ئەقلىي ئويغىنىش

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 21:16:24

ئەقلىي ئويغىنىشۋاڭ گۇاڭيۇەن 2500 يىل مۇقەددەم، گرېتسىيىلىك پراتاگرا: «ئادەم-مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ياڭراق شوئارنى توۋلىغانىدى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم&ra...



     

    ئەقلىي ئويغىنىش

    ۋاڭ گۇاڭيۇەن

     

       2500 يىل مۇقەددەم، گرېتسىيىلىك پراتاگرا: «ئادەم-مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ياڭراق شوئارنى توۋلىغانىدى.
       بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ. سىزدىن ئىبادەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئىدراك ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ئەنئەنە ياكى ئاۋام كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بۇلۇشىدىن، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەتناملارنى چاپلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەك. شۇڭا سوقرات مۇنداق دېگەن:
    «دۇنيا ھېچكىمنىڭ بىراۋغا ،ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا ئىقتىساد قىلىسەن دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق.»
       «ھەممىدىن گۇمان قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىش»- شۇ چاغدا كىشىلەر ئەڭ چوقۇنىدىغان كۆز قاراش ئىدى.
       يىراق ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا تاغ جىنىسىدىن پەيدا بولغان كىچىككىنە بىر يېرىم ئارال بار. بۇ ئارال قىسقىغىنە ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىلا غەرب جەمئىيىتىنىڭ 2500 يىللىق تۇرمۇشىغا ئاساس سالدى. بۇ ئارال دەل قەدىمكى يۇناندۇر.
       مىلادىدىن ئىلگىركى 492-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىركى 449-يىلىغىچە، قەدىمكى يۇنان بىلەن پارىس ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىدى، تارىختا بۇ ئۇرۇش «گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. ئۇرۇش گرېتسىيە تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنا غالىپلىق ھەيۋىسى بىلەن ئەتىراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ «غوجا ئاكىسى» غا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئەتراپتىكى باشقا جايلارنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئافېناغا توپلىنىپ، گرېتسىيە تارىخدىكى تۇنجى سەھىپىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن «گرېتسىيە ئويغىنىش دەۋرى» باشلاندى.
     «ئويغىنىش» دېگىنىمىز-كىشىنى پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالەتتىكى «نادانلىق» تىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىچكى «ئۆزلۈك ئېڭى»-«ئىدىراكى روھ» نى ئويغىتىش ئارقىلىق «ئۆزلۈك» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش، «ئۆزلۈك» نى ئەنئەنىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
                        
     ▲ سوقرات: ئۆزۈڭنى تونۇ
       گرېتسىيە-پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «پۇقرالار سىياسىيسى» «ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسى» نىڭ ئورنىنى ئالدى. شەخسىنىڭ ئونى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پۇقرالارنىڭ ھەممىسى سىياسىيغا بىۋاستە ئارىلىشالايدىغان بولدى. سىياسىي بىلەن ھەپىلىشىشتە بىلىم بولمىسا بولمايتتى. بىلىم ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا خاس نەرسە بولۇشتى قېلىپ، ئاددىي پۇقرالارغىچە ئومۇملاشتى. ئافېنانىڭ كوچىلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلىم قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئابرويلۇق، بىلىمدە توشقان زىيالىيلار كوچا-رەستىلەردە ئەركىن نوتۇق سۆزلىدى، شاگىرت ئېلىپ، قانۇن، تارىخ، قاتارلىق پەنلەردىن تەلىم بەردى، يەنە تېخى شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەنئەنىنى تەنقىد قىلدى.
       بۇنداق پۇقرالار سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى گرېتسىيىلىكلەردە باراۋەرلىك ئېڭى ۋە يەككىلىك ئېڭىنى پەيدا قىلدى. ئۆزلۈكىنىڭ ئويغىنىشى تەنقىدى روھ ۋە گۇمانىزىمنى تەرەققىي قىلدۇردى. چۈنكى جىمى نەرسە «ئۆزلۈك» نەزىرىنىڭ تەپتىش قىلىشىدىن ئۆتسە، ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن، نوپۇزغا قارىغۇلارچە ئەگشىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى غەرب دۇنياسىدىكى دەسلەپكى «گۇمانىزم ھەرىكىتى» نى تەدرىجى شەكىللەندۈردى. بۇ يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار «ئەقلىيەتچىلەر ئېقىمى» بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوفىستلار ۋە گۇمانىزىمچىلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پراتاگرا بىلەن سوقرات ئىدى.
       1. ئادەم مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى
       پراتاگرا سەرگەردان پەيلاسوپ بولۇپ، سەپەرگە بەكلا ئامراق ئىدى، ئۇ سەپەرگە چىقسا سەرگەردان شاگىرتلىرىمۇ بىللە چىقاتتى. ئېيتىلىشىچە، سەپەردە نەچچە يۈز ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىكەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن پەيلاسوپ بولۇپ، ھەتتا رىكرېسمۇ ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن.
       پراتاگرا غەربنىڭ 2500 يىللىق تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئادەم- مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى!» دېگەن شۇئارىنى توۋلىدى.
       دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمايدۇ، ئاتالمىش ھەقىقەت ھەربىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تونۇشىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دۇنيادىكى ئادەم قانچىلىك بولسا ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ، ھاياتىڭىزدىكى كەچمىشلەر قانچىلىك بولسا ھەقىقەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. ئادەم جىمى نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. «ئادەم» ياكى «يەككە» بىر پەلسەپىۋى ئاتالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن پراتاگرا تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
     بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئادەم» ئىجتىمائىي «ئادەم» نى ئەمەس، بەلكى يەككە «ئادەم» نى، يەنى ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئەگەر مۇشۇ يەككە بولمايدىكەن، دۇنيادا توغرا بىلەن خاتانىڭ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ھېچ ئېتىبارى قالمايدۇ. سىزدىن ئىبارەت يەككە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلەن يامان، توغرا بىلەن خاتا ھەققىدىكى باھالارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.
       پراتاگرا «ئاتىئېزىمچى» دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان. بۇ چاغدا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بوركېرىس ئالەمدىن ئۆتكەچكە ، پراتاگراغا «قېچىش» تىن باشقا يوق قالمىغانىدى. ئۇ قېچىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ ئولتۇرغان كېمە بەختكە قارشى خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن. ئۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان.
       2. تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز-بىز ئۆزىمىز
       سوقرات ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ تېز-تېز ناشتا قىلاتتى-دە، تونىنى كىيىپ، كاناپتىن تىكىلگەن پىلاشىنى يېپىنچاقلاپ، بىرەر دۇكان ياكى ئىبادەتخانا ياكى بولمىسا بىرەر ھاممامنى نىشانلاپ ئۆيدىن چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىرە سۆھبىتى قۇرغۇدەك جايلار بولسا چوڭ رەستىلەردىكى پىنھان بۇلۇڭلارمۇ بۇلۇۋېرەتتى. ئۇ ياشاۋاتقان ئافېنا شەھىرى ئىلمىي مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە كەيپىياتى ئاجايىپ جانلانغان جاي ئىدى.
        سوقرات بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپلار ئەينى چاغدا «تەبىئەت دۇنياسى زادى نېمىدىن تەركىب تاپقان» دېگەن مەسىلىنى تەلقىن قىلىشقىلا بېرىلىپ كەتكەنىدى. مەسىلەن، تېيلىس تەبىئەت دۇنياسى «سۇ» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان، ھېراكلېت «ئوت» تىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان، دېموكرېت بولسا «ئاتوم» دىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان. سوقراتنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپ، بۇنداق قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىش، ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، كىشى ئۆزىدە ئېتقاد تىكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ئىدى، تەبىئەت بىلىملىرىنىڭ بولماسلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىدى. سۇ، ئوت، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ روھنى قۇتۇلدۇرۇشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، سوقرات ئافېنادىكى دېلفىن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئۆگزىسىگە ئويۇلغان «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى چۇڭقۇر ئىلھام ئالغان. ئۇ «مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇلۇغ ھەقىقەت، پەلسەپىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋەزىپىسى» دېگەن. «سىز ئۆزىڭىز» بولغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىمىزگە زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدۇ.
       پراتاگرا: «ئادەم- جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دەيدۇ. پراتاگرانىڭ بۇ ھۆكۈمى ناھايىتى تېزلا ئەقلىيلىك نەزەرىيىسى دەپ قارالغان. بۇنداق بولغاندا، پىكىر قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلۈپ، ھەممە ئۆز كۆز قارىشىنى بازارغا سالىدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارىۋالىدىغان كەيپىيات باش كۆتۈرۈپ قالاتتى. ھېس-تۇيغۇلىرىغا بېرىلگەندە، روھىي كەيپىياتنىڭ تىزگىنىگە چۈشۈپ قالغاندا، بۇنداق ئەھۋال مۇقەررەر كېلىپ چىقاتتى. سوقرات بۇنىڭغا: «كىشىدىكى كۆرۈنمەس ئاڭ ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچىمى؛ تەقدىرىمىزنى يارىتىدىغىنىمىز تەڭرى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز» دەپ تۈزىتىش بەرگەن. سوقرات بۇ يەردە ئىدراكنى ئادەمنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەڭ يۈكسەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى دەپ قارىغان.
       ئىدراك- ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ئەنئەنە ياكى ئاۋامنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بولۇشىدىن، ھەتتا سىزگە خىلمۇ خىل بەتناملارنى ئاتا قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەك.
       3. بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ
       «بىلىمسىزلىكىڭنى تونۇ». بۇ - سوقراتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى، يەنى ئۆزگىچە بولغان «دىئالوگلىشىش» ئۇسۇلى. سوقراتنىڭ قارىشىچە، پاراسەت ياكى بىلىم ھەرگىزمۇ بېكىتىلىپ قوغان ھالەتتە بولماستىن، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ تۇرىدىغان بىر خىل جەرياندۇر. شۇڭا، ھەقىقەت ئۈستىدە دىئالوگلاشقاندا ئالدى بىلەن چوقۇم: «بىز ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، شۇنداقلا ھەقىقەتەن بىلمەيمىز» دېگەننى پەرەز قىلىۋېلىش كېرەك.
    سوقرات مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلغاندا، بىرىنچى بولۇپ «ئومۇمىي پەزىلەت (مەسىلەن، باتۇرلۇق، ئادالەت دېگەندەك) دېگەن نېمە» دەپ سوئال قويۇلۇشى، جاۋاب بەرگۈچىمۇ مۇئەييەن بىر پەزىلەتنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشى، سوئال قويغۇچى يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، مۇنازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بايا دەپ ئۆتۈلگەن ئومۇمىي پەزىلەت تەرەپكە بۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، سوئال قويغۇچى جاۋاب بەرگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇم بىر كونكرېت ھەرىكەتنىڭ پەزىلەتنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇنىڭغا زىت بولغان مىساللار ئارقىلىق قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى ئاشكارا قىلىشقا بولىدۇكى، مۇشۇ كونكرېت بولغان، كۆرۈنۈشتە قارمۇ قارشى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىساللار ئوخشاش بىر خىل پەزىلەت دەپ ئاتىلىپ، تېخىمۇ چۇڭقۇر قاتلاملىق، ئورتاق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا دىئالوگلاشقۇچىلار چىققىلى بولمايدىغان بىر خىل يۈكسەك چوققىغا يۈزلىنەلەيدۇ- دە، دىئالوگلاشقۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۈيۈكلىككە ئىنتىلىدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.
       بىلىمسىزلىكىنى تونۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىدىغان بۇنداق «دىئالوگلىشىش» ئۇسۇلى سوقراتنىڭ «بىلىمسىزلىك» ئىپادە قىلغان كامالەتكە يەتكەن پاراسىتىدۇر. ئۇ پاراسەتكە، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنى «روھ تۇغدۇرۇش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىغان.
       4. ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىل
       سوقراتتىن ئىبارەت بۇ «رەستە ناتىقى» ئافېنادىكى «ئۆزگىچە سىياسىي قاراشقا ئىگە» ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ ئىدى، ئۇ كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ، جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىغا زەربە بېرەتتى، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى دېيىشىۋالغان سىياسەتۋازلارنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئايىماي ئېچىپ تاشلايتتى. چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ شەرمەندە بولغان ھۆكۈمەت ئاخىرى سوقراتنى « قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى»، «ئەخلاقنى بۇلغاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالدى.
    سوقراتنى 501 نەپەر كىشىدىن تەركىب تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى سوراق قىلدى. مۇنازىرىدە يېڭىلمەس بۇ پەيلاسوپ سوتتا ئۆزىنى سوراق قىلىۋاتقان سودىيەلەرگە گەپ بەرمەي، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
       «دۇنيادا ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا ‹ئۇنىڭغا ئېتقاد قىل، بۇنىڭغا ئېتقاد قىل› دەپ بۇيرۇق قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى خالىغىنىنى قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدىغان ھوقۇقى يوق.»
       «كىشى ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتا تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.»
      «كىشىدە پەزىلەت ۋە ئېتقادلا بولىدىكەن، دوست-يارەنلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ، خوتۇن-بالىسى ۋە ئائىلىسى بولماي تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.»
    ھالبۇكى، سودىيەلەر سوقراتنىڭ گېپىنى زادىلا چۈشەنمىدى، چۈنكى ئۇلار سوقراتنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىنى يوقىتىشقا باراۋەر ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشىنەتتى. سوت كۆپ سانلىق بېلەتكە ئاساسەن ئەڭ ئاخىرى سوقراتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
       سوقرات ئۆلۈپ 10 نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىدىيىسى ئىلگىرىكىدىنمۇ كەڭ تارقالدى، پەلسەپىمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەبىئىيلا ئادەملەرگە، ئادەملەرنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قېزىشىغا، ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى.
        ئەپلاتۇن: كىشىدە ئىدىيە بولمايدىكەن، تىرىك مۇردىدىن پەرقى قالمايدۇ
         ئەپلاتۇن سوقراتنىڭ «ئەقلىيلىك» توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى راۋاجلاندۇدى، ئەقلىيلىكنى يەنىمۇ ئابىستىراكىتلاشتۇرۇپ «ئىدىيە» (idea) دەرىجىسىگە كۆتۈردى، يەنى ماددىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئەقلىي سۇبستانىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇ مۇتلەق بولىدۇ، دېدى.ئىدىيە بىلەن تاناسىپ تۇرىدىغىنى ھادىسىدۇر. ھادىسىلەر دۇنياسى پەيدا بولۇپ ۋى يوقىلىپ تۇرىدىغان ماددىي دۇنيا بولۇپ، تاناسىپ بولىدۇ. ئىدىيە-ئەسلى زاتتۇر، مەقسەتتۇر، ھادىسە ئىدىيە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئىدىيىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بىلىمىمىز بىزنى ئىدىيە تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ.
         ئىدىيە نەزەرىيىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئەقلىي روھنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۈكسەك بىر چوققىغا چىقاردى.
         1. جامائەت مەڭگۈ ئادەت كۈچى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك
     ئىچىدە ياشايدۇ
         ئەپلاتۇن بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى قاراڭغۇ «ئۆڭكۈر» گە، ئىدىيىنى بولسا ئاشۇ «ئۆڭكۈر» نىڭ سىرتىدىكى «قۇياش» قا ئوخشىتىدۇ. ئەپلاتۇن بۇ قاراڭغۇ«ئۆڭكۈر» نى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
       ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدە كىچىكىدىن مۇشۇ يەردە ياشىغان بىر توپ مەھبۇس بار ئىدى (نادانلىق ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغانىدى)، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن پۇتى باغلاغلىق بولۇپ، ماڭالمايتتى، ھېچقانداق مىدىرلىيالمايتتى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە نېمىشقا باغلاقتىن بوشىنىپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت كۈچىنىڭ ئاسارىتى تۈپەيلى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشنى خالىمايتتى.
        ئۆڭكۈردە ياشاش تولىمۇ قاباھەتلىك ئىش، لېكىن مەھبۇسلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق ئەمەس. بىر كۈنى، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن («ئەۋلىيا» سۈپەت قەھرىمان) مىڭ بىر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆڭكۈردىن سىرىتقا چىقىپ، قۇياش پارلاپ تۇرغان ھەقىقىي دۇنيانى كۆردى. ئەۋلىيا ھەمراھلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە يېنىپ كىردى، ھەمراھلىرىنىڭ مەسخىرە قىلىشى ۋە چەتكە قېقىشلىرىغا پەرۋ قىلماي ئۇلارنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن، ھەمراھلىرى ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىدا باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا زىنھار ئىشەنمىدى. ئاقىۋەت، بۇ ئەۋلىيا بىلىمسىز، يىرگىنىچلىك، تەرسا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
     قارىغاندا، كۈنبويى خىيالىي دۇنيادا ياشىغۇچى نادان كىشىلەرنى ھەقىقىي دۇنياغا يېتەكلەش ۋە ئۇنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
       2. ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ خوجايىنى
       ئەپلاتۇن مۇنداق قارايدۇ: كىشى ئۆزىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا شۇنداق ئادەم بولالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، شۇ كىشىدە نەپسىدىن كېلىۋاتقان ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك غەيرەت بولۇشى كېرەك. نەپس كىشى تۇغۇلۇشى بىلەنلا بار بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. لېكىن، كىشىنىڭ نەپسى ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلمەسلىكى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، كىشى ھەدېسىلا نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ئۆزىنى نەپسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن تارتىپ چىقىرالمايدۇ، بۇ چاغدا ئەقىل-ئىدراكمۇ شۇ نەپسنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، كىشى ئۆزىدە شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەرنى ھازىرلاپ، قىنىغا پاتمايۋاتقان قايناق ھېسياتى ۋە نەپسىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ يۈكسەكلىك ۋە ئاددىي مەقسەتلەر ئەقلىيلىكىنى ئەزەلدىن ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بولغاچقا، كىشى پەقەت ياخشى تەربىيە ئارقىلىقلا ئەقىل-ئىدراكنى ۋۇجۇدىدا قۇتراپ ئارام بەرمەيۋاتقان قايناق ھېسياتلىرى ۋە نەپسىگە ھۆكۈمران قىلالايدۇ، ئەنە شۇندىلا ئۆزىگە خوجايىن بولالايدۇ.
          
     ▲  ئارىستوتېل: ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا سىياسىي ھايۋان
    ئارىستوتېلنىڭ «ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا سىياسىي ھايۋان» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىدە ئېيتىلغان «سىياسىي»- شتاتلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنى، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئۆزى يالغۇز مۇستەقىل ياشىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت جەمئىيەت-دۆلەتتە ئورتاق بىر يەرگە يىغىلىش، توپلىشىپ ياشاش ئارقىلىقلا ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
       1. خەير-ساخاۋەت، بايلىق، سالامەتلىك ۋە دوستلۇقنىڭ ئۆزى بەخت دېمەكتۇر
    ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، بەخت ئۈچۈن يېتەرلىك ماددىي ئاساس بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولۇش، تەرقى-تۇرقى جايىدا بولۇش، تەلەيلىك بولۇش ۋە ئەتراپىدا ياخشى دوستلىرى بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، تاشقى ۋە ماددي ياخشىلىق پەقەت ئۇنىڭ پاسسىپ شەرتىدۇر. مەسىلەن، ئاغرىپ قالغاندا سالامەتلىكنى، يوقسۇل چېغىدا بايلىقنى بەخت ئورنىدا كۆرۈش دېگەندەك. توختىماي ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك قوغلىشىدىغان، يەنى «گۈزەل تۇرمۇش» ۋە «ياخشى خۇلق» قا ئىنتىلىدىغان ھەم ئاشۇنداق قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا جىمى ئادەملەرنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالىغان كىشى ھەققىي بەختلىك كىشىدۇر.
       ھالبۇكى، بىز شۇم قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندىمۇ بەختكە ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى، روھىمىز ھەقىقىي تاۋلانغان بولسا قايغۇ-ھەسرەتنى ھېس قىلالمايدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەختتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەزىدە بەختتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقمۇ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. دۇرۇس نىيەت بىلەن ئىش كۆرگەندە، يېتەرلىك بايلىققا ئىگە بولغان، تىنى ساغلام ۋە ئەتراپىدا دوست-يارەنلىرى بولغان (بۇلار ئۇنىڭغا تاسادىپىيلا يار بولۇپلا قالماستىن، مەڭگۈ ئاشۇنداق يار بولغاي) كىشىلەرلا ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر.
     ئارىستوتېل يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئالىيجاناپلىق ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئەمەس، ئۇ يەنە باشقا مەقسەتلەرنى مەقسەت قىلىدۇ. ئالايلۇق، كىشىلەر شان-شۆھرەت ۋە بايلىققا بەك ئىنتىلىدۇ. ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شان-شۆھرەت ۋە بايلىققا شۇنچە ئىنتىلىدۇ؟ جاۋاب شۇكى، شان-شۆھرەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن. شۇڭلاشقا، شان-شۆھرەت بىلەن بايلىقنى ئاخىرقى مەقسەت دېيىشكە بولمايدۇ، پەقەت بەختكە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئاخىرقى مەقسەتكە يەتكەنلىك بولىدۇ.
        2. «ئوتتۇرا ھاللىق» نى ساقلاش: لايىقىدا ياشاشنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت
        ئارىستوتېل تۇرمۇش ھەققىدە ئاددي بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشتا بەك «زىيادە» لىكنى قوغلاشماسلىق ھەم بەك «ئارقىدا قالماسلىق» تۇر. مانا بۇ- دائىم دېيىلىدىغان، ئارىستوتېل تەشەببۇس قىلغان «ئوتتۇرا يول»دۇر.
       ئارىستوتېل «گۈزەل خۇلق دېگەن نېمە» دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «پەزىلەت- ھېس تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتنى  تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. زىيادە چەكلىۋېتىش خاتا، چەكلىمەي ئەركىگە قويۇۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس، شۇڭا لايىقىدا تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەڭ توغرا ھەم مەدھىيلىكتۇر. كۆڭلى خالىغان ئىشلاردا ئوتتۇرا يول تۇتالىغان كىشى پەزىلەتلىك كىشىدۇر.»
       ئالايلۇق، باتۇرلۇق- ئوتتۇرا يول تۇتۇش دېمەكتۇر، شۇڭلاشقا بۇ گۈزەل پەزىلەت قاتارىدا سانىلىدۇ. باتۇرلۇقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قاراملىقتۇر. لېكىن، شىجائەتسىزلىكنىڭ ئۆزى قورقۇنچاقلىقتۇر. پەزىلەتمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەك، ئەگەر زىيادە بېسىلسا نەپس تۇنجۇقۇپ قالىدۇ؛ زىيادە مەيلىگە قويۇۋېتىلسە شەھۋەتپەرەسلىك باش كۆتۈرىدۇ. مال-دۇنيا مەسىلىسىگە كەلگەندە سېخىيراق بولۇشنىڭ ئۆزى پەزىلەت، لېكىن زىيادە سېخىيلىق -بۇزۇپ چېچىش، ئىسراپخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە بولسا پىخسىقلىق، كۆزى كىچىكلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
       ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، جىمى ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتتە ئوتتۇرا يول تۇتۇپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىدىنلا رەزىللىك، يەنى يامان غەرەز، نومۇسسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، ئوغرىلىق، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك قىلمىشلار ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر زىيادە بولۇپ كەتكەنلىى ياكى زىيادە بېسىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئەسلىدىنلا رەزىل قىلمىش بولغاچقا تەنقىدكە دۇچ كېلىدۇ.
        
    ▲  ئېپىكۇر: ياشىسام، كۈلسەملا بولدى
        ئېپىكۇر كىشىلىك ھايات مەسىلىسىدە ھاياتنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنىلا تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، شەخسى تۇرمۇشنىڭ ئىجتىمائىي رېئال ئارقا كۆرۈنۈشىگە سەل قارىغان. لېكىن، كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنى تەن ۋە روھنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ لايىھىلەشكە زېھنىنى بەكرەك قاراتقان.
       1. ھاياتنىڭ ھوزۇرى: تەن ئازابلانسا، روھ خاتىرجەم بولىدۇ
        ئېپىكۇر ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: تۇيغۇنى جىمى ياخشىلىقلارنى ئايرىيدىغان ئۆلچەم قىلىش كېرەك. كىشىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان نەرسە ياخشى نەرسىدۇر، ئۇنداق بولمىسا يامان نەرسىدۇر.
    ھېس-تۇيغۇ ئەڭ سوبيېكتىپ، ئەڭ خاسلىققا ئىگە نەرسىدۇر، ئۇ ناھايىتى قىسقىلا داۋام قىلىدۇ. ھېس-تۇيغۇنى كىشىلىك ھايات نەزەرىيىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىش بىر دەۋردىكى ئىدراكنىڭ گۇڭگىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئىدراكتا ئۆزىگە تالىق مەقسەت-مۇددىئالار قالايمىقان بولغاچقا، تۆۋەنلەپ-تۆۋەنلەپ ئاخىر بېرىپ سۇبيېكتىپ ھۇزۇردىن ئىبارەت بۇ خىل ھېس-تۇيغۇنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىدراكتا تاللاش بولىدۇ، لېكىن ئۇ ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولىدۇ.
       ئېپىكۇر: «تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ھۇزۇر ئەمەس، بەلكى تەننىڭ ئازاپلانماسلىقى، روھنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئەڭ زور ھۇزۇردۇر» دەپ ھۇزۇرغا ئېنىق چەك بېكىتىپ بەرگەن.
       ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ: ئەگەر تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش بىراۋغا ئازابلىرىىنى ئۇنتۇلدۇرسا، ھۇزۇر ئاتا قىلسا، ئۇنداقتا تەننى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ياخشى ئىشتۇر. بۇ شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ياخشى ۋە يامان مەسىلىسىدە ئېپىكۇر شەخسىي ھۇزۇرنى كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىدىن، كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر بۈيۈك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش ھەتتا جان تەسەددۇق قىلىشتەك قەھرىمانە ئىش-ھەرىكىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. بۇ خىل تەلىمات نوقۇل ھالدىكى شەخسىي ھايات بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
       2. نەپسى يامانلىق: ئالەمنى گۇمران قىلىدۇ، ئۆمۈرنى
    قىسقارتىدۇ
         كىشىنىڭ روھى نېمە ئۈچۈن ئارام تاپالمايدۇ، ساراسىمگە چۈشىدۇ؟ ئېپىكۇر مۇنداق قارايدۇ: ئىككى نەرسە روھنى ئارام تاپقۇزمايدۇ. بىرى، ئاسمان ھادىسلىرى مۇقەددەس دەيدىغان كۆز قاراش؛ يەنە بىرى، ئۆلۈم كۆز قارىشى.
    مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆلۈم ئالدىدا ۋەھىمىگە چۈشۈپ تىتىرمەيدىغان ئادەم يوق. ئېپىكۇر مۇنداق دەپ قارايدۇ: بۇ ۋەھىمە كىشىلەرنىڭ نەپسى بېسىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەر قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئاينىڭ پېتىشى ۋە يۇلتۇزلار ھەرىكىتىدىن ئاسمان ھادىسىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىشىدۇ، نەتىجىدە ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاسمان ھادىسلىرىدىن ۋەھىمىگە چۈشىدۇ، روھىي خاتىرجەملىكىنى يوقىتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئېپىكۇرنىڭ ئاتوم نەزەرىيىسى پەلسەپىسى كىشىلىك ھايات ساھەسىگە سىڭىپ كېرىپ، كۆپچىلىكنى «ئاسمان ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتومدىن تۈزۈلگەن، ھېچقانداق مۇقەددەس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئالەمدە مەڭگۈلۈك مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس، دۇنيانى گۇمران قىلىۋەتكىلى بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمگە قايىل قىلغان.
       ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق ۋەھىمە قارشى تەرەپنىڭ سىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ياشاش داۋامىدا ئەقىل-ئىدراكنى چېنىقتۇرۇشى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنى، سەۋەبنى تېپىپ چىقىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بۇ، كىشىنىڭ قەلبىنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى.
     بىر نۇقتىنى توغرا تونۇۋېلىش كېرەككى، ئەقىل-ئىدراكنى چېنىقتۇرۇش بىزگە ھايات بولغانىكەن، .ئۆلۈمنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى ئۆگىتىدۇ. بىز ئۇزۇنراق ياشىسامكەن دېگەن ئوي بىلەن ئەمەس، بەلكى تويماس نەپسىمىزنى تىزگىلەش ئارقىلىقلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. كىشى ئەنە شۇندىلا ئۆلۈمدىن ۋەھىمىگە چۈشمەيدىغان بولىدۇ.
       3. ئۆلۈم ھەققىدە ئېغىز ئاچما: ئۆلۈمنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق
       ئېپىكۇر ئۆلۈم ھەققىدە مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن:
       «تىرىك چېغىمىزدا ئۆلۈم تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولىدۇ؛ ئۆلۈم كەلگەندە بىز ئاللىقاچان بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولىمىز. شۇڭا، ئۆلۈم تىرىككىمۇ، ئۆلۈككىمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز.»
    ئەمىسە، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئۆلۈم ئالدىمىزدا بولمىسا، بۇنىڭ قورققۇدەك يەنە نېمىسى بار؟ كىشىنىڭ قورقىدىغىنى كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆلۈمدۇر. مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈش ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك.
       ئەينى چاغدا مۇنداق بىر كەيپىيات باش كۆتۈرگەن: ئادەم تىرىكلا بولىدىكەن قايغۇ-ھەسرەتتىن نېرى بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، يەكۈن شۇكى، ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ تۇغۇلمىغىنى تۈزۈك، ئەنە شۇندىلا قايغۇ-ھەسرەتتىن بىر يولىلا خالاس بولىدۇ.
       ئېپىكۇر شۇنداق دېگۈچىلەرگە مۇنداق سوئال قويىدۇ: ئەگەر ئۇلار شۇ زاكۇنغا راستىنلا ئىشەنسە، ئەمىسە نېمىشقا ھاياتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ؟ ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: كىشى ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى ھەم ھاياتتىنمۇ بىزار بولماسلىقى كېرەك. ئېپىكۇرنىڭ قارىشىچە، ياشاشنىڭ مەقسىتى خۇشال پەيتلەردىن بەھرە ئېلىشنى ئىستەش، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئىنتىلىش ئەمەس. چۈنكى مەنىسىز 100 يىل ياشىغاندىن، مەنىلىك بىر كۈن ياشىغان ئەۋزەل.


        تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات
                            گۈلنۇر ئەرشىدىن 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.