بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-03 01:36:57

بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر؛ مۇھەببەت نەپرەتكە قارىغاندا ئاقىلانىلىقتۇر. ـــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن قەبرە باقىدىغان بىر كىشى ھەر ھەپتىسىگە 50 دوللار پۇل ب...



     

    بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر
      بېرىش ئېلىشقا قارىغاندا بەختتۇر؛ مۇھەببەت نەپرەتكە قارىغاندا ئاقىلانىلىقتۇر.   ـــ  يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن

      قەبرە باقىدىغان بىر كىشى ھەر ھەپتىسىگە 50 دوللار پۇل بىلەن «مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغلۇم خاررىنىڭ قەبرىسىگە مېنىڭ ئۈچۈن گۈل قويۇپ قويسىڭىز» دېگەن مەنىدە «بىچارە موماي» دەپ ئىمزا قويۇلغان بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. ئۇ، ھەر قېتىم خەت ۋە پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خەتتە دېيىلىگىنى بويىچە خاررىنىڭ قەبرىسىگە گۈل دەستە قويىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى «بىچارە موماي»قەبرىستانلىققا كەپتۇ. بىراق ئۇ ماشىنىدىن چۈشمەپتۇ.
       شوپۇر چۈشۈپ: ــ ئوغلىنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويۇشنى ھاۋالە قىلغان «بىچارە موماي»مۇشۇ ئايال بولىدۇ، ــ دەپتۇ ئۇ قەبرە باققۇچىغا، ــ ئۇنىڭ سىزگە دەيدىغان گەپلىرى بار ئىدى، خاپا بولماي ماشىنىنىڭ يېنىغا بارغان بولسىڭىز، چۈنكى ئۇ ماڭالمايدۇ.
       قەبرە باققۇچى شوپۇرنىڭ كەينىدىن ماشىنىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ياشىنىپ، كېسەلمەن بولۇپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئېسىلزادىلەرگە خاس  چىرايىدىن بىر خىل چۈشكۈنلۈك ۋە ئاغرىق ئازابى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
        ــ سىزگە خەت يازغان ئايال مەن بولىمەن، ــ دەپتۇ ئۇ، ــ ئۆزۇندىن بۇيان سىزنى جىق ئاۋارە قىلدىم.
        ــ ھاۋالىڭىزنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ تۇردۇم خانىم، ــ دەپتۇ قەبرە باققۇچى.
        ــ رەھمەت سىزگە، ــ دەپتۇ ھېلىقى ئايال مىننەتدارلىق بۈلدۈرۈپ، ــ دوختۇر يەيدىغان رىزىقىمنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى ئىدى. بىراق، ئۆلۈپ كەتسەم رەھمەتلىك ئوغلۇمنىڭ قەبرىسى گۈلسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلىساملا پۇچۇلىنىپ كېتىمەن.
       بۇنى ئاڭلىغان قەبرە باققۇچى، ھېلىقى ئايالدىن سوراپتۇ:
        ــ خانىم، سىز دارىلئېتامغا بېرىپ باققانمۇ؟ ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى قارا يېتىملار.
        ــ دارىلئېتام؟
        ــ شۇنداق، ـ دەپتۇ قەبرە باققۇچى،
        ــ ئېغىز غېرىچلاپ قويغانلىقىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ خانىم. بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلەر. ئۇلارغا گۈل دېگەننى تاغدەك دۆۋىلەپ بەرسىمۇ، ئۇلار، ھاياتلىقنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرى بىلەن خوشاللىقلىرىنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇڭا قەبرىگە قويغان گۈلنى تىرىكلەرگە سۇنساق نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ـ ھە!
        بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان «بىچارە موماي» بىر ھازاغىچە گەپ ـ سۆز قىلماي تۇرۇپ قاپتۇ ۋە شوپۇرغا «قېنى ماڭايلى»دەپتۇ.
        ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى «بىچارە موماي»قەبرە بېشىغا تۇيۇقسىزلا پەيدا بوپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ كەلگەنىكەن. گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بۇ موماي، ماشىنىدىن چەبدەسلىك بىلەن چۈشۈپ، قەبرە باققۇچىغا شۇنداق دەپتۇ:
        ــ سىزنىڭ تەكلىپىڭىزدىن مۆجىزە يارالدى. پۇللىرىمنى دارىلئېتامغا ئىئانە قىلىۋىدىم، يىتىملارنىڭ ئېچىلىپ كەتكەن چىرايى مېنى ھاياجانغا سالدى؛ ئۆزۈمنىڭ يەنە ئاز ـ تولا كارغا كېلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ساۋابلىق ئىشىم بىلەن ئاخىرى پۇتۇممۇ ساقايدى.
        يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ:
    مال ـ دۇنياغا توغرا مۇئامىلە قىل؛ پۇلنى لازىملىق يەرگە ئىشلەت. شۇنداق قىلساڭ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى ھېس قىلالايسەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.