ئويلىنىش(سېنېكا)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 17:26:46

ئويلىنىش سېنېكا(قەدىمكى رىم)ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى تۇرمۇش دېگەن راھەت - پاراغەتلىك ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلغان يولدۇر. ئادەم تۇرمۇشقا گويا سەپەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئ...

    ئويلىنىش

    سېنېكا(قەدىمكى رىم)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

       تۇرمۇش دېگەن راھەت - پاراغەتلىك ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلغان يولدۇر.
       ئادەم تۇرمۇشقا گويا سەپەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى  كېرەك. تۇرمۇشتا خىلمۇ خىل ئىشلار ساڭا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. خىلمۇ خىل ئىشلار ساڭا زەربە بېرىدۇ. سېنى نىشانىڭدىن ئازدۇرىدىغان نۇرۇن ھارغىنلىق ۋە بىكارلىق نەرسىلەر يول بويىدا ئۇچراپ قالىدۇ.

        تۇرمۇش دېگەن راھەت - پاراغەتلىك ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلغان يولدۇر. سەن مۇشۇ يولغا قەدەم باسقانىكەنسەن، سەندە تېيىلىپ كېتىش، يىقىلىپ چۈشۈش ۋە زەربىگە ئۇچراش تەييارلىقلىرى بولۇشى كېرەك. سەن بىر جايدا بىر ھەمراھىڭ بىلەن خوشلىشىسەن، يەنە بىر جايدا يەنە بىر ھەمراھىڭنىمۇ كۆمۈپ قويىسەن، يەنە 3 - بىر جايدا بىر ھەمراھىڭدىن قورقىسەن، مانا بۇلار ئوڭغۇل - دوڭغۇل كەلگەن تۇرمۇش سەپىرىڭدە دۇچ كېلىدىغان ئىشلاردۇر.

        ئۆلۈشنى ئويلامسەن؟ ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈڭنىڭ تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.
        بوران چىقىپ، چاقماق چېقىۋاتقان جايغا قەدەم باسقانلىقىڭنى تونۇپ يەتكىن، ئۇ يەردە قايغۇ - ئەلەم، ئۆچەكەشلەر ۋە غەم - ئەندىشىلەر ساڭا  جاي راسلاپ قويغان بولىدۇ، تاتىرىپ كەتكەن كېسەللىك ۋە مىسكىنلىك بىلەن تولغان قېرىلىق سېنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. مانا بۇلار ئۆمۈر بويى بىللە بولىدىغان ھەمراھلىرىڭدۇر، ئۇلاردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرالمايسەن، سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدىغىنى ئۇلارغا پىسەنت قىلماسلىقتىن ئىبارەت.

        ئىلگىرى ماڭغان يولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىكى يولۇڭنى مۆلچەرلەيسەن، ئۆتمۈش ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئويلىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلەيسەن. كىشىلەر خېلى بالدۇرلا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولغاچقىلا تۈرلۈك جاپا - مۈشكۈللەرگە، ھەتتا باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغان ئىشلارغا نىسبەتەنمۇ  توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، تەييارلىقسىز تۇرغان ئادەم مۇھىم بولمىغان ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىن قورقۇپ يۈرەكئالدى بولۇپ كېتىدۇ. يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىش  بىزنى ھەيرانۇ - ھەس قالدۇرالمايدىغان دەرىجىدە بولالىشىمىز كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.