ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت(ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 00:01:54

ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەتئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ئادەتتە نورمال ئىنسان ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق مۇھىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىدا بولىدۇ. بۇ ئارزۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن تۇغۇلى...

    ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت
    ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

       ئادەتتە نورمال ئىنسان ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق مۇھىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىدا بولىدۇ. بۇ ئارزۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن تۇغۇلىدۇ. ئىنسان بەزىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا ئىرادىلىك كۆپلەردە مەغلۇبىيەت ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، غالىبلارغا ئايلىنىش ئىستىكى كۈچىيىدۇ، ياشاش، ياشىغاندىمۇ نەتىجىلىك ياشاش ئىرادىسى چىڭىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەقىل – پاراسەتتە ھەرىكەت قىلىپ نەتىجە قازىنىدۇ. بۇنداق ئاكتىپ ئايلىنىشنى كىشىلەر«مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى»دەپ تەرىپلەپ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىشىدۇ. خوش، بۇ قاراش مۇتلەقمۇ؟ مېنىچە«مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى»بولۇشىمۇ – بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەگەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغۇچى مەغلۇپ بولۇشىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى سوغۇققانلىق بىلەن يەكۈنلىيەلىسە، كېيىنكى قەدەمنى غەيرەت – شىجائەت بىلەن توغرا ھەم ئوڭۇشلۇق باسالىسا «مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى» بولالايدۇ. ئەكسىچە، مەغلۇبىيەتچى مەغلۇپ بولۇشىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل، ئىلمىي يەكۈنلىمەي، قارىغۇلارچە ئىش قىلسا، يەنە مەغلۇپ بولۇشى چوقۇم. بۇ چاغدا «مەغلۇبىيەت مەغلۇبىيەتنىڭ ئانىسى»غا ئايلىنىدۇ، خالاس. شۇڭا بۇ نەزەرىيىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.
     
    تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، «مەغلۇبىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى»غا ئايلىنىشىدىن كۆپرەك «مۇۋەپپەقىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى»غا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇنى ئادەتتە ناچار مۇھىتتىمۇ تۇنجى بالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتارغا قوشقان يېزا ئاياللىرىنىڭ كېيىنكى بالىلىرىنىمۇ شۇ ئۇسۇل بويىچە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك مۇۋەپپەقىيىتىدىن، كەشپىياتچىنىڭ تۇنجى كەشپىياتىدىن كېيىن يەنىمۇ غەيرەتلىنىپ نۇرغۇن كەشپىياتنى ياراتقانلىقىدىن، تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان يازغۇچىنىڭ بارغانچە ئىلھاملىنىپ، بىرى – بىرىدىن ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ جەمئىيەتكە تونۇلۇش جەريانىدىن، قىسقىسى، غەلىبىدىن غەلىبىگە، يەنە غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش، سودا، خىزمەت، ئوقۇش، تەتقىقات، ئىجادىيەت – كەشپىيات ئەمەلىيىتىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

    مەلۇمكى، ھېچكىمدە تەكرار ياشاش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن ھاياتنىڭ قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق بايلىق بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى، ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەنە شۇ چەكلىك، قىممەتلىك ھاياتتا ئىنساننىڭ ئۆزى ئۆزىنى نامايان قىلىپ، مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان ھاياتلىق ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە كىمنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسى قانچە كۈچلۈك بولسا، شۇنچە كۆپ غەلىبە قىلىدۇ، قانچە ئاجىز بولسا، شۇنچە ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت ھەركىمنىڭ ياشاش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلىنىش شەكلى بىلەن تەكرار غەلىبە قىلىش ياشاش ئىرادىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، تەكرار مەغلۇپ بولۇش، ھەتتا گاڭگىراش بىپەرۋا، ئىش خۇشياقماس تىرىكتاپلارنىڭ ياشاش ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

    ھەركىم تىرىشسىلا، ئۆزىنىڭ ياشاش ئىرادىسى تەمىن ئەتكەن كۈچ – قۇدرەت ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرالايدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، ھەممەيلەننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قانداقتۇر ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، زەردارلار... نىڭلا پاتېنتى ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇتلەق ئۆلچىمى بولمايدۇ، ئۇنىڭ مەنە دائىرىسى تولىمۇ كەڭ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەجىر – مېھنىتى سىڭگەن چوڭ – كىچىك ئىشلاردا ئېرىشكەن نەتىجىسىنى مۇۋەپپەقىيىتىم، دەپ ھېسابلىسا بولۇۋېرىدۇ. شۇ مەنىدىن ھەركىمنىڭ تۇرمۇش قامۇسى نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت، مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ھەربىر كىشىنىڭ خاس سالاھىيىتىگە قاراپ ياشىشى ھەمدە ئۆز ساھەسى بويىچە ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، ئائىلە تۇرمۇشى، ئەۋلاد تەربىيىسى، ئادەمگەرچىلىك دەرىجىسى، ئەخلاق – پەزىلىتى، غۇرۇر – ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويماسلىقى....لاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، بىرەيلەن دۇنياۋى ئالىم بولسىمۇ، ئەخلاق – پەزىلىتى ناچار بولسا، ئەل – ۋەتەن، يۇرت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى، دېگىلى بولمايدۇ. ئادەم ھامان ئادىمىيلىكى بىلەن ئۇلۇغ، سۆيۈملۈكتۇر.

    دەرۋەقە، مەغلۇبىيەت بىزنى تەجرىبە – ساۋاق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلىم – پەن، سانائەت تارىخى، ئەمەلىيەتتە، تالاي – تالاي مەغلۇبىيەتلىك تەجرىبە، مەغلۇبىيەتلىك قەدەملەرنىڭ ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئىلمىي يەكۈن ھاسىل قىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يۈزلىنىش تارىخىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ساھەلەرنىڭمۇ بۈگۈنگىچىلىك تەرەققىيات مۇساپىسىمۇ شۇنداق. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغۇچى مەغلۇپ بولغۇچە باسقان ھەربىر قەدىمىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، مەغلۇپ بولۇش ھالقىسىنى بېكىتىشى كېرەك. ئەگەر نىشان خاتا تاللانغان بولسا ياكى زادىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا تۇتۇش قىلىنغان بولسا، بارلىق ئەقىل – پاراسەتنى، كۈچ – قۇدرىتىنى ئىشقا سالغان بىلەنمۇ بەرىبىر مەغلۇپ بولىدىغان گەپ. خاتا بېسىلغان قەدەمدىن خەيرلىك نەتىجە چىقمايدۇ. تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلەشتە ئاكتىپ پوزىتسىيىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى چوقۇم ئاكتىپ ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئىلگىرىلەش، ماسلىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىت، شەرت – شارائىت ئامىلى، ۋاقىت ئامىلى، ماددىي كۈچ، تېخنىكا، ماھارەت قاتارلىقلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. قىسقىسى، مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا پسىخىك جەھەتتە نورمال بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەجرىبە – ساۋاقنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.


    ھاياتلىق مۇساپىسىدە بىر ئادەمنىڭ ھەمىشە مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىۋېرىشى، يەنە بىرىنىڭ ھەممە ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋېرىشى ناتايىن. تۇرمۇشتا سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇشنى بىلىپ، دادىل ياشىغاندىلا، ناچار ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچى »چېگرا رايون سودا بازىرى«دا ئوبدانلا جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق بىر دوستۇم بار. ئىلگىرى ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىغىچە ئوقۇيالىغان ئىكەن. 16 ياشقا كىرگەن يىلى يۇرتىدىكى بىر نەچچە بالىغا قوشۇلۇپ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ. بۇ يەردە بىر مەزگىل قېقىلىپ – سوقۇلۇپ، ئاچ قېلىپ يۈرۈپ ئاخىرى »يەنئەن يولى«دىكى »چېگرا رايون سودا بازىرى«دا بىر خەنزۇ تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدا ھامماللىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزى دېمەتلىك بالىلارنىڭ رۇس سودىگەرلەرگە تەرجىمانلىق قىلىپ ئوبدانلا پۇل تېپىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپتۇ ۋە ئۇلاردىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈكلەردىن بىرەر يۈزنى سوراپ دەپتىرىگە يېزىۋېلىپ بىر ھەپتە جىددىي يادلىۋالغاندىن كېيىن، تەلىيىنى سىناپ »خۇالىڭ« سودا بازىرىغا بېرىپ بىر رۇس سودىگەرگە يېرىم كۈن مال ئېلىشىپ بېرىپتۇ. سودىگەر ئۇنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى كۆتۈرگەندىن باشقا قولىغا 100 يۈەن تاپان ھەققى بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ تىل ئۆگىنىپ، رۇسلار كۆپرەك بارىدىغان بازارلارنى ئارىلاپ ھەرىكەت قىلىپ، بىرمۇنچە دائىملىق خېرىدار تېپىپتۇ. ھازىر ئۇ كۈنىگە 2000 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان، 500 مىڭ يۈەنگە يارايدىغان ئۆيى، ئالىي دەرىجىلىك پىكاپى بار، تۇرمۇشى باي – شاد ئۇتۇق قازانغۇچىغا ئايلاندى. بۇ ئۇنىڭ بايقاش بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلگەنلىكىنىڭ، تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەلۋەتتە. تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق مىساللار كۆپ.
     
    ھايات يولى تۈپتۈزلا بولمايدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن شەرت – شارائىت، مۇھىت ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي مۇھىت، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىدە قايتماس ئىرادە، سۇنماس جاسارەت بولغاندىلا تۈرلۈك توسالغۇ، بېسىم ۋە قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. سەزگۈر نەزەر، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۈنۈملۈك ھەرىكەت بىرلەشسىلا، ھەرقانداق ئىشتا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، ھايات يولى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلگەن ئىرادىلىكلەر ئۈچۈن تولىمۇ كەڭ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتقانلار ئۈچۈن تار ھەم قورقۇنچلۇقتۇر.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-22 0:06:54]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.