بۇ دۇنيادا ياشاش بۇيسۇنۇشتىن دېرەك بىرەمدۇ؟(ئابدۇخېلىل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 23:04:32

بۇ دۇنيادا ياشاش بۇيسۇنۇشتىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ئابدۇخېلىل ئادەم چوڭ بولغانسىرى نۇرغۇن ئىشلاردىن قورقىدىغان،نۇرغۇن ئىشلاردىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ كىتىدىكەن،ۋۇجۇدىنى نۇرغۇن ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ن...

     بۇ دۇنيادا ياشاش بۇيسۇنۇشتىن دېرەك بىرەمدۇ؟

    ئابدۇخېلىل

     

      ئادەم چوڭ بولغانسىرى نۇرغۇن ئىشلاردىن قورقىدىغان،نۇرغۇن ئىشلاردىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ كىتىدىكەن،ۋۇجۇدىنى نۇرغۇن ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەر ئىگەللىۋالىدىكەن.
    بۇنداق كىتىۋەرسە ئادەمنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتى يوقاپ كىتىدۇ،مەن نۇرغۇن ئىشلاردا قۇربان بەرسەم بولىدۇ،لىكىن ئازاپلانسام،پۇشايمان قىلسام بولمايدۇ،چۈنكى پەقەت گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆزىگە يۈز كىلەلمىگەن ئادەم ئازاپلىنىدۇ...
    بۇنىڭدىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئادەمنىڭ كۆزىگە چوڭقۇر تىكىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلىمەن،بۇنداق قىلىش كىشلەردە بىرخىل تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

       ھاياتىنىڭ خۇددى گۈلگە ئوخشاش ئىچىلىشىنى ياخشى كۆرىمەن،بىرەر قىتىم ئىچىلالماي،ئاشۇ تۇپراقنىڭ ئاستىغا سىڭىپ كىتىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن،بۇ خۇددى بۇ دۇنياغا كەلمىگەن بىلەن باراۋەر،بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى باشقىلارغا نامايەن قىلالمىغاننىڭ نىمە لەززىتى ؟بۇ خۇددى ئىچىلماي تۇرۇپ توزۇپ كەتكەن گۈلگە ئوخشاشدۇ،ئاشۇ ئاجىز گۈل جىنىدا بىر قىتىم ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئالەمگە نامايەن قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى چىكىدىغۇ؟گەرچە ئىنسانلار ئىنسانلار ئۇنى كۆرسۇن كۆرمىسۇن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى نامايەن قىلىدۇ،ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ خۇددى ئاشۇ ياز پەسلىدىكى گۈلگە ئوخشاشدۇ،سىز ئۆمرىڭىزدە بىرەر قىتىم ئۆزىڭىزنى خەلق-ئالەمگە نامايەن قىلالمىسىڭىز،سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ نىمە مەنىسى؟

       ياشاش ھەرگىزمۇ بويسۇنۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ؟سىز ناۋادا ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قالسىڭىزمۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بويسۇنماڭ،چۈنكى سىز بىر قىتىم بويسۇنسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىر مەڭگۈلۈك داغقا ئايلىنىدۇ،سىز ئۇنى مەڭگۈ يۇيالمايسىز،كىيىنچە سىزنىڭ ئەۋلاتلىرىڭىز بىلىپ قالسىمۇ سىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس..
    لىكىن سىز قۇربان بەرسىڭىز بولىدۇ،ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقىت بىھۇدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قۇربان بەرسىڭىز بولىدۇ،بەدەل تۆلىسىڭىز بولىدۇ،چۈنكى ھەممىگە ئۆزىڭىز سەۋەپچى،كىم سىزنى تىرىشمىسۇن دەپتۇ،كىم سىزنى ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزسۇن دەپتۇ؟ھاياتىڭىزنى ئاشۇنداق ئۆتكۈزسىڭىز بەدەل تۆلەيسىز،ئارقىدىن باشقىلارغا بويسۇنسىڭىز خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەن ھىساپلىنىسىز....
    خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار،ئازمايدىغان كىم بار،سىز خاتالىق ئۆتكۈزگەنگە باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرمايسىز،پەقەت باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى پەس قىلغاندا ھەقىقى خارلىنىسىز..

    بۇ دۇنيا تىخى ئۇزۇن جاھان،سىز ئىشنى قايتا باشلىسىڭىز بولىدۇ،...مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقى ئىسللىكىڭىز ھىسابلىنىدۇ..

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.