غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(1)-تاھىر ھامۇت

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-28 23:58:00

ئىزاھات:ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ،ماتىماتىكا ئالىمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق يازغۇچى،خەلقئارالىق مەشھۇر شەخس بېرتراند رۇسسېل (,1872-1970 Bertrand Russell )نىڭ « غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى »...

        ئىزاھات:ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ،ماتىماتىكا ئالىمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق يازغۇچى،خەلقئارالىق مەشھۇر شەخس بېرتراند رۇسسېل (,1872-1970 Bertrand Russell )نىڭ    « غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى »(1959) ناملىق بۇ ئەسىرى ئۇنىڭ « غەرپ پەلسەپە تارىخى »(1955)   ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن يېزىلغان،شۇنداقلا غەرپ پەلسەپە تارىخى ئىخچام،مېغىزلىق ۋە قىزىقارلىق بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، پەلسەپىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر كىتاپخانلارنىڭ غەرپ پەلسەپىسىنى چۈشىنىشىگە ئاز-تولا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن،«ئىجادىيەت» مۇنبىرىدە بۆلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ.بۇ كىتاپ سودا نەشرىياتىنىڭ 1999-يىل 3-ئاي 1- نەشرى 1- باسمىسى ۋە دۇنيا بىلىملىرى نەشرىياتى 1992-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 9-ئاي 2-باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.                                                               تاھىر ھامۇت

    « غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى »

    (1) ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش
    بېرتراند رۇسسېل ( ئەنگلىيە )
    تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

     كىرىش سۆز   

       ئالېكساندىرىيىلىك شائىر كاللىماكۇس(Callimachus):« بىر چوڭ كىتاپ ـــ بىر زور ئاپەت » دېگەنىكەن. بۇ كۆزقاراشقا مەن ئاساسەن قوشۇلىمەن.شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ كىتاپنى ئۆقۇرمەنلەرگە ئىككىلەنمەي سۇنالىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ كىتاپ ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەت ناھايىتى كىچىك بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ،شۇنى ئالاھىدە چۈشەندۈرۈشۈم زۆرۈركى،بۇرۇن مەن مۇشۇ كىتاپنىڭ تېمىسى بىلەن ئوخشاش تېمىدا بىر كىتاپ يازغانىدىم.بىراق « غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى » يېڭىچە بىر ئەسەر.ئەلۋەتتە مېنىڭ «غەرىپ پەلسەپە تارىخى »دېگەن كىتابىم بولمىغان بولسا،بۇ كىتاپمۇ بولمايتتى،بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇ كىتاپتا تالېستىن ۋىتگېنستېينغىچە بولغان غەرپ پەلسەپىسى قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ،شۇنداقلا يەنە ئاشۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ئەھۋاللار ئىخچام سۆزلىنىدۇ.بايان قىلىشقا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، مەن بىر قىسىم شەخسلەر،جايلار ۋە ھۆججەتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى يىغىپ كىرگۈزدۈم.تاللانغان مۇشۇ سۈرەتلەر،ئىمكان بار ئاشۇ سۈرەتلەردە ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلاردا بايان قىلىنغان دەۋرلەردىن ئېلىندى.
        ئەڭ مۇھىمى،مۇمكىن دەپ قارىساملا، ئادەتتە يېزىق ئارقىلىق بايان قىلىنىدىغان پەلسەپىۋى ئىدىيىلەرنى شەكىل- نۇسخىلارغا ئايلاندۇرۇپ، گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەردىن ھاسىل بولغان ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئوخشاش بىلىملەرنى يەتكۈزۈشكە ئۇرۇندۇم. بۇنداق قىلىش ئۇنچىۋالا ئىشەنچلىك ئەمەس،شۇڭا ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ھامان ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.بىراق بۇخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە يەنىلا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە مەسىلىلەرنى شەكىل-نۇسخىلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى،ئۇ مەلۇم خىل تىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.     پەلسەپە تارىخىغا ئائىت يەنە بىر كىتاپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشكە تېگىشلىك مۇنداق ئىككى نۇقتا بار؛بىرىنجىسى،ئىخچام ھەمدە ئەتراپلىق يېزىلغان پەلسەپە تارىخى ناھايىتى ئاز.ئەلۋەتتە پەلسەپە تارىخىغا دائىر نۇرغۇن كىتاپلار بار،ئۇلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ،ھەر بىر تېما توغرىسىدىكى سەھىپىلىرىمۇ مېنىڭ بايانلىرىمدىن جىق كۆپ.ئېنىقكى،بۇ كىتاپ ھەرگىزمۇ ئاشۇ كىتاپلار بىلەن رىقابەتلەشمەكچى ئەمەس.پەلسەپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەرقانداق بىر ئادەم ۋاقتى كەلگەندە ئەلۋەتتە ئاشۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىدۇ،ھەتتا ئەسلى ئەسەرلەرنى تېپىپ ئوقۇشىمۇ مۇمكىن.ئىككىنجىسى،نۆۋەتتە مەخسۇس تەتقىقات بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى،بۇنىڭ بىلەن بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىلىم جەھەتتە بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. بۇ كىتاپنىڭ مەقسىدى دەل مۇشۇ خىل ئۇنۇتقاقلىققا دەككە بېرىشتىن ئىبارەت.ئەستايىدىل ئېيتقاندا،پۈتكۈل غەرپ پەلسەپىسى دەل گرىك پەلسەپىسىدۇر.بۇرۇنقى بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى باغلىنىشنى يوققا چىقىرىپ تۇرۇپ، پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئىچىگە كىرىپ كېتىش ئەھمىيەتسىز ئىش. ئىلەىرى بەزىلەر پەيلاسوپ بولغان ئادەم ھەممە نەرسىدىن ئانچە-مۇنچە  خەۋەردار بولغىنى ياخشى، دەپ قاراشقانىدى، بۇنداق تەشەببۇس توغرا بولمىسا كېرەك. پەلسەپە پەلسەپە بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،پەيلاسوپ ھېچنىمىنى بىلمىسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغان ھازىرقى مودا كۆزقاراش شەكسىز خاتا.پەلسەپە «ئەمەلىيەتتە»1921-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال باشلانغان،دەپ قارىغۇچىلار ھازىرقى پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولمىغانلىقىنى،شۇنداقلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن بولسا كېرەك.شۇ سەۋەپتىن، بۇ كىتاپتا گرىك پەلسەپىسى كۆپرەك بايان قىلىندى. بۇ نۇقتىنى ئاقلاپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز.     پەلسەپە تارىخىنى بايان قىلىشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرى،ساپ تەسۋىرلەش،يەنى،بىر ئادەمنىڭ نېمە دېگەنلىكى، ئۇ ئادەمنىڭ تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈش .يەنە بىرى،بايان بىلەن مۇلاھىزىنى كىرىشتۈرۈپ، پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەرنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش.بۇ كىتاپتا ئىككىنجى خىل ئۇسۇل قوللىنىلدى.قوشۇمچە ئىزاھلاشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۇشۇ تۈپەيلىدىن كىتاپخانلار مەلۇم بىر پەيلاسوپنىڭ ئىدىيىلىرىنى بۇ كىتاپتىن تولۇق تاپالمىغانلىقى ئۈچۈنلا،ئاشۇ پەيلاسوپنى مۇھىم ئەمەس ئوخشايدۇ،دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەك.كانت باشقىلارنىڭ ئۆزىگە رەدىيە بېرىشىدىن ئانچە قورقمايدىغانلىقىنى،بەلكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. بىز پەيلاسوپلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويساقمۇ كېچىكمەيمىز.بىراق يەنىلا ئېتىراپ قىلىش كېرەككى،سەرپ قىلىنغان كۈچ بىلەن ئېرىشىلگەن ھەقىقى چۈشەنچە دائىم ئوڭ تاناسىپ بولىۋەرمەيدۇ.بۇ بىر ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسى،ئۇ ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
          بۇ كىتاپنىڭ تېما دائىرىسى ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلى مېنىڭ بۇرۇن يازغان ھېلىقى كىتابىمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.يېڭى ماتېرىياللار جەھەتتە مەن مۇھەررىر پائۇل فولكېسPaul Foulkes  دوكتۇرنىڭ زور ياردىمىگە ئېرىشتىم؛ ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ كىتاپنىڭ تېكىستىنى يازدى،نۇرغۇن قىستۇرما سۈرەتلەرنى تاللىدى ھەمدە كۆپلىگەن شەكىل-نۇسخىلارنى لايىھىلىدى .بۇ كىتاپنىڭ مۇددىئاسى پەيلاسوپلار مۇلاھىزە قىلىدىغان بەزى ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى سۈرەتلەشتىن ئىبارەت.ئەگەر بۇ كىتاپ كىتاپخانلارنى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قىزىقتۇرۇپ،تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە يېتەكلىيەلىسە بۇ كىتاپنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.                                                            

     بېرتراند رۇسسېل

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 18:30:53][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 18:31:35]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.