارىلىنىڭ ئاھالىلىرى ئەڭ بۇرۇن ئىدى.ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى تېخى يېقىندا بايقالدى. كرېتلىقلار بەلكىم كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئېگەي دېڭىزىدىكى باشقا ئاراللارنى بېسىپ چۈشكەن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كرېت ئارىلىغا بىر تۈركۈم كۆچمەنلەر كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن كرېت مەدەنىيىتى ئاجايىپ تەرەققى قىلغان. نوسۇس بىلەن فېستوستا ھەيۋەتلىك ئوردا-سارايلار سېلىنغان. كرېتلىقلارنىڭ كېمىلىرى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە قاتناپ تۇرغان.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1700-يىللاردىن باشلاپ،توختىماي يۈزبەرگەن يەر تەۋرەشلەر ۋە يانار تاغلارنىڭ پارتلاشلىرى كرېتلىقلارنى ئۆزىگە قوشنا بولغان گرىتسىيە بىلەن كىچىك ئاسىياغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.كرېتلىلارنىڭ ھۈنەر-تېخنىكىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇق كىشىلىرىنىڭ كۈلتۈرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.گرىتسىيىدە بۇ نۇقتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مەشھۇر جاي ئاركېلىتتىكى مېسسېنې شەھىرى بولۇپ،ئېيتىلىشىچە،بۇ يەر تروي ئۇرۇشىدا گرېكلارغا قوماندانلىق قىلغان ئاگامىمنوننىڭ يۇرتى ئىكەن.ھومېرنىڭ داستانلىرىدا ئاشۇ مېسسېنىې دەۋرىگە بولغان ئەسلىمىلەر خاتىرىلەنگەن.
       تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1400-يىللىرى،كرېت ئارىلى بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ،كرېتلىقلارنىڭ زومىگەرلىكى بىراقلا ئاياقلاشقان.   بۇنىڭدىن بۇرۇن گرېتسىيە زېمىنى ئىلگىرى-كېيىن كەلگەن ئىككى تۈركۈم تاجاۋۇزچىلارنى قوبۇل قىلغان. بىرىنجى تۈركۈمى تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللىرى شىمالدىن كەلگەن ئىئونىيىلىكلەر بولۇپ، ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەر بارا-بارا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك. 300يىلادىن كېيىن،يەنە ئاچىئانلار تاجاۋۇز قىلغان، بۇ قېتىم ئۇلار بىر ھۆكۈمران قاتلام بولۇپ شەكىللەنگەن. مېسسېنېنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ھومېرنىڭ داستانلىرىدىكى گرېكلار ئومۇمەن مۇشۇ سىنىپقا تەۋە ئىدى. 

         كرېت ئاچىئانلىرىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا كەڭ سودا ئالاقىسى بار ئىدى.بۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1400-يىللىرى كرېت ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئاشۇ قېتىملىق زور ئاپەت تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان.تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200-يىللىرى مىسىرغا تەھدىت سالغان «دېڭىز قاراقچىلىرى»ئىچىدە كرېتلىقلار بار ئىدى.مىسىرلىقلار ئۇلارنى «پەلەستلەر»دەپ ئاتىغان.ئۇلار ئەڭ بۇرۇنقى فېلىسلار بولۇپ،ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جاي ــ پەلەستىننىڭ نامى شۇلارنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1100-يىللىرىدىكى يەنە بىر قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق تەبىئىي ئاپەتلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى تاماملىغان.
       دورىئانلار تاجاۋۇزىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى ئاستىدا،پۈتكۈل گرىتسىيە ۋە ئېگەي دېڭىزى قارام ۋە كۈچلۈك ياۋايى كۆچمەنلەرنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغان.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردە يۈز بەرگەن تروي ئۇرۇشىدا ئاللىقاچان ماغدۇرىدىن كەتكەن ئاچىئانلار بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالمىغان.دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى فېنىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ،گرىتسىيە بىر مەزگىل جىمىپ كەتكەن.تەخمىنەن مۇشۇ مەزگىللەردە گرىكلار فېنىك سودىگەرلەردىن سېمىتلارنىڭ يېزىقىنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇنىڭغا سوزۇق تاۋۇشلارنى قوشۇپ تولۇقلىغان. گرىتسىيىنىڭ يەر شەكلى ئېگىز-پەس،ھاۋا كېلماتى ناچار ئىدى،دۆلەت زېمىنىنى تاقىر تاغلار ئايرىپ تۇراتتى،دەريا ساھىلىرى ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق يوللىرى قاتناشقا ئەپسىز ئىدى.بەزى قەۋملەر مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەردە راۋاجلانغان.زېمىن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى سىغدۇرالمايدىغان بولۇپ قالغاندا،بەزىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ مۇستەملىكە قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە،سىسىليە ئارىلى،جەنۇبىي ئىتالىيە ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدا زىچ چېچىلغان گرىك شەھەرلىرى بولغان.مۇستەملىكىلەرنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ سودا ئىشلىرى راۋاجلانغان،گرىكلار شەرق بىلەن يەنە ئۇچراشقان. دورىئانلاردىن كېيىنكى گرىتسىيىدە سىياسىي جەھەتتە بىر قاتار قەرەللىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن.دەسلەپتە ھاكىمىيەت پادىشاھتا ئىدى،كېيىن بارا-بارا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن.ئارقىدىن ھوقۇق مىراس قالمايدىغان ھۆكۈمرانلار دەۋرى ياكى ئىستىبداتلار دەۋرى يېتىپ كەلگەن.ئەڭ ئاخىردا ھاكىمىيەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن.«دېموكراتىيە»دېگەن سۆز خەت مەنىسىدىن ئالغاندا مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق بىلەن دېموكراتىيە نۆۋەتىلشىپ ماڭغان.بارلىق شەھەر ئاھالىسى بىر يەرگە جەم بولغاندىلا ھەقىقىي دېموكراتىيە ئىشقا ئاشاتتى.بۇنداق دېموكراتىيە شۋېتسىيىنىڭ بىرنەچچە جايلىرىدا تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.

       گرىك جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ۋە ئەڭ بۈيۈك ئەدەبىي مىراسى ھومېرنىڭ ئەسەرلىرىدۇر.ھومېر توغرىسىدا بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ئانچە ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ھەتتا بىر قاتار شائىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىسىم بىلەم ئاتالغان، دەپ قارايدۇ.مەيلى نېمىلا بولمىسۇن،ھومېرنىڭ«ئىلىئاد» ۋە «ئودېسسېي»دىن ئىبارەت ئىككى داستانى تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە تاماملانغان.بۇ ئىككى داستاندا مەدھىيىلەنگەن تروي ئۇرۇشى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200-يىلىدىن سەل كېيىن يۈز بەرگەن.دېمەك،بۇ ئەسەرلەدە ئاپتور دورىئانلار دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى بايان قىلغان،شۇڭا بەزى ئىزچىلسىز جايلار بار.بۇ ئىككى داستاننىڭ ھازىرقى نۇسخىسىدىن قارىغاندا،ئۇلارنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىكى ئاتېننىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانى پېسىستراتۇس(Piesistratus) رەتلىگەن.ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارنىڭ كۆپىنى ھومېر سىلغايتقان،بىراق بەزى ئىزنالار يەنىلا ساقلانغان.بۇ داستانلاردا ئازادلىققا چىققان بىر ھۆكۈمران سىنىپقا بولغان ئەقىلگە ئۇيغۇن پوزىتسىيە ھەقىقىي ئەكس ئەتكەن.جەسەتلەر مېسسىنې دەۋرىدىكىگە ئوخشاش كۆمۈلمىگەن،بەلكى كۆيدۈرۈپ دەپىن قىلىنغان.ئولىمپىك تېغىدىكى ئىلاھلار بىر توپ غەلۋىخور ۋە جاپالىق كۈن كەچۈرىدىغان خوجايىنلار ئىدى.دىن بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا ئىدى.مېھماندوستلىققا ئوخشاش ساختا ناز-كەرەشمىلىك ئۆرپ-ئادەتلەر ئەۋج ئالغان.تېخىمۇ ئىپتىدائىي ئالامەتلەر،مەسىلەن،ئەسىرلەرنى ئۆلتۇرۇپ نەزىر قىلىش تۇيۇقسىز ئۇچراپ قالىدۇ،لېكىن ناھايىتى ئاز.ئومۇمەن بۇ ئەسەرلەردە دىنىي ئۇدار كونترول قىلىنغان. بۇ مەلۇم دەرىجىدە گرىك روھىدىكى جىددىلىكنىڭ سىمۋولى ئىدى.گرىك روھىنىڭ ئىزگۈ ۋە ئەقلىي بىر تەرىپىمۇ،توسقۇنسىز ۋە ياۋايى بىر تەرىپىمۇ بار ئىدى.ئالدىنقىسى پەلسەپە،سەنئەت ۋە پەننى بارلىققا كەلتۈرگەن، كېيىنكىسى مول ھوسۇل مۇراسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىپتىدائىي دىندا ئىپادىلەنگەن.ھومېرنىڭ شېئىرلىرىدا كېيىنكى تەركىپ خېلىلا تىزگىنلەنگەن.شۇنىڭدىن كېيىن،بولۇپمۇ شەرق بىلەن قايتا مۇناسىۋەتلىشىشتىن كېيىن،بۇ تەركىپ يەنە باش كۆتۈرگەن.بۇ ھاراق ئىلاھى دىئونسۇس(باكچۇس)قا چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇ سراسىئا دېگەن جاينىڭ ئىلاھى ئىدى.ئەپسانىۋى شەخس ئورفېئۇس(Orpheus) بۇنداق ئىپتىدائىي ياۋايى ھالەتنىڭ ئوڭشىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن.ئېيتىلىشىچە،ئورفېئۇسنى ھاراق ئىلاھى باكچۇسقا چوقۇنىدىغان بىر توپ مەست ئايال تىرىك پېتى پارچىلاپ تاشلىغانمىش.ئورفېئۇسنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى زاھىدلارچە ئاسكېتىكىزملىق خاھىشقا ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭدا روھىي جەھەتتىكى ئەسەبىي مەستانىلىق تەكىتلەنگەن.

        ئەمما بۇ بىر خىل «قىزغىن ئىشەنچ» ھالىتىگە يىتىش، يەنى،ئىلاھ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ئارقىلىق،باشقا يول بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدىغان سىرلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئارزۇسى ئىدى.ئورفېئۇس دىنى مانا مۇشۇنداق لاتاپەتلىك شەكىل ئارقىلىق گرىك پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ خىل تەسىر ئەڭ بۇرۇن پىتاگوراسنىڭ پەلسەپىسىدە كۆرۈلگەن.ئۇ ئورفېئۇسنىڭ دىنىي تەلىماتلىرىنى تۈزىتىپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ مىستىكىزمىغا لايىقلاشتۇرغان.ئورفېئۇس دىنىدىكى پەنگە يات بەزى تەركىپلەر پېتاگوراسنىڭ پەلسەپىسى ئارقىلىق ئەپلاتون ۋە باشقا نۇرغۇن گرىك پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرگەن. بىراق تېخىمۇ ئىپتىدائىي بەزى تەركىپلەر يەنىلا ئورفېئۇس ئەنئەنىسىدە ساقلانغان.بۇ تەركىپلەر دەل گرىك تراگېدىيىلىرىنىڭ مەنبەسى ئىدى.گرىك تراگېدىيىلىرىدە ھامان ئاشۇ قىزغىن ھېسسىيات تۈپەيلىدىن قىينالغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىنغان.ئارىستوتل: تراگېدىيە ــ ھېسسىياتنىڭ پاكلىنىشىدۇر،دەپ توغرا ئېيتقان.نەتىجىدە، گرىك خاسلىقى دەل ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىككى تەرىپى ئارقىلىق دۇنيانىڭ قىياپىتىنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋەتكەن. نېتچې بۇ ئىككى تەركىپنى قۇياش ئىلاھى ئاپوللو تىپى بىلەن ھاراق ئىلاھى دىئونسۇس تىپى دەپ ئاتىغان.بۇ ئىككىسىنىڭ مەيلى قايسىسى بولسۇن،گرىك مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى پارتلىشىنى يالغۇز كەلتۈرۈپ چىقىرالمايتتى.شەرقتە مىستىكىزملىق تەركىپ مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى.گرىكلارنى شەرقنىڭ بۇنداق بىردىنبىر ئېزىتقۇسىدىن ساقلاپ قالغىنى دەل ئىئونىيە پەن ئېقىمىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىدى.بىراق ئېغىر-بېسىقلىق خۇددى مىستىكىزمغا ئوخشاشلا ئەقىل جەھەتتىكى تەرەققىياتنى مۇستەقىل ۋۇجۇتقا چىقىرالمايتتى.چىنلىق بىلەن گۈزەللىككە بولغان قىزغىن ئىنتىلىش زۆرۈر ئىدى.ئورفېئۇس دىنىنىڭ تەسىرى گويا مانا مۇشۇ خىل نۇقتىئىنەزەرنى ئاتا قىلغان.سوقراتنىڭ قارىشىچە،پەلسەپە بىر خىل ياشاش شەكلى ئىدى.ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىكى شۇكى،«تەلىمات»دېگەن سۆزنىڭ گرىك تىلىدا ئەڭ دەسلەپ «سەيلە» دېگەندەك مەنىسى بار ئىدى.

       ھېرودوتۇس (Herodotus ) بۇ سۆزنى مۇشۇ مەنىدە ئىشلەتكەن.بىر خىل كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بىر خىل مەنپەئەتسىز قىزغىن ئىزدىنىش دەل گرىتسىيىنىڭ تارىختا تەڭداشسىز ئورۇنغا ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەپ ئىدى. گرىتسىيىنى مەنبە قىلغان غەرب مەدەنىيىتى بىر خىل پەلسەپىۋىي ۋە پەننىي ئەنئەنىنى ئاساس قىلغان.بۇ خىل ئەنئەنە بۇنىڭدىن 2500يىل بۇرۇن مىلېتۇس دېگەن جايدا باشلانغان.غەرب مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ پەرقى دەل مۇشۇ يەردە.گرىك پەلسەپىسىگە باشتىن-ئاخىر سىڭگەن ئاساسىي ئۇقۇم «لوگوس»(logos)تۇر.بۇ سۆزنىڭ «تىل» ۋە «ئۆلچەم» دېگەندەك مەنىلىرى بار.دېمەك،پەلسەپىۋىي مۇلاھىزە بىلەن پەننىي تەتقىقات زىچ باغلانغان.بۇ مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىققان ئېتىكا بىلىمدە «ياخشىلىق»نىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.بۇ يەردىكى ياخشىلىق مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىزدىنىش ئىدى. بىز ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى پەلسەپە بىلەن پەننىڭ باشلىنىشى ئىدى،دېدۇق.ئۇنداقتا،بۇ مەسىلىلەرنىڭ شەكلى قانداق ئىدى؟كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇلار دەل مۇنداقلا قارىماققا تاسادىپىيدەك كۆرۈنىدىغان بىر قاتار ئىشلار ئىچىدىن بىر تەرتىپنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى.تەرتىپ دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەڭ دەسلەپ نەدىن كەلگەنلىكىنى كۆزىتىپ بېقىش تولىمۇ قىزىقارلىق.ئارىستوتىل ئادەمنى سىياسىي ھايۋان،دېگەن.ئادەم يەككە-يىگانە ئەمەس،بەلكى جەمئىيەت ئىچىدە ياشايدۇ.ھەتتا ئەڭ ئىپتىدائىي سەۋىيىدىمۇ بىر تەشكىل بولۇشى زۆرۈر.تەرتىپ دېگەن ئۇقۇم مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.تەرتىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تەرتىپتۇر.تەبىئەت دۇنياسىدا قانۇنىيەتلىك ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ،مەسىلەن،كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى،تۆت پەسىلنىڭ نۆۋەتلىشىشى قاتارلىقلار شەكسىزكى ناھايىتى بۇرۇنلا بايقالغان. ھالبۇكى،بۇ ئۆزگىرىشلەر ئەڭ دەسلەپتە ئادەملەرنىڭ چۈشەندۈرىشى ئارقىلىق چۈشىنىلگەن.

        ئاسمان جىسىملىرى ئىلاھلار بولۇپ،ئۇلار تەبىئەتنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىدىن دېرەك بېرەتتى.بۇلارنى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىققانىدى. ياشاش مەسىلىسى ئالدى بىلەن ئادەملەرنىڭ تەبىئەت كۈچلىرىنى ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ نۇقتىنى ھازىرقى ئاتالمىش ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن،ئادەملەر پېرخونلۇق ئۇسۇلىنى قوللانغان.پەن بىلەن پېرخونلۇقنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئومۇمىي ئۇقۇم بىردەكلىككە ئىگە.چۈنكى پېرخونلۇق قاتتىق بېكىتىلگەن بىر قاتار مۇراسىملار ئاساسىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.ئۇنىڭدا سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىيىتى ئاساس،يەنى،ئوخشاش ئالدىنىقى شەرت ئاساسىدا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىر مەقسەت قىلىنىدۇ.دېمەك،پېرخونلۇق ئىپتىدائىي پەن ئىدى.يەنە بىر تەرەپتىن،دىن باشقا بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان.دىن دائىمىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش ياكى پەرۋا قىلماسلىق ئاساسىدا نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.ئۇ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ،چۈشەنگىلى بولمايدىغان ساھەدە رول ئوينايدۇ.شۇڭا،گەرچە ئىپتىدائىي ئىدىيىلەردە پېرخونلۇق بىلەن دىن دائىم ئارىلاشتۇرىۋېتىلسىمۇ،لېكىن بۇ ئىككى خىل تەپەككۇر شەكلى بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ.

        كوللېكتىپ قاتناشقان ئورتاق پائالىيەتلەر داۋامىدا تىلدىن ئىبارەت ئالاقە ۋاسىتىسى بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى كۆپچىلىكنى ئورتاق بىر نىشانغا ئۇيۇشتۇرۇش ئىدى.شۇڭا بۇ يەردىكى ئاساسىي ئۇقۇم «قوشۇلۇش»تۇر.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى لوگىكىنىڭ باشلىنىشى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.چۈنكى بۇنىڭدا كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئاخىردا ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر كۆزقاراشقا قوشۇلىدۇ.گەرچە پەقەت ئوخشاش بولمىغان پىكىرنىڭ بارلىقىغا قوشۇلغان تەقدىردىمۇ.قاتمال ھالەت كېلىپ چىققاندا،شەكسىزكى،بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز مەسىلىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلغان.سەن رەقىبىڭنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلا،ئۇ ساڭا رەدىيە بېرەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.بەزىدە يەنە بىر چارە قوللىنىلغان،يەنى،ئىمكانىيەت بولسىلا مەسىلىلەر مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىنغان.مانا بۇ پەننىي ۋە پەلسەپىۋىي ئۇسۇل ئىدى.بۇ جەھەتتە تارىختىن ئاۋۋالقى چاغلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە بىزدە زادى قانچىلىك ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقىغا كىتابخان ئۆزى ھۆكۈم قىلىپ باقسا بولىدۇ. ھەرقايسى دەۋرلەردىكى گرىك پەلسەپىسى باشتىن-ئاخىر ھەر خىل دۇئالىزملارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.ئۇلار ئىزچىل ھالدا بۇ خىل ياكى ئۇ خىل شەكىلدە گرىك پەيلاسوپلىرى يازىدىغان ياكى مۇلاھىزە قىلىدىغان تېما بولۇپ قالغان.ئاشۇ بارلىق دۇئالىزملارنىڭ ئاساسى راستلىق بىلەن يالغانلىقنىڭ پەرقى ئىدى.بۇ پەرق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكى ياخشىلىق بىلەن  يامانلىقنىڭ،ھارمونىيە بىلەن توقۇنۇشنىڭ دۇئالىزملىق مۇناسىۋىتى ئىدى.ئۇلاردىن قالسا، تا ھازىرغىچە مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقىنى ـ زاھىرىيەت بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت دۇئالىزمدۇر.بۇلاردىن باشقا يەنە روھ بىلەن ماددا، ئەركىنلىك بىلەن مۇقەررەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر بار ئىدى.

      يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىسەك،مەۋجۇدات بىرمۇ ياكى كۆپمۇ،ساپمۇ ياكى مۇرىككەپمۇ دېگەندەك ئالەمشۇناسلىق مەسىلىلىرى ئىدى.ئەڭ ئاخىردىكىسى قالايمىقانچىلىق بىلەن تەرتىپ،چەكسىزلىك بىلەن چەكلىكلىك قاتارلىق دۇئالىزملار ئىدى. قەدىمكى دەۋردىكى پەيلاسوپلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىزگە ئىلھام بېغىشلايدۇ.ئېھتىمال مەلۇم بىر ئېقىمدىكىلەر بىر خىل دۇئالىزمنىڭ بىر تەرىپىنى تەشەببۇس قىلغان،ئارقىدىنلا يەنە بىر ئېقىمدىكىلەر ئۇلارنى تەنقىدلەپ،ئۇلارغا قارشى نۇقتىئىينەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئاخىردا ئۈچىنچى بىر ئېقىمدىكىلەر مۇرەسسە قىلىپ،ئەسلىدىكى ئىككى ئېقىمنىڭ ئورنىنى ئالغان.گېگېل دەل سوقراتتىن بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنىڭ بىر-بىرىگە قارشى تەلىماتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇنداق ھەرە تارتىشتەك ئۇرۇشنى كۆزەتكەچكىلا،تۇنجى بولۇپ دېئالېكتىكا ئۇقۇمىنى راۋاجلاندۇرغان. مۇشۇ دۇئالىزملارنىڭ خېلى كۆپى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك.ئەمما بىز ئۇلارنى بىر بىرىدىن ئاددى ھالدا ئايرىۋىتىپ،پەلسەپىنىڭ ھەر خىل تىپتىكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىمىز.راستلىق بىلەن يالغانلىق لوگىكىدا مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،ھارمونىيە بىلەن توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئېنىقلا ئېتىكىغا تەۋە.زاھىرىيەت بىلەن ئەمەلىيەت،روھ بىلەن ماددا،قاتارلىقلار بىلىمشۇناسلىقتىكى ئەنئەنىۋى مەسىلىلەردۇر.قالغان دۇئالىزملار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋۇجۇدىيەتشۇناسلىق (مەۋجۇتلۇق توغرىسىدىكى ئىلىم )قا تەۋە.ئەلۋەتتە،بۇنداق ئايرىش ئۇنچە ئەستايىدىل ئەمەس.ئەمەلىيەتتە،بۇ چەك-چېگرىلار قانچە بۇزۇپ تاشلانسا،گرىك پەلسەپىسىنىڭ خاسلىقى شۇنچە ئىپادىلىنىدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:27:03]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.