غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(8)

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:19:00

غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(8)رابىندىرات رۇسسېلتاھىر ھامۇت تەرجىمىسى ئاناكساگوراسنى ئاتېئىزمچى دەپ قاراش خاتا. بىراق ئۇنىڭ ئىلاھقا بولغان كۆزقارىشى پەلسەپىۋى بولۇپ، ئاتېننىڭ دۆلەت دىنىغا ئۇيغۇن ك...

     غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(8)
    رابىندىرات رۇسسېل
    تاھىر ھامۇت تەرجىمىسى

        ئاناكساگوراسنى ئاتېئىزمچى دەپ قاراش خاتا. بىراق ئۇنىڭ ئىلاھقا بولغان كۆزقارىشى پەلسەپىۋى بولۇپ، ئاتېننىڭ دۆلەت دىنىغا ئۇيغۇن كەلمەيتىئۇ دەل ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق نائورتودوكسال تەشەببۇسى تۈپەيلىدىن، ئىلاھقا ئىشەنمەسلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. چۈنكى ئۇ ئىلاھنى «نۇس» بىلەن باراۋەر قىلىپ، بارلىق ھەرىكەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان. بۇنداق پىكىر مۇقەررەر ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، چۈنكى ئۇ تەبىئىي ھالدا مەۋجۇد دىنىي مۇراسىملارنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، مانا مۇشۇ نۇقتىدا ئۇ پولىسنىڭ نوپۇزىغا تېگىپ كەتكەن.
        پىتاگوراس ۋە ئۇنىڭ مەكتىپىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 510-يىلى نېمە ئۈچۈن كروتوندىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بەلكىم بىز مەڭگۈ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، بىراق بۇ ئېقىمنىڭ دۇرۇس شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. چۈنكى، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، پىتاگوراس سىياسىيغا ئارىلاشقان. گرىك پەيلاسوپلىرى ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، كىشىلەر گەرچە پەيلاسوپلارغا كەڭ قورساق ۋە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پەيلاسوپلار تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىلا، كەسپىي سىياسىيدىن ئىبارەت بۇ پاسكىنا سۇنى قوچۇۋېتەتتى. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئەڭ جىلە قىلىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەقىللىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىۋېتىش بولسا كېرەك. ئېنىقكى، مانا مۇشۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن كروتونلۇقلار پىتاگوراسنىڭ مەكتىپىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. بىراق بۇنداق سەۋەپ تۈپەيلىدىن مەكتەپنى ياكى ئادەمنى كۆيدۈرىۋېتىش ئەنئەنىگە قارشى پىكىرلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىشكە نىسبەتەن ئەزەلدىن ئاقماي كەلگەن. گەرچە بۇ ئېقىم ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىدە شەرق تەرەپتىكى گرىتسىيىگە قايتىپ كەتكەن ئامان قالغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بۇئېقىمنىڭ كۆزقاراشلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ كەڭ تارقالغان.
        بىزگە مەلۇمكى، ئېلېئا ئېقىمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئەسلىدە پىتاگوراسنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىدى. كېيىن، ئېلېئالىق پەيلاسوپ زېنو پىتاگوراسنىڭ سان توغرىسىدىكى نەزىرىيىسىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ نەزەرىيىنى چۈشىنىش زۆرۈر. پىتاگوراسنىڭ قارىشىچە، سانلار بىرلىكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، شۇنداقلا، بىرلىكلەر نۇقتىلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ھەمدە ستېرېئولۇق ھەجىمگە ئىگە بولىدۇ.
        بۇ نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، بىر نۇقتا ئورۇن بەلگىلەيدىغان بىر بىرلىكتىن ئىبارەت، يەنى، قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ مەلۇم ھەجمى بولىدۇ. سان توغرىسىدىكى بۇ بۇ نەزەرىيە راتسىئونال سانلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تامامەن يېتىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەرقانداق چاغدا بىر راتسىئونال ساننى بىرلىك قىلىپ تاللىغىلى بولىدۇ: ھەر قانداق بىر راتسىئونال سان مۇشۇ بىرلىكتىكى پۈتۈن ساننىڭ ھەسسىسى بولىدۇ. بىراق ئىرراتسىئونال سانلارغا كەلگەندە بۇنداق چۈشەندۈرۈش ئاقمايدۇ. ئىرراتسىئونال سانلارنى بۇنداق ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئىرراتسىئونال» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئەقىلسىز ئەمەس، بەلكى چەكسىز ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، پىتاگوراس ئۇنى مۇشۇ مەنىدە ئىشلەتكەن. بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، پىتاگوراس ئېقىمىدىكىلەر بىر ئۇسۇلنى كەشپ قىلغان، يەنى، ئارقىمۇ ئارقا تەخمىنىي قىممەتلەر ئارقىلىق مۇشۇ تېگى-تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان سانلارغا ئېرىشمەكچى بولغان. بۇ دەل يۇقۇرىدا ئېيتىلغان دەۋرىي كەسىر قۇرۇلمىسى ئىدى. بۇنداق قاتاردا ئارقىمۇ ئارقا قەدەملەر نۆۋەتلەشكەن ھالدا نىشاندىن ئېشىپ كېتىدۇ ياكى نىشانغا يېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ نىشاندىن ئېشىپ كېتىدىغان ياكى نىشانغا يېتەلمەيدىغان مىقدارى بارغانسېرى كېمىيىدۇ. بىراق بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە چەكسىز بولىدۇ. بىز ئېرىشمەكچى بولغان ئاشۇ ئىرراتسىئونال سان دەل مۇشۇ جەرياننىڭ لىمىتىدۇر. بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، بۇ ئارقىلىق بىز ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان، بۇ لىمىتقا قانچە يېقىنلاشسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان تەخمىنىي قىممەتكە يېتەلەيمىز. بۇ نۇقتا ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى زاماندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لىمىت ئۇقۇمىغا تامامەن ئوخشايدۇ. شۇنداق قىلىپ، سان توغرىسىدىكى بىر نەزەرىيە تۇرغۇزۇلغان. ھالبۇكى، بىرلىك دېگەن بۇ ئۇقۇم تارقاق بولغان سانلارنى ۋە ئارقىمۇ ئارقا بولغان مىقدارلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرمىگەن. پىتاگوراسنىڭ نەزەرىيىسى گېئومېترىيىگە تەدبىقلانسىلا، بۇخىل قالايمىقانچىلىق دەرھال ئاشكارىلىنىدۇ.
      بىز زېنونىڭ تەنقىدلىرىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، بۇ قىيىنچىلىقنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. پىتاگوراس ماتېماتىكىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەمەرىسى ئىدىيىلەر توغرىسىدىكى نەزەرىيىدىن ئىبارەت. بۇ نەزەرىيىنى سوقرات قوبۇل قىلغان ھەمدە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. ناۋادا پلاتوننىڭ گېپى ئىشەنچلىك بولسا، بۇ نەزەرىيىنى ئېلېئا ئېقىمىدىكىلەرمۇ قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ نەزەرەيىنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى مەنبەسىنى بىز يۇقۇرىدا ئانچە-مۇنچە پۇرىتىپ ئۆتكەنىدۇق. پېتاگوراس تېئورېمىسىنى مىسالغا ئالساق، ئىنتايىن دەل بىر تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنى ۋە بۇ ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى تەرەپ قىلغان بىر كۋادراتنى سىزىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئۆلچەش بىھۇدە ئىش. چۈنكى ئۇلار ھەرقانچە دەل سىزىلغان تەقدىردىمۇ، مۇتلەق دەل بولمايدۇ، راستىنى ئېيتقاندا، مەڭگۈ مۇتلەق دەل بولمايدۇ. بۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق بىر تېئورېمىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىزدە مۇتلەق مۇكەممەل بولغان، پەقەت ھېس قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سىزغىلى بولمايدىغان بىر شەكىل بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئەمەلىي شەكىل قەلبىمىزدىكى ئاشۇ ئوبرازغا پەقەت ئازدۇر-كۆپتۇر يېقىنلىشالايدۇ خالاس.
    مانا بۇ ئىدىيىلەر نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىي مەنىسىدۇر. بۇ نەزەرىيە كېيىنكى پىتاگوراس ئېقىمىنىڭ مەشھۇر تەشەببۇسلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.